باروك سەنئىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باروك سەنئىتى « باروك » 1600- يىلىدىن 1750- يىللىرى ياۋروپادا ئەۋج ئالغان بىر خىل بەدىئىي ئۇسلۇب.
رەسساملىق جەھەتتىلا بولۇپ قالماستىن، باروك سەنئىتى پۈتكۈل سەنئەت ساھەسىدە، مۇزىكا، بىناكارلىق، بېزەك سەنئىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەزمۇنى ئىنتايىن مۇرەككەپ.
تەتۈر دىنىي ئىسلاھات مەزگىلىدە ئىتالىيەدە پەيدا بولغان، ياۋروپادىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپ قىسىم رايونلاردا تەرەققىي قىلغان، كېيىن كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگىچە تەسىرى بولغان.
باروك بىر خىل زامان، ماكان جەھەتتە تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان بەدىئىي ئۇسلۇب ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى شۇ چاغدىكى دىن بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.
لېكىن ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى كەسكىنلىكنى بۇزۇپ تاشلىغان، مەنالىق ۋە تەكشى، كاتتا ۋە ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى، كۈچلۈك ھېسسىيات ئىپادىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن، كەيپىيات قىزغىن، جىددىي، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بەدىئىي ئۈنۈم ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
كلاسسىزملار باروكنى بىر خىل چۈشكۈنلۈكنى پارچىلايدىغان سەنئەت دەپ قارىغان، پەقەت ئاخىرىدا، باروك سەنئىتى بىر قەدەر ئادىل بولغان باھاغا ئېرىشكەن.
باروك سەنئىتى 16- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پەيدا بولغان، ئۇنىڭ گۈللەنگەن ۋاقىتى 17- ئەسىر، 18-ئەسىرگە كىرگەندە شىمالىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا رايونلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارا- بارا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
باروك سەنئىتى ئەڭ بالدۇر ئىتالىيەدە بارلىققا كەلگەن، شۈبھىسىزكى تەتۈر دىنىي ئىسلاھاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، رىم ئەينى ۋاقىتتىكى دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ مەركىزى، شۇڭا ئۇنىڭ رىمدا بارلىققا كېلىشى ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس، باروك سەنئىتىنى دىنىي كەشىپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دىنىي جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان، دىن تەرپىدىن پايدىلانغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چېركاۋ بولسا ئۇ ئەڭ كۈچلۈك كۈچ تۈۋرۈكى.
باروك سەنئىتىنىڭ ئۇسلۇبى دىنىي جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئاساسلىقى ئىتالىيە، فلاندرس، ئىسپانىيە قاتارلىق كاتولىك دىنى ئەۋج ئالغان دۆلەتلەردە مودا بولغان. ئىتالىيە سەنئەتچىسى بىننى بىلەن رەسسام فلاندېرېسنىڭ ئەسەرلىرى 17- ئەسىردىكى باروك سەنئەتىنىڭ ئەڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن.
باروك ( Baroque) بۇ خەت ئىسپان تىلى ۋە پورتۇگال تىلىدىكى « شەكلى ئۆزگەرگەن مەرۋايىت » (barroco) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. سۈپەت سۆزى قىلغان، بۇ خەت « چاكىنا قالايمىقان » دېگەن مەنىدە. ياۋروپالىقلار دەسلەپتە بۇ سۆزنى « كىلاسسىك تەكشى ئالاھىدىلىكى كەمچىل ئەسەرلەر»گە ئىشلەتكەن، ئۇ ئەسلىدە 18- ئەسىردە كلاسسىك سەنئەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ،17-ئەسىردىكى ئوخشىمىغان ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ئۇسلۇبىغا قويغان سەلبىي مەنىدىكى نامى، ھازىرمۇ بۇ سۆز ئەسلىدىكى مەنىسىنى يوقاتقان، 17- ئەسىردە ياۋروپادا ئەۋج ئالغان بىر خىل سەنئەت ئۇسلۇبىنى كۆرسەتكەن.
گەرچە « باروك » كلاسسىك تەڭپۇڭ كەمچىل بولغان چەكلەشنى سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە باروك سەنئەتكارلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشدىكى ئۇستازلار بىلەن ئوخشاش، لايىھىلەش ۋە ئۈنۈمىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بولىشىغا بىرلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، باروك ئۇسلۇبى ئارقىلىق مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : « ھەرىكەت » بىلەن « ئۆزگەرتىش »نى ئالاھىدىلىكى قىلغان، بولۇپمۇ جىسمانىي ۋە كەيپىيات جەھەتتە شۇنىڭ بىلەن بىرگە باروك شۇنداقلا ياسالمىلىق مەسلىكىنىڭ بىر خىل ئەكسىيەتچىلىكى بولغان.
سەنئەت جەھەتتە « دەھرىيلىشىش »كە يۈزلەنگەن، كۈچ - قۇۋۋىتى تولۇق , دادىلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ھەتتا چوڭ ئىش قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن. ئەدەبىيات جەھەتتە مەشھۇر يازغۇچىلاردىن شېكېسپېر، سېرۋانتېس، رەسىم جەھەتتە مەشھۇر رەسساملاردىن رۇبېنس لىنبۇلانت قاتارلىقلار، ھەممىسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر يەنە بۇ مەزگىلدە، ياۋروپا سىرتقا كېڭىيىپ مۇستەملىكتە، بارا- بارا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىنى ئىگەللىگەن.
17- ئەسىردە ياۋروپا زوراۋانلىق بىلەن كىڭەيگەن، چەت ئەللەردىكى كاتتا بايلارنى تالان تاراج قىلغان، تۇرمۇشتا ھەشەمەتلىك بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇڭا بىناكارلىق، نەغمە ‐ ناۋا، گۈزەل سەنئەتنى ھەشەمەتلىك جانلىق، قىزغىن بولغان ھېسسىيات باي بولىشىنى تەشەببۇس قىلغان. 17- ئەسىردىكى ياۋروپادا، كونا دىنى ھوقۇق كۈرىشى پەيدا بولغان. كونا دىنى ھوقۇقى مۇرىتلىرىنى زورلۇق بىلەن باستۇرغان، يەنە سەنئەت ئىدىيىۋى ھالىتىدىن پائال پايدىلىنىپ باروك، ئېزىقتۇرۇپ، كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئارقىلىق پەيدا بولغان. باروك سەنئىتى يات بولغان سەزگۈ ئەزا خۇشاللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ، يەنە خرىستىئان دىنىنىڭ دۇنيا قاراشىغا سادىق، شۇڭا « خىرىستىيان دىنىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى » بولغان.
ئالاھىدىلىكى
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بارۇك سەنئەتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: ئالدى بىلەن ئۇ ئالاھىدىلىكى بار ھەشەمەتلىك، دىننىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان راھەتپەرەسلىك قارشى بولغان رەڭلىرى بولىشى.
ئىككىنچى ئۇ قايناق بىر خىل سەنئەت، ئۇ خىيالدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەقلىي جىمجىتلىقنىڭ يار بولۇشىنى تەكىتلىگەن، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە رومانتىزىملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سەنئەتكارلارنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكىتلىگەن.
ئۈچىنچى، ئۇ كۈچىنىڭ بېرىچە تەكىتلەپ، ھەرىكەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بارۇك سەنئەتنىڭ جېنى دەپ قارىغان.[1]
تۆتىنچى، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ بوشلۇق سېزىمى ۋە ستېرېئولۇق سېزىمگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان.
بەشىنچى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرساللىققا، بارۇك سەنئەتى بەدىئىي شەكىل ئۇنىۋېرسال ۋاستىسى مەسىلەن،بىناكارلىق ۋە ئويمىچىلىققا ، نەققاشلىق ۋە رەسساملىققا ناھايتى ئەھمىيەت بەردى ، بۇنىڭدىن باشقا ، بارۇك سەنئەتى ئەدەبىيات ، دراما ، مۇزىكا قاتارلىق ساھەلەردە بەزى ﺋﺎﻣﯩﻠﻠار ﺑﯩﻠﻪن تەسەۋۋۇرنى ئۆزىگە قوبۇل قىلدى.
ئالتىنچى، ئۇنىڭدا قويۇق دىنىي تۈسكە ئىگە بولغان رەڭلەر بار بولدى دىنىي تېما بارۇك سەنئەتىدە ئاساسىي ئورنى تۇردى.
يەتتىنچى، كۆپ ساندىكى بارۇك سەنئەتكارلىرى تۇرمۇش ۋە شۇ دەۋرنىڭ يۆلىنىشىدىن يىراقلاشتى، ئالايلۇق بەزى سۈرەت ئىچىدە، ئادەمنىڭ ئوبرازى ھېچقانچە مۇكەممەل بولمىغان، بەزىلىرى گۈللۈك سىزىقلارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.
بارۇك سەنئەت پىرى دەپ نام ئالغان بىننى، ئۇ ئىتالىيەدىكى بارۇك ئۇسلۇبى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق نەققاش،بىناكار، رەسسام.
ماي بوياق رەسىمنىڭ ۋەكىللىرى بېلگىيىلىك رۇبىنىس، فەن. دەك، گوللاندىيەنىڭ لوبىلان، ئىسپانىيەنىڭ ۋېلاسىكەس، باخى بىلەن خىڭدىر .....قاتارلىقلار .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.