قانتېپەر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈشەندۈرۈشى
قانتېپەرقانتېپەر بولسە 50~100 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان قوڭغۇراق گۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك
شىنجاڭ قانتېپەرى (بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ خەلقىمىز ئارسىدا يەن «تۈرسۈلداق» ھەم «سۇغۇر سېسىقئوتى» دېگەن نامىمۇ بار)بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «قانتېپەر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.تاغ جىلغىلىرى ۋە تاغ باغرىدىكى ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەڭرىتاغلىرى، ئالتاي تاغلىرى ۋە قارىقۇم تاغلىرىدىن چىقىدۇ.
قان تولۇقلاش، ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
قانتېپەر1. قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيىش، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش.
2. ھەزىمنى ياخشىلاش تەسىرى بار.
3. (تەننى) بەدەننى كۈچلەندۇرۇش تەسىرى بار. كىچىك چاشقان تەجىربىسىدە بۇ خىل ئۈنۈمى ئىسپاتلانغان.
4. ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى . كىچىك چاشقان تەجىربىسىدىن ئۇنىڭ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىرى ئارقىلىق ئوخلاش ۋاختىنى قىسقارتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان
سوپۇنلار، قەنتلەر، خلاۋونلار، سىتروئىدلار، ئۇچۇچان ماي، بىئولوگىيىلىك ئىشقار، پالماتىك كىسلاتا قاتارلىق ئامىنو كىسلاتاسى تۆمۈر(Fe)، سىنىك(Zn)، مىس(Cu) قاتارلىقلار.
1. شېكەر50 گرام، قانتېپەر 60 گرام، قاينىتىپ ئىچسە، قان كۆپەيتىپ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. قانتېپەر، زىرە 10 گرام، بەدىيان، پىننە، جۈۋىنە 7 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ
ھەبۇبى كېر، ماتىدىل ھاپات
قان ئازلىق، تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، بالىلاردىكى ئىشتېھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تىبابىتى خام دورىلار ئىلمى 1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.