كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى

2011-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20-قېتىملىق دائىمىي يىغىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ماقۇللىغان، 2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2011-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区事业单位机构编制管理办法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى

             شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

                                166-نومۇرلۇق

2011-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20-قېتىملىق دائىمىي يىغىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ماقۇللىغان، 2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

                                                                        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

                                                                               2011-يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات-ئىشتات خىزمىتىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا مۇشۇ چارىدە ئېيتىلغان كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرى ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەت مۈلكىدىن پايدىلىنىپ ئاچقان، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە ئاپپارات ۋە ئىشتات باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتا ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىۋېتىش، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىۋېتىش، باشقۇرۇش بىلەن بېجىرىشنى ئايرىۋېتىش ۋە ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەش، ھەرىكەتلىك باشقۇرۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ياكى دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي فۇنىكسىيەنى كەسپىي ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ مەمۇرىي فۇنىكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلارنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتات خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتات خىزمىتىگە دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرۇش كۈندىلىك خىزمىتىنى كونكرېت ئۈستىگە ئېلىپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ.

6-ماددا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشتاتىنى بېكىتىشنى تەستىقلىشى كېرەك. تەستىقلانغان ئاپپارات ۋە ئىشتات خادىملارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ۋە خىراجەت ئاجرىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

7-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ چارىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار ئەرز-شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

2-باب ئاپپارات قۇرۇش ۋە ئىشتات بېكىتىش

8-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش؛

(2) ئېنىق قۇرغۇچى ئورۇن بولۇش؛

(3) ئېنىق مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى بولۇش؛

(4) قانۇنلۇق ۋە مۇقىم مەبلەغ مەنبەسى بولۇش؛

(5) زۆرۈر خىزمەت سورۇنى بولۇش؛

(6) ساپاسىغا تەلەپ قويۇلىدىغانلار قانۇن بويىچە مۇناسىپ ساپاغا ئېرىشىش؛

(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

كەسپىي ئورۇننى قۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش ۋە تەكشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

9-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات نامىنى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانىلارنىڭ نامىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك، ئادەتتە ئۇ ئاكادېمىيە، مەھكىمە، مەكتەپ، ئورۇن، ئىستانسا، پونكىت، يۇرت، كوپىراتىپ ۋە مەركەز دەپ ئاتىلىدۇ، ۋاھاكازا.

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەتتە بىرلا نام ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ خىزمەتكە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولسا، قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن، باشقا نامنى تەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ.

10-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىراجەت شەكلى تولۇق سوممىلىق خامچوت باشقۇرۇش، پەرقلىق سوممىلىق خامچوت باشقۇرۇش ۋە كىرىم-چىقىمغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى باشقۇرۇش، دەپ ئايرىلىدۇ.

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىراجەت شەكلى ئۇلار ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت، ۋەزىپە ۋە خىراجەت مەنبەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ ياكى تەڭشىلىدۇ.

11-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات دەرىجىسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ فۇنىكسىيەنى ئادا قىلىشىنى بىۋاسىتە مەدەت كاپالىتىگە ئىگە قىلغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات دەرىجىسى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارمىقى ياكى خىزمەت تارمىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قۇرۇلغان ئاپپاراتنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

12-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۇلارنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە ھەمدە قانۇن-نىزاملار ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

13-ماددا كەسپىي ئورۇنلار ئارا مەسئۇلىيەت ئايرىش ۋە خىزمەتنى جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتتە باشقىچە پىكىر بولسا، ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ ماسلاشتۇرۇشىغا ئايرىم ياكى بىرلىكتە سۇنۇش كېرەك. ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان ئالاقىدار تارماقلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، ۋاقتىدا ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك.

14-ماددا ئاپپاراتىنىڭ دەرىجىسى مۇئاۋىن ناھىيە(باشقارما) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان ياكى ئىشتاتى كۆپرەك، خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىرراق بولغان كەسپىي ئورۇنلار ئىچكى ئاپپاراتلارنى قۇرسا بولىدۇ؛ كۆلىمى كىچىك، ئىشتاتى ئاز بولغانلار ئىچكى ئاپپاراتنى قۇرمايدۇ. ئاپپاراتىنىڭ دەرىجىسى بۆلۈم دەرىجىگە تەڭ كەسپىي ئورۇنلار ئادەتتە ئىچكى ئاپپاراتلارنى قۇرمايدۇ.

مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

15-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتات سانى دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشتات ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدۇ. ئىشتات ئۆلچىمى بولمىغانلىرىنىڭ شۇ كەسپىي ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، ئورۇن كۆلىمى، ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە كەسپ ئالاھىدىلىكى، شۇنىڭدەك مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىقلارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

كۆلىمى چوڭراق بولغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتاتىنى مۇددەتكە بۆلۈپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ سانى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

16-ماددا كەسپىي ئورۇنلار بېكىتىلگەن ئىشتات سانى ئىچىدە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت ئورنى قويىدۇ:

(1) كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ئومۇمەن شۇ ئورۇندىكى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %70ىدىن كەم بولمايدۇ؛

(2) ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىش ئورنى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى باشقۇرۇش ئىش ئورنى ئومۇمەن شۇ ئورۇندىكى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %50 دىن كەم بولمايدۇ؛

(3) ماھارەت مەشغۇلاتى، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئىش ئورنلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ماھارەت مەشغۇلاتى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى ئومۇمەن شۇ ئورۇندىكى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %50ىدىن كەم بولمايدۇ.

كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرىدىن باشقا ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇۋاپىق قۇرۇلما نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

17-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئېنىق مەسئۇل تارمىقى بولۇشى كېرەك. مەسئۇل تارماق كەسپىي ئورۇنلارنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەش، ساھەلەر بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا كەسپىي ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئۇنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ:

(1) نامى، تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، ئاپپارات دەرىجىسى، مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسى، ئىچكى ئاپپاراتلىرى، ئىشتات سانى، خادىملار قۇرۇلمىسى، رەھبەر سانى ۋە خىراجەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە ياكى ئۆزگەرگەن بولسا؛

(2) ئاپپاراتلار قوشۇلۇپ ياكى ئايرىلىپ كەتكەن بولسا؛

(3) باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە.

19-ماددا كەسپىي ئورۇنلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ:

(1) مەسئۇل تارماق ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا؛

(2) مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى قالمىغان بولسا؛

(3) ئاپپاراتنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەن بولسا؛

(4) ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە ئۇنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بولسا.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىسا، ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

20-ماددا كەسپىي ئورۇنلار قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپپارات-ئىشتات، مالىيە، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ۋاقتىدا بېرىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك.

3-باب تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى

21-ماددا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتاتىدا مەخسۇس تەستىقلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتاتى تەستىقلانغان ھامان، ھەرقانداق كەسپىي ئورۇننىڭ ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

22-ماددا كەسپىي ئورۇننى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانغا يازما ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك. ئىلتىماسنىڭ مەزمۇنى ئاپپاراتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ سەۋەبى، مەقسىتى، ئاپپارات نامى، تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، ئاپپارات دەرىجىسى، مەسئۇلىيەت-ۋەزىپىسى، ئىچكى ئاپپاراتلىرى، ئىشتات سانى، خادىملار قۇرۇلمىسى، رەھبەر سانى، خىراجەت شەكلى، شۇنىڭدەك ئاساسلىنىدىغان ئالاقىدار ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

كەسپىي ئورۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ھەقدارلىق-قەرزدارلىق ئىشلىرىنى ئېنىقلاش ۋە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

23-ماددا كەسپىي ئورۇننى قۇرۇش ياكى ئۇنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى تەڭشەش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىدۇ:

(1) ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتى-ئىشتاتىنى تەڭشەشنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان تەستىقلايدۇ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ؛

(2) ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) گە قاراشلىق مۇئاۋىن ناھىيە (باشقارما) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋە (ناھىيە شەھەر، رايون) گە قاراشلىق مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاپپارات-ئىشتاتىنى تەڭشەش ھەققىدە شۇ دەرىجىلىك ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتى لايىھە قويۇپ، بىر دەرىجە يۇقىرى ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ؛

(3) باشقا كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى تەڭشەشنى شۇ دەرىجىلىك ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

كەسپىي ئورۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

24-ماددا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، كەسپىي ئورۇنلارنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاپپارات-ئىشتاتىنى تەڭشەشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە دەلىللەپ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىشى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئىسپات ئاڭلىشى كېرەك.

25-ماددا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ كەسپىي ئورۇننى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابىنىڭ مەزمۇنى ئاپپارات نامى، تەۋەلىك مۇناسىۋىتى، ئاپپارات دەرىجىسى، مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپە، ئىچكى ئاپپاراتلىرى، ئىشتات سانى، خادىملار قۇرۇلمىسى، رەھبەر سانى، خىراجەت شەكلى ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

4-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

26-ماددا كەسپىي ئىشتات بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان «ئىشتات ئىشلىتىش ئۇقتۇرۇش قەغىزى»نى تارقىتىدۇ. كەسپىي ئورۇنلار «ئىشتات ئىشلىتىش ئۇقتۇرۇش قەغىزى»دىكى ئىشتات سانى بويىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان خادىملارنىڭ رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ.

27-ماددا كەسپىي ئىشتاتنى مەمۇرىي ئىشتات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا تەكشىلاتلارنىڭ كەسپىي ئىشتاتنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتاتنى، رەھبەر سانىنى ۋە نىسبەت بويىچە سەپلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تارماقنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق باشقا تارماقلاردىن ئۆز كەسپىگە ماس كەلمەيدىغان ئاپپاراتلارنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىغا، تۆۋەننىڭ ئاپپارات-ئىشتات ئىشلىرى ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا كەسپىي ئورۇنلار شۇ دەرىجىلىك ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ھەققىدە ھەر يىلى بىرىنچى پەسىلدە دوكلات سۇنۇشى ھەمدە ئاپپارات-ئىشتاتقا ئالاقىدار ئىستاتىستىكا ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

29-ماددا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار كەسپىي ئورۇنلارنى تىزىملاش، ئاپپارات-ئىشتاتنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتىنى تەڭشەيدۇ.

30-ماددا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانلار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلار ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگانغا ماسلىشىپ نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تېپىلغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىش مەجبۇرىيىتى ھەمدە بايان قىلىش، ئاقلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قارارى ھەققىدە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

31-ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىسە، ئالاقىدار تارماق بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك:

(1) كەسپىي ئورۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان، ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە قوشۇۋەتكەنلەر؛

(2) كەسپىي ئورۇننىڭ ئاپپارات نامىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛

(3) كەسپىي ئورۇننىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛

(4) كەسپىي ئورۇننىڭ ئاپپارات دەرىجىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛

(5) كەسپىي ئورۇننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەڭشىگەنلەر؛

(6) كەسپىي ئورۇننىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن تەڭشىگەنلەر؛

(7) خادىملارنى ئىشتاتتىكى سانىدىن ئاشۇرۇپ تەڭشىگەن ياكى ئىشتات سىرتىدىكىلەرگە خىراجەت ئاجراتقان، ئىجتىمائىي كاپالەت رەسىمىيىتى ئۆتىگەنلەر؛

(8) خادىملارنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى بويىچە ئادەم سەپلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(9) رەھبەرلەرنى رەھبەر سانىدىن ئاشۇرۇپ سەپلىگەنلەر؛

(10) كەسپىي ئورۇننىڭ ئاپپارات-ئىشتات ئەھۋالىنى يوللىغاندا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

(11) تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي تارماقنىڭ ئاپپارات قۇرۇشىغا ۋە خادىملار ئىشتاتىغا ئارىلاشقانلار؛

(12) مۇشۇ چارىگە خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر.

32-ماددا ئاپپارات-ئىشتات باشقۇرغۇچى ئورگان خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

33-ماددا مۇشۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلۇپ، مەمۇرىي فۇنىكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلار، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشتاتى دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

34-ماددا بۇ چارە 2011-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#