لاۋۇزىر

لاۋۇزىر

لاۋۇزىر (1743-1794) فرانسىيە لىك خىمىك كۆيۈشنىڭ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيەسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت توغرا نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاۋۇزىر
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1743-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى خىمىك ،بىئولوگ
چەتئەلچە نامى Antoine-Laurent de Lavoisier
خەنزۇچە ئىسمى 安托万-洛朗·德·拉瓦锡
يۇرتى فرانسىيە پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1794-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فرانسىيە لىك خىمىك لاۋۇزىر  (1743-1794) فرانسىيە لىك خىمىك كۆيۈشنىڭ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيەسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت توغرا نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىمىيىنى ئەينى چاغدىكى فلوگىستون تەلىماتىنىڭ گۇڭگالىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تۇيۇق يولدىن داغدام يولغا باشلىغاچقا، يېقىنقى زامان خىمىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان.

لاۋۇزىر ياشىغان دەۋردىكى كىشىلەر، ماددىلاردا فلوگىستون بولغانلىقى ئۈچۈن ماددىلار كۆيىدۇ، دەپ قارايتتى. لاۋۇزىر نوپۇزغا خۇراپىيلارچە ئىشەنمەستىن، تەجرىبە نەتىجىسىگىلا ئىشىنەتتى. ئۇ فوسفور كۆيگەندە چىقارغان ئاق ئىسنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئۆلچەپ، ئىسنىڭ ئەسلىدىكى فوسفوردىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ئۇ بۇنى فوسفور بىلەن ھاۋانىڭ بىرىككەنلىكى دەپ قارىغان. ئۇ يەنە فوسفور قاچىلانغان تەخسىنى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان پۇرۇپكا جازىسىغا قويۇپ، فوسفورغا ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، دەرھال ئەينەك ياپقۇچ بىلەن ئۇنى قاپلاپ قويىدۇ، ياپقۇچ ئىچىگە قويۇق ئاق ئىس توشىدۇ. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، سۇ ئورنى 5 تىن 1 قىسىم ئۆرلەيدۇ، بۇ ياپقۇچ ئىچىدىكى 5 تىن 1 قىسىم ھاۋانىڭ فوسفور بىلەن بىرىككەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇ يەنە گۈڭگۈرتتىن ئوخشاش تەجرىبە ئىشلەپ، ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ فلوگىستون نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ ۋە كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغان گازنى ئوكسىگېن دەپ ئاتايدۇ.

لاۋۇزىر كۆيۈش تەجرىبىسى ئىشلىگەندە، مېتال ھىم ئەينەك ئىچىدە كۆيگەندە پەيدا بولغان مېتال كۈلى دەسلەپتە ئىشلىتىلگەن مېتالدىن ئېغىر بولسىمۇ، قىزدۇرۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قاچا ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ تەجرىبە تەتقىقات نەتىجىلىرى ماددا ماسسىسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلەر ئەينى چاغدا ھىدروگېننى «كۆيىدىغان ھاۋا» دەپ ئاتايتتى، بىراق ھىدروگېن كۆيگەندە ھاسىل بولغان ماددىنى ئېنىق بىلمەيتتى. لاۋۇزىر كۆپ قېتىم تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، ھىدروگېن كۆيگەندىن كېيىن سۇ پەيدا بولىدىغانلىقىنى، سۇ يەنە ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېنغا پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ پۈتكۈل تەجرىبىنى چوڭ بىر تەھلىل تارازىسى ئۈستىدە تەكرار-تەكرار ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ رېئاكسىيىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى ئومۇمىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەزەلدىن قېتىرقىنىپ ئىشلەش روھىغا ئىگە لاۋۇزىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم-پەن تەتقىقاتى خىزمىتىگە بېرىلىپ كەتكىنىدە، ئۇنىڭ بېشىغا ئاپەت كېلىدۇ. ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامىلىپ، 1794-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مويتۇڭزىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. فرانسىيە ئۆزىنىڭ بۇ كاتتا ئوغلىنى ئۆلتۈرىدۇ، دۇنيا ئەڭ نادىر ئالىمدىن مەھرۇم قالىدۇ. مەشھۇر ماتېماتىك لاگرانژې ھەسرەتلىنىپ: «ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىش ئۈچۈن بىر دەقىقە بولسا كۇپايە، بىراق ئۇنىڭكىگە ئوخشاش كاللىدىن يەنە بىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن بىر ئەسىر كۈتۈشىمىز مۇمكىن» دېگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/146727.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#