كەتىرا چىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كەتىرابۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى 50-80 سانتىمېتىر ئۆسىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شىنجاڭ كەتىراسىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، قۇرۇتۇلغان يىلتىزى سىلىندىر شەكىللىك، يۇقىرى تەرىپى تومراق، تۆۋەن تەرىپى ئىنچىكىرەك، سىرتى كۈلرەڭگە مايىل سېرىق رەڭدە، تەمى سەل تاتلىق، پۇرىقى سۇس بولىدۇ، يىلتىزى كەتىرا چىنى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
1.يۈرەك قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى: يۈرەك كلاپانلىرىنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىش، تاجسىمان قىزىل قان تومۇرى، يۈرەك قان − تومۇرىنى ھەم پۈتۈن بەدەندىكى قان − تومۇر ئۇچلىرىنى كېڭەيتىش، تېرە قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، بالىياتقۇنى قىسقارتىش تەسىرى بار.
2.باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە: تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى،كۆيدۈرگە تاياقچە باكتېرىيىسى، A تىپلىق قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى، خولېرا تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۆپكە ياللۇغى جۈپ شارچە باكتېرىيىسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى، لىمون رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى تورمۇزلايدۇ.
ئىششىق ياندۇرۇش، تېرىنى يۇمران قىلىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، گۆش ئۈندۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، تەرلەشنى توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئىچىنى توختىتىش، ھەر خىل چىقۇقلارنى ئورنىغا كەلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
كۆپ تەرلەش، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچ سۈرۈش، سوڭى چىقىپ قېلىش، بالىياتقۇ چىقۇقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا، ھەر خىل ئىششىق، ئۇزۇنغىچە ئېغىز ئالمىغان غەلۋىرەك، ھەيز توختاپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. كەتىراچىنىدىن15 گرامنى 9 گرام قانتېپەر، 6 گرام پەرپىيۇن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە،سوڭى چىقىپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقىغا پايدا قىلىدۇ.
2. كەتىراچىنىدىن15 گرام ئېلىپ،15 گرام كەرەپشە ئۇرۇقى،5 دانە چوڭ چىلان قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، يەڭگىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
كۈزدە مېۋىسى يىغىۋېلىنپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.