قارا پۇرچاق

قارا پۇرچاق

قارا پۇرچاق ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان دانلىق زىرائەتتۇر.

ئۇيغۇرچە نامى قارا پۇرچاق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黧豆

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا پۇرچاق ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان دانلىق زىرائەتتۇر. ئۇنىڭ پوستى قارا رەڭدە بولۇپ، شەكلى بۆرەككە ئوخشايدۇ، تەمى تاتلىق كېلىدۇ.

قارا پۇرچاق _ سېرىق مېغىزلىق ۋە قارا مېغىزلىق قارا پۇرچاق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ھەر ئىككى خىلىنى يېيىشكە بولىدۇ، جۇڭيى دورىگەرلىكىدە قارا مېغىزلىق قارا پۇرچاق دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

قارا پۇرچاق تەركىبىدە ئاقسىل، شېكەر، يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن A، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن E، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە پۇرچاق كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.

مۆتىدىل.

بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىي تولۇقلاش، ھۆللۈك ۋە بۆرەك كېسىلىدىن بولغان  سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىش، زەھەر قايتۇرۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار.

1. قارا پۇرچاقنى بىۋاسىتە پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ، پۇرچاق، سۈت، دۇفۇ، پۇرچاق ئۈگرىسى، پۇرچاق ئۇمىچى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قارا پۇرچاق قەھۋەسى، قارا پۇرچاق كولباساسى، قارا پۇرچاق ماروژنىسى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

2. قارا پۇرچاقنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ، قورۇپ ياكى خام پېتى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دەم سىقىش ۋە ئۈچەي توسۇلۇشنى پەيدا قىلىدۇ.

3. قارا پۇرچاق ئوغرى تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، سېرىقلىق چۈشۈش، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى بارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

4. قار پۇرچاقتىن پۇرچاق سۈتى ۋە دۇفۇ قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. قارا پۇرچاقنى سۇغا چىلاپ ئېزىپ، ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندە قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ، سىرتتىن چاپسا، غەلۋىرەك ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ.

6. قارا پۇرچاقتىن 50 گرام ئېلىپ، 200 گرام ئاچچىقسۇغا سېلىپ ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، شىرنىسىغا قايناق سۇ قوشۇپ، كۈندە چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچنى قارايتىدۇ.

7. ھەر كۈنى كەچتە قارا پۇرچاقتىن 20 دانە، قارا كۈنجۈتتىن بىر قوشۇق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چاچنى قارايتىدۇ.

قارا پۇرچاق كۆپ ئىستېمال قىلىنسا تالنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#