تەيۋەن

تەيۋەن ئارىلى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق ئارال .

نامى تەيۋەن
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون
جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى ماتېرىك سۇپىسى ئۈستىدە
خەنزۇچە نامى 台湾
ئۆلكىسى تەيۋەن ئۆلكىسى
باشقا نامى 福尔摩沙
چەتئەلچە نامى Taiwan

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەيۋەنجۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق ئارال ، تەيۋەن ئارىلى  جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، يەنى دۇڭخەي دېڭىزى بىلەن نەنخەي دېڭىزىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بوغۇزنىڭ ئەڭ تار جايىنىڭ كەڭلىكى ئاران 135 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى بىرقەدەر ئېگىز جايدىن تەيۋەن ئارىلىدىكى ئېگىز تاغ ۋە بۇلۇتلارنى غۇۋا كۆرگىلى بولىدۇ.

تەيۋەن ئارىلى تار ئۇزۇنچاق ھالەتتە بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئەڭ كەڭ جايى ئاران 144 كىلومېتىر؛ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئەڭ ئۇزۇن جايى تەخمىنەن 390 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن ئارالنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 35788 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان موكىغا ئوخشايدۇ. 

تەيۋەنتەيۋەن ئارىلىدىكى تاغ تىزمىلىرى جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە ئۇزۇنىسىغا جايلاشقان، ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي تاغ تىزمىسى خۇددى پۈتۈن ئارالنىڭ ئومۇرتقىسىغا ئوخشايدۇ. غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3950 مېتىر كېلىدىغان يۈيشەن تاغ تىزمىسى − جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ئارالنىڭ تەخمىنەن 3 /1 قسىمى تۈزلەڭلىك، 3 /2 قىسمى تاغلىق .

تەيۋەن ئارالدا خۇددى تاۋاردەك يېيىلىپ چۈشىدىغان شارقىراتما، كۆك ياقۇتتەك كۆللەر، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئورمان ۋە باغچىلار بار بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى ئالى تېغى بىلەن رىيۆ تەن كۆلى، تەيبېي شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان داتۇنشەن مەنزىرىلىك رايونى دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت رايونلىرىدۇر. 

تەيۋەنتەيۋەن ئارىلى تروپىك بەلۋاغ بىلەن مۆتىدىل بەلۋاغ ئارىسىغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ، يامغۇر مىقدارى يېتەرلىك، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى دېڭىز-ئوكياننىڭ تەڭشەپ تۇرۇشىغا ئۇچراپ تۇرغاچقا، قىش پەسلى ئىللىق، ياز پەسلى سالقىن بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى خۇددى باھاردەك تۈس ئالىدۇ، مانا بۇلار شال ۋە مېۋىلىك دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەۋزەل شارائىتتۇر.

 دەريا بىرقەدەر كۆپ بولغان غەربىي قىسىمدىكى تۈزلەڭلىكتىن شال ۋە شېكەر قومۇشى كۆپ چىقىدۇ. بۇ يەردىكى شالدىن يىلىغا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈرۈچ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى. شال، شېكەر قومۇشى ۋە كامفورا تەيۋەننىڭ «ئۈچ گۆھىرى» ھېسابلىنىدۇ. ئارالدىن يەنە مېۋە-چېۋە، بېلىق ۋە راك كۆپ چىقىدۇ. 

تەيۋەن ئارىلى يەنە دۇنياغا مەشھۇر «كېپىنەك پادىشاھلىقى» . ئارالدىكى كېپىنەكنىڭ تۈرى 400 خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق تۈرلەردۇر. مەسىلەن، «كېپىنەكلەر خانىشى» دەپ نام ئالغان سېرىق كۆڭلەكلىك پاپىلىئو كسۇتۇس كېپىنىكىنىڭ خۇددى ئالتۇندەك سېرىق يوللۇق ئارقا قانىتى بار، قۇياش نۇرىدا مەرۋايىت قويۇلغان سېرىق كۆڭلەك كىيىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ؛ ئىككى جىنسلىق خان پەرۋانە كېپىنىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ھەم ئۆزئارا سىممېترىك كەلمىگەن، شۇنداقلا جىنسىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىككى قانىتى بار، ئۇنىڭ سول قانىتى چىشى جىنسلىق، ئوڭ قانىتى ئەركەك جىنسلىقتۇر. بۇنداق كېپىنەكلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 10 مىليون كېپىنەك ئىچىدە بۇنداق كېپىنەكتىن بىرى بولىدىكەن. تەيۋەن ئارىلىدا يەنە قۇشلار سايرىشىپ، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدىغان كېپىنەك جىلغىلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئارالدىكى ئاھالىلەرنىڭ كېپىنەكتىن ياسىغان ئەۋرىشكىلىرى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#