ئالتۇن شار مۇكاپاتى

ئالتۇن شار مۇكاپاتى

ئالتۇن شار مۇكاپاتى (Golden Globe Awards) رەسمىي زىياپەت كېچىلىكى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكىنىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە مۇكاپاتىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ئالتۇن شار مۇكاپاتى
چەتئەلچە نامى Golden Globe Awards
باشلىنىشى 1943-يىلى
خەنزۇچە نامى 金球奖
مۇكاپات تۈرى خاسلىقى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى
باشچىلىق قىلغۇچى ھوللىۋود چەتئەل مۇخبىرلار جەمئىيىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتۇن شار مۇكاپاتىئالتۇن شار مۇكاپاتى (Golden Globe Awards) رەسمىي زىياپەت كېچىلىكى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكىنىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە مۇكاپاتىدۇر، بۇ كېچىلىكنى ۋوللىۋود چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇكاپات 1943-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 96 نەپەر مۇخبىر (تەخمىنەن 3 دىن 2 قىسىملىرى ئىشتىن سىرت مۇخبىرلاردۇر) نىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. 2003-يىلىدىن ئىلگىرى، بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىش زىياپەت كېچىلىكى ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ بېلەت تاشلاش كۈنىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلەتتى. 2003-يىلدىن كېيىن بۇ مۇكاپاتنى 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئوسكار مۇكاپاتىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇقىم ھالدا ھەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتىدۇ. 2008-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى «ئامېرىكا سىنارىستلار جەمئىيىتى» نىڭ ئىش تاشلىشى تەسىرىدە توختاپ قالغان.

ئالتۇن شار مۇكاپاتىئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتى 1943-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ۋوللىۋود چەتئەللىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىش ئورنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن. بۇ مۇكاپات ھەر يىلدىكى تۇنجى تارقىتىلىدىغان مۇكاپات بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇكاپاتنى «ئوسكار مۇكاپاتى» نىڭ فليۇگېر (شامال يۆنىلىشىنى كۆرسەتكۈچ) ى دەپ قارايدۇ. ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئۇستاتلىق بىلەن پۇل تاپىدىغان مۇكاپات تۈرىدۇ، بۇ مۇكاپاتنىڭ فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىگە تىزىملاتقان خارەكتېرى خەيرى-ئېھسان فوندى جەمئىيىتى شەكلىدە بولۇپ، «پۇل تېپىشنى مەقسەد قىلمايدىغان ئورگان» دۇر، شۇڭلاشقا ۋوللىۋود چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيتىنىڭ كىرىمىدىن باج تاپشۇرۇلمايدۇ. 2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا «ئامېرىكا سىنارىستلار جەمئىيىتى» ئىش تاشلىغانلىقتىن، 65-نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش زىياپەت كېچىلىكى تېلېۋىزوردا نەق مەيداندىن تارقىتىلمىغان. ئالتۇن شار مۇكاپاتى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 1 سائەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.

ئالتۇن شار مۇكاپاتىئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئامېرىكا كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى مۇھىم مۇكاپات تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر، بۇ مۇكاپاتنىڭ جەمئىي 24 تۈرلۈك مۇكاپات تۈرى بار.

1956-يىلىدىن ئىلگىرى، ئالتۇن شار مۇكاپاتىدا پەقەت كىنو مۇكاپاتى تۈرلىرىلا تارقىتىلغان بولۇپ، كېيىن تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى تۈرلىرى قوشۇلغان.

ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئەڭ نادىر سىنارىيە، ئەڭ نادىر رېژىسور، ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم، ئەڭ نادىر ئەر، ئايال باش ئاكتىيور مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار، بۇ مۇكاپاتلار 96 نەپەر مۇخبىرنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. ئالتۇن شار مۇكاپاتى نامىزاتلىرى تىزىملىكى ھەر دائىم روژدوستىۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تەسس قىلىنغان مۇكاپات تۈرلىرى

كىنو مۇكاپاتى

ئالتۇن شار مۇكاپاتى   ئەڭ نادىر دراماتىك تۈرىدىكى فىلىم

   ئەڭ نادىر مۇزىكىلىق ۋە كومدىيەلىك فىلىم؛

   ئەڭ نادىر رېژىسسور؛

   ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور: دراماتىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور: دراماتىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور: مۇزىكىلىق ۋە كومدىيەلىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور: مۇزىكىلىق ۋە كومدىيەلىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر يانداش ئەر ئاكتىيور؛

   ئەڭ نادىر يانداش ئايال ئاكتىيور؛

   ئەڭ نادىر سىنارىيە؛

   ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا؛

   ئەڭ نادىر ناخشا؛

   ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم؛

   ئەڭ نادىر كارتون فىلىم؛

   Cecil B. DeMille ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى؛

تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى

ئالتۇن شار مۇكاپاتى   ئەڭ نادىر دراماتىك تۈرىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى؛

   ئەڭ نادىر مۇزىكىلىق ۋە كومىدىيەلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى؛

   ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور: دراماتىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور: دراماتىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور: مۇزىكىلىق ۋە كومدىيەلىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور: مۇزىكىلىق ۋە كومدىيەلىك تۈردىكى؛

   ئەڭ نادىر كۆپ قىسىملىق قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى تېلېۋىيە فىلىمى؛

   ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور: كۆپ قىسىملىق قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى تېلېۋىيە فىلىمى؛

   ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور: كۆپ قىسىملىق قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى تېلېۋىيە فىلىمى؛

   ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور: تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كۆپ قىسىملىق قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى تېلېۋىيە فىلىمى؛

   ئەڭ نادىر ئايال يانداش ئاكتىيور: تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كۆپ قىسىملىق قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى تېلېۋىيە فىلىمى؛[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#