فېتوفى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1844-يىلى ئۇ بوداپىشتقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىككى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان، «يېزىنىڭ بازغىنى» بىلەن «باتۇر يۇھان» ناملىق ئىككى داڭلىق پوئېمىسىنى پۈتكۈزگەن. ئالدىنقىسىدا جەمئىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەر ۋە تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاقسۆڭەكلەر ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن ۋە ھەجۋىي قىلغان. كېيىنكىسىدە، بىر مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق، ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ۋە يورۇقلۇققا تەلپۈنۈشى ۋە ئىزدىنىشى ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى يىلى، ئۇ ھەرقايسى جايلاردا ساياھەت قىلىپ، ئىككى پارچە ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلغان ۋە كىنەز-تۆرە، ئاقسۆڭەكلەرنى قامچىلايدىغان، مېھنەتكەش ئاممىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان.
1846-يىلىدىن باشلاپ، فېتوفى تۈرلۈك ئىجتىمائى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان، ئەدەبىي ژۇرنال چىقارغان، شائىرلارنىڭ شېئىرنى قورال قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشلەرگە ئاڭلىق خىزمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ جەڭگىۋار روھقا تولغان نۇرغۇنلىغان سىياسىي لىرىكىلارنى يازغان. مەسىلەن: «مەن ۋېنگرىيە لىك» دېگەن شېئىرىدا ئۆز ۋەتىنىنى مەدھىيەلىگەن، ۋەتەننىڭ ئويغىنىشىنى ئۈمىد قىلغان؛ «مېنىڭ ناخشام » دا قۇللارنى قوزغىلىپ، پۇتىدىكى كىشەننى پاچاقلاپ تاشلاشقا چاقىرغان؛ «قان تۆككەن كۈنلەرنى چۈشۈمدە كۆردۈم» دە ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا، يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن؛ «بىر خىيال بىئارام قىلماقتا مېنى» دا يەنە غايەت زور قىزغىنلىق بىلەن ئىنقىلاب بوران-چاپقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى چاقىرىق قىلغان.
1848-يىلىنىڭ بېشىدا ئىنقىلاب دولقۇنى ياۋروپانى قاپلىدى، ۋېنگرىيە خەلقى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۇردى، فېتوفى ئىنقىلابنىڭ بايراقدارى بولدى. ئۇ ئىنقىلابىي خەلقنى باشلاپ، جەڭ مارشىنى ياڭرىتىپ، كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى، ئاممىۋى يىغىلىشتا ئۆزىنىڭ يېڭى ئەسىرى «مىللەت ناخشىسى» نى دېكلاماتسىيە قىلىپ، «قوزغال! ۋېنگرىيەلىكلەر، بىزنى ۋەتەن چاقىرماقتا! پەيتى كەلدى، ھازىرمۇ كېچىكمەيمىز! . . .»دەپ چاقىرىق قىلدى. شائىر يەنە، «دېڭىز داۋالغۇماقتا»، «1848-يىلى»، «ھۆرلۈككە مەدھىيە»، «جۇمھۇرىيەت»، « غەزەپ ئوقىنى ئاتتىم» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، خەلقنىڭ كۈچىنى مەدھىيەلەپ، خەلقنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاخىرىغىچە قانلىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا تەشنالىقىنى ئىپادىلىدى.
ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فېتوفى نۇرغۇن جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلارنى يازغان شۇنداقلا ئۆزى بىۋاسىتە قورال ئېلىپ، دۈشمەنلەر بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.