«فائوست» گېرمانىيە شائىرى گيوتى (1749 −1832-يىللار) نىڭ 60 يىل داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ پۈتكۈزگەن شېئىرىي درامىسى. ئۇ ھومېرنىڭ ئېپوسى، دانتىنىڭ «ئىلاھ كومېدىيىسى» ، شېكېسپېرنىڭ «ھاملېت» ى بىلەن بىر قاتاردا قويۇلۇپ ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى تۆت بۈيۈك ئەسەر دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى «فائوست»
تۈرى شېئىرىي دراما
يازغۇچىسى گيوتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ شېئىرىي درامىنىڭ ماتېرىيالى گېرمانىيىنىڭ  16-ئەسىردىكى خەلق رىۋايەتلىرىدىن ئېلىنغان. باش پېرسوناژى فائوست بىر جاھانكەزدى سېھىرگەر، ئۇ ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىنى، ئىلمىي نۇجۇم ۋە باشقىلارنى بىلەتتى. گيوتى كىچىك ۋاقتىدىلا فائوستقا ئائىت دراما ۋە كىتابلارنى كۆرگەنىدى، ئالىي مەكتەپكە چىقىدىغان چاغدىلا «فائوست» نى يېزىش خىيالى بار ئىدى. گيوتى شېئىرىي درامىسىدا خەلق رىۋايىتىنى ئۆزگەرتىپ، فائوستنى پانىي ئالەمدىكى ئەڭ مول بىلىم، ئەڭ گۈزەل شەيئىلەر، ئەڭ ئالىيجاناب غايە ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن پېرسوناژ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئەسەرنى  18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى پۈتكۈل ياۋروپا سەنئىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلاندۇردى. 

شېئىرىي درامىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى دوكتور فائوست سىرتقا سەيلىگە چىققاندا مىفېست ئىسىملىك دىۋە بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئىككىيلەن توختام تۈزىدۇ، دىۋە ئۇنىڭغا چاكار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى خۇشاللىقلاردىن يەتكۈچە بەھرە ئېلىشىغا ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ، ئەگەر فائوست قانائەت تاپسا، دىۋە غەلىبە قىلغان بولىدۇ. دىۋىنىڭ ياردىمىدە فائوست ياشلىقىغا يېنىپ، ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسىنى باشلايدۇ. ئۇ قىزچاق گانلېيچ بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، خانغا مالىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ساھىبجامال خېلىن بىلەن توي قىلىدۇ، دېڭىز سۈيىدىن تەلەپ قىلىپ قۇرۇقلۇق ئالىدۇ. لېكىن، فائوست باشتىن-ئاخىرىغىچە شەخسىي بەختتىن قانائەتلەنمەيدۇ، ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالسىمۇ، يۈز ياشلىق بوۋاي بولۇپ قالسىمۇ، يەنىلا ئادەم ئۈزلۈكسىز تۇرمۇشنى ۋە ئەركىنلىكنى يارىتىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەسەردە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىش روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

ئەسەردە تەسەۋۋۇر ناھايىتى كەڭ، مەزمۇن مۇرەككەپ، قەدىمكىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئەھۋاللار يېزىلغان، پېرسوناژلار كۆپ بولۇپ، تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىش بىلەن تولغان بىر تارىخىي سۈرەتنى تەشكىل قىلغان.

گيوتى ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا ئەدەبىيات-سەنئەتنى ياخشى كۆرەتتى، ياشلىق چېغىدىكى ئاساسلىق ئەسىرىدىن «گېتس فان پولېچكىن» ناملىق تارىخىي درامىسى، مەكتۇپ ئۇسلۇبىدىكى رومانى «ياش ۋىرتېرنىڭ دەردى» ۋە باشقىلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#