قۇرسى ئايارەنجى پەيقىرا
قۇرسى ئايارەنجى پەيقىرا قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك قۇرس بولۇپ، تەمى ئاچچىق. غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنى تازىلاش، بەدەننى كۈچەيتىپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇرسى ئايارەنجى پەيقىرا قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك قۇرس بولۇپ، تەمى ئاچچىق. غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنى تازىلاش، بەدەننى كۈچەيتىپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.باش ئاغرىش، نېرۋا ئاجىزلىق، مۇپاسىل ، نۇقرەس، بوغۇم ئاغرىقى ۋە تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
قۇرس
ياسىلىشى
يۇقۇرىدىكى 7 خىل دورىدىن زەپەرنى ئېزىپ تالقانلايمىز. سەبرى ۋە مەستىكىنى ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ يۇقۇرىدىكى زەپەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز. قالغان ئاسارۇن قاتارلىق 4 خىل دورىغا سۇ قوشۇپ 3 قېتىم قاينىتىمىز، بىرىنچى قېتىم 2.5سائەت، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملار 1.5 سائەت قاينىتىلمىلارنى بىرلەشتۈرۈپ،سۈزۈپ، سۈزۈلمىنى نىسپىي ئېغىرلىقى(℃50) 1.32~1.30 بولغان قىيام ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇرىدا دىيىلگەن تالقان ۋە قوشۇمچىلار بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپدانىچىلاپ،قۇرۇتۇپ، 1000تال قۇرس بېسىپ تەييارلىنىدۇ، ياكى نېپىز قەۋەتكە ئورىلىدۇ.
دورىدىن 5تال ئېلىپ،ئېزىپ مېنتانولدىن 02ml قوشۇپ، سۇ ۋاننىسىدا قىزىتىپ ئۆرلىگىچە قاينىتىپ، بىر نەچچە مىنۇت چالغىتىپ، سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. باربالوئىن سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ، مېنتانول قوشۇپ ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 5mg دىن دورا تۇتقان ئېرىتمە تەييارلاپ، بۇنى سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى قىلىمىز. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(10∶2∶1)ئېتىل ئاتسىتات-مېنتانول-سۇنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلۇق لامپا (365nm) دا كۈزىتىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك يالتىراق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا تابلىت ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل،قوشۇمچە I D) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
ھامىلىدارلار،ھەيز دەۋرىدىكىلەر،بالا ئىمىتىۋاتقانلار ۋە جىددىي ئۈچەي ياللۇغى بارلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.