بەن چاۋ

بەن چاۋ

بەن چاۋ مىلادى 32-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادى 102-يىلى ۋاپات بولغان. 

مىلادى 73-يىلى بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بەن چاۋ
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادى 32-يىلى
باشقا نامى 班定远 بەن دىڭيۈەن
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى، ئەلچى چېرىكچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 班超
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادى 102-يىلى
ياشىغان زامان شەرقىي خەن سۇلالىسى
يۇرتى فۇفېڭ پىڭلىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلادى 73-يىلى بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان.

بەن چاۋشەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە جەنۇبىي ھۇنلار ۋە ئوغانلار، سىيانپىلار خەن سۇلالىسى گە ئەل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي ھۇنلار غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى «بەگلىك» لەرنى كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ماددى كۈچىدىن باشقا مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى تولۇقلىما كۈچ قىلغانىدى. ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتتىكى جەنۇبىي يولنى ئىگەللىۋالغان ئۇدۇن خانى شىمالىي يولنى كونتىرۇل قىلغان كۈسەن خانى شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرى يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاقلار ئىدى. شىمالىي ھۇنلار ئۇدۇندا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچى تۇرغۇزۇپ، ئۇدۇننى نازارەت قىلدى ھەم ئۇدۇن خەلقىدىن ھەر يىلى يىپەك قاتارلىق نەرسىلەرنى باج قىلىپ ئالدى. كۈسەن خانىمۇ شىمالىي ھۇنلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ، شىمالىي يولدىكى ئاجىز بەگلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى. غەربىي يۇرت ئەمىلىيەتتە شىمالىي ھۇن قۇلدار ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ تاشقى غەزنىسى بولۇپ قالغانىدى. شىمالىي ھۇنلار يەنە غەربىي يۇرتنىڭ شەرىقىدىكى قوش قاتارلىق بەگلىكلەرنىڭ ئوت، سۈيى مول رايونلىرىغا كۆز تىكىپ، قۇيان خاننى قوۋمى بىلەن تەڭرىتاغ ۋە بارىكۆل بويلىرىغا ئەۋەتىپ چارۋىچىلىق قىلدۇردى. بۇ يالغۇز خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنىڭ ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، يەنە خېشى كارىدورىغا بىۋاستە تەھدىت سالدى. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالسى يۇڭپىڭ 16-يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا، دوگۇ باشچىلىقىدىكى بىر يول قوشۇننى تەڭرىتاغدىكى قۇيۇن خانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىش بىلەن بىللە بەن چاۋنىمۇ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.

بەن چاۋ ئالدى بلەن پىشامشانغا (ھازىرقى شىنجاڭدىكى مىرەن ئەتراپى) يېتىپ باردى. پىشامشان خانى گۇاڭ دەسلەپتە ئۇنى ناھايتى قائىدە-يوسۇنلۇق كۈتىۋالدى. ئەمما شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. بەن چاۋ بىللە كەلگەن 36 نەپەر ھەمراھى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كېچە قاراڭغۇلىقىدىن پايدىلىنى ھۇنلارنىڭ ئەلچىسىگە ئوت بىلەن تېگىش قىلماقچى بولدى. ئۇ ئاۋال ئون ئادەمى داقا-دۇمباقلارنى ئېلىپ ھۇنلار قارارگاھىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈشكە، قالغانلارنى قولىغا قورال- ياراق ئېلىپ قارارگاھ ئىشكىنىڭ ئىككى يېنىغا مۆكۈنۈشكە بۇيرىدى. كېچە شامال يۆنىلىشى بويىچە ئوت يېقىلغان ھامان قارارگاھنىڭ ئالدى- كەينىدىكىلەر قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈپ، داقا-دۇمباق چېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھۇن ئەلچىسى قالايمىقانچىلىقتا ئۆلتۈرۈلدى. قالغان يۈز نەچچە ھۇن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن «ئەل» چۆچۈپ ۋەھمىگە چۈشۈپ، «خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

بەن چاۋبەن چاۋ ئارقىدىن ئۇدۇنغا باردى. ئۇدۇن خانى گۇاڭدې شىمالىي ھۇنلار ئەلچىسىنىڭ ئۆز «ئېلى» دە تۇرۋاتقانلىقى سەۋەپلىك بەن چاۋغا ناھايتى سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ داخان-باخشىلارغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ۋەزىر سىلەيبىنى ئەۋەتىپ بەنچاۋنىڭ قارا تۇمشۇقلۇق قۇلا ئېتىنى سورىدى. بەن چاۋ بۇ ئىشلارنى ئاستىرىتتىن بىلىپ بولغاچقا، ئاتنى داخاننىڭ ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتتى ھەم كەلگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، سىلەيبىنى تۇتۇپ باغلاپ، داخاننىڭ كاللىسى بلەن قوشۇپ گۇداڭدېغا ئەۋەتىپ بەردى. گۇداڭدې بەن چاۋنىڭ پىشامشادىكى ئىشلىرىنى ئاڭلىغان بولغاچقا، قاتتىق قورقۇپ ھۇن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بەن چاۋغا ئەل بولدى. غەربىي يۇرتتىكى باشقا «بەگلىك» لەرمۇ ئوغۇللىرىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتتى. جەنۇبىي يولدىكى ھەر قايسى بەگلىكلەر تىنجىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ غەربىي يۇرت بىلەن خەن سۇلالىسى نىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 50-60 يىل بولغان ئالاقىسى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى (ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەت قۇرغاندىن باشلاپلا خەن سۇلالىسى نىڭ غەربىي يۇرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، يۇڭپىڭ 16-يىلى قايتا ئەسلىگە كەلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#