ئەڭ چوڭ كىنو شەھىرى

ھوللىۋود كىنو شەھىرى
ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭقى چىققان ھوللېۋۇد كىنو شەھىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ چوڭ كىنو شەھىرىدۇر. 

نامى ھوللېۋۇد كىنو شەھىرى
ئىنگىلىزچە نامى Hollywood
خەنزۇچە نامى 好莱坞电影城
ئورنى لوس-ئانجىلىس شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭقى چىققان ھوللېۋۇد كىنو شەھىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ چوڭ كىنو شەھىرىدۇر. بۇ شەھەر ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى تىنچ ئوكيانغا ياندىشىپ تۇرغان لوس-ئانجىلىس شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. پۈتۈن ھوللېۋۇد كىنو شەھىرى ئاساسەن جەنۇبىي ھوللېۋۇد شەھىرى، غەربىي ھوللېۋۇد شەھىرى، شىمالىي ھوللېۋۇد شەھىرى ۋە بۇرمنىك شەھىرى دەپ تۆت رايونغا بۆلۈنگەن. 20-ئەسىردە، ئامېرىكىدىكى فوكس، مىگاۋمې، كولومبىيە، ۋاننا، قوشما شىتاتلار ئامېرىكىسى، پلامىن، يەرشارى ۋە رېنىۋۇ دەپ ئاتالغان سەككىز چوڭ فېلىم شىركىتى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كىنوسىتۇدېيىسى، كىنو لېنتىلىرىنى ئىشلەش زاۋۇتى ۋە كىنو مېخانىزم زاۋۇتى قاتارلىق كىنو سەنئىتى سانائىتىنىڭ مۇتلەق كۆپى مۇشۇ جايغا مەركەزلەشكەن. ھازىرقى ۋاقىتتا تېلېۋىزىيە راۋاجلانغانلىقتىن، ھوللېۋۇد كىنو شەھىرىدە يەنە كولومبىيە رادىئو شىركىتى قاتارلىق ئۈچ تېلېۋىزور ئىستانسىسى قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ لېنتا ئىشلەش مەركىزى ياكى ئىجارىگە ئالغان كىنو ستودىيىلىرى بولۇپ، كىنو سىتودىيىسى بىلەن تېلېۋىزور ئىستانسلىرى جانلىق باغلانغان، ھوللېۋۇد كىنو شەھىرى ئۆز كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى بويىچە دۇنيادا ھەقىقەتەنمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ھوللېۋۇد كىنو شەھىرىنى مۇھاجىرلار قۇرغان. دۇنيانىڭ بۇ ئىستىراھەت «ئىمپېرىيە» سى-ھوللېۋۇد كىنو شەھىرىنى بەرپا قىلغان ئاتاقلىق ئەربابلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك چەت ئەللەردىن بارغان مۇھاجىرلاردۇر. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#