قەشقەرنىڭ كىلىماتى

 قەشقەر ۋىلايىتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغقا، ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز-ئوكياندىن يىراق، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان، شەرقىي قىسمى ئوچۇق يېرىم يېپىق شەكىللىك ئويمانلىقتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  قەشقەر ۋىلايىتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغقا، ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز-ئوكياندىن يىراق، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە  ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان، شەرقىي قىسمى ئوچۇق يېرىم يېپىق شەكىللىك ئويمانلىقتىن ئىبارەت. شۇڭا، ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات رايونىغا مەنسۇپ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دائىرىنىڭ يەرشەكلى مۇرەككەپ، ئېگىزلىك پەرقى چوڭ. كىلىماتنىڭ گورىزونتال جايلىشىش ۋە ۋېرتىكال جايلىشىش پەرقى روشەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىگە خاس كىلىمات شارائىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئالاھىدە بولۇپ، قۇياش رادىياتسىيىسى، ئاتموسفېرا مۇھىتى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئورتاق تەسىرى ئارقىسىدا، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە كىلىمات شەكىللەنگەن، مۆتىدىل بەلباغ ھاۋارايى سىستېمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى مۇز ئوكيان ھاۋا ماسسىسى، شۇنداقلا سۇبتروپىك بەلباغ ھاۋا ماسسىسى، ھەتتا تۆۋەن كەڭلىكنىڭ ھاۋارايى سىستېمسى بۇ رايونغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ غەرب شامىلى بەلبېغى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىمات ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ، يەنە كېلىپ ئويمانلىقتىكى قۇرغاق كىلىمات ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە. ئاساسلىق ئىپادىسى شۇكى، سوغۇق بىلەن ئىسسىقنىڭ پەرقى چوڭ، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق ئۆزگىرىشى، سوتكىلىق ئۆزگىرىشى ۋە يىللار ئارا ئۆزگىرىشى چوڭ، ھاۋاسى قۇرغاق، ھۆل-يېغىن ئاز، پارلىنىشى تېز، قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىمات ئالاھىدىلىكى روشەن، ئاپتىپى كۈچلۈك، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق. بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق ھاۋا ئازراق بولىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ توسۇشى تۈپەيلىدىن، كىلىماتى شىمالىي شىنجاڭغا ئوخشىمايدۇ؛ ھەرخىك ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى بىرقەدەر كۆپ، قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران ئىنتايىن گەۋدىلىك، تەبىئىي ئېكولوگىيلىك مۇھىتى ئاجىز.

  بەش كۈنلۈك سىيرىلما ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق 0 سېلتسىيە گرادۇس ۋە 20 سېلتسىيە گرادۇس نى پەسىل ئايرىش ئۆلچىمى قىلدى، 0 سېلتسىيە گرادۇستىن كىچىك ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولسا قىش پەسلى، 20 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولسا ياز پەسلى، 0-20 سېلتسىيە گرادۇسقىچە بولسا ئەتىياز پەسلى، 20-0 سېلتسىيە گرادۇس قىچە بولسا كۈز پەسلى بولىدۇ.

ئەتىياز پەسلى

  يىلدا ئوتتۇرىچە 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىياز كىرىدۇ، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 100 كۈنگە يېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە سوغۇق ئىللىق ھاۋانىڭ ئالمىشىش ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ. ھاۋارايى كۆپ ئۆزگىرىدۇ، تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ. باش ئەتىيازدا تېمپىراتۇرا تېز ئۆرلەيدۇ. تۈرلۈك پايدىسىز ھاۋارايى كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، بوران چىقىدۇ، قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، چاڭ-توزان ئۆرلەيدۇ، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، قار-يامغۇر، مۆلدۈر ياغىدۇ ۋەھاكازا. ئەتىياز پەسىللىك ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا تەخمىنەن 14.3 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ.

 ياز پەسلى

  يىلدا ئوتتۇرىچە 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ياز كىرىدۇ، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 98 كۈنگە يېتىدۇ. بۇ مەزگىلىدە دىمىق ئىسسىق بولىدۇ. تومۇز ئىسسىقى ئاز بولىدۇ. كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدۇ، مۇشۇ پەسىلدە تومۇز ئىسسىقى تېمپىراتۇرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇ، ھەرخىل ئىسسىقخۇمار زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن باب كېلىدۇ. ياز پەسىللىك ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا 24.6 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ.

كۈز پەسلى

  يىلدا ئوتتۇرىچە 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈز كىرىدۇ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 81 كۈنگە يېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھاۋا سالقىن بولىدۇ. تېمپىراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ، ھاۋا تېمپىراتۇرىسىنىڭ سوتكىلىق پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. بەزىدە تۆۋەن تېمپىراتۇرا، بالدۇر ئۈششۈك چۈشۈش يۈپەيلىدىن زىيان كېلىپ چىقىدۇ. كۈز پەسىللىك ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا 11.7 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ.

قىش پەسلى

  يىلدا ئوتتۇرىچە 11-ئاينىڭ 27-كۈنى قىش كىرىدۇ، ياندۇرقى يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ۋاقتى 88 كۈنگە يېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھاۋا ئوچۇق ھەم بۇلۇتلۇق بولىدۇ، قار ئاز ياغىدۇ، شامال ئاجىز بولىدۇ، كۆپىنچە چاڭ-توزانلىق، تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە ئۈششۈك چۈشىدۇ، پەسىللىك ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3.8 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ.

كۈن نۇرى

  قەشقەر ۋىلايىتىدە يىلدا كۈن نۇرىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2740 سائەتكە يېتىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغان يىللىرى 3233.6 سائەتكە يېتىدۇ (1963-يىلى كۆرۈلگەن). كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغان يىللىرى 2390.7 سائەتكە يېتىدۇ (1972-يىلى كۆرۈلگەن). ئەڭ ئۇزۇن بولغان يىل بىلەن ئەڭ قىسقا بولغان يىل ئارىلىقىدىكى پەرق 842.9 سائەت بولۇپ، نورمال يىلدىكىنىڭ %85.9-116.2 كىچە. كۈن نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى %60، ئەڭ كۆپ بولغاندا %73، ئەڭ ئاز بولغاندا %54 كە يېتىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش پەسلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرىچە 2097 سائەت بولۇپ، پۈتۈن يىلدىكىنىڭ %75 ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 11.7 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ كەلدى، 1956-يىلى ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 13.1 سېلتسىيە گرادۇس ، 1974-يىلى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا 10.5 سېلتسىيە گرادۇس بولغان. ئەڭ يۇقىرى يىل بىلەن ئەڭ تۆۋەن يىلنىڭ پەرقى 2.6 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، نورمال يىللاردىكىنىڭ %89.7-120 ىگە توغرا كەلگەن.

  1950-يىللاردىن تارتىپ 1990-يىلىغا قەدەر يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. 1950-يىللاردا 11.6 سېلتسىيە گرادۇس ئىدى، 60-يىللاردا 11.7 سېلتسىيە گرادۇس، 70-يىللاردا 11.8 سېلتسىيە گرادۇس، 80-يىللاردا 11.8 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، 0.2 سېلتسىيە گرادۇس ئۆرلىگەن. 1951-يىلىدىن 1988-يىلىغا قەدەر يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىنىڭ تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى 0.5 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئەگەر ئامپىلتۇدادىكى بىر ھەسسە ئۆلچەم پەرقنى نورمال دېسەك، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى +....0.5 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ، 5 سېلتسىيە گرادۇس بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.ئۇ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يىل ئالتە يىل بولۇپ %15.8 نى، بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يىل يەتتە يىل بولۇپ %18.4 نى، نورمال بولغان يىل 25 يىل بولۇپ %65.8 نى ئىگىلىگەن. دېمەك، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 10 يىلدا تەخمىنەن ئالتە يىل نورمال بولغان. ئىككى يىل بىرقەدەر يۇقىرى، ئىككى يىل بىرقەدەر تۆۋەن بولغان.

  قىش پەسلى (12-ئايدىن 2-ئايغىچە). قىشتا ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3.8 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغان يىلى، يەنى 1978-يىلى قىشتا نۆلدىن تۆۋەن 0.9 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىپ، 3.1 سېلتسىيە گرادۇس يۇقىرى بولغان؛ ئەڭ تۆۋەن بولغان يىلى، يەنى 1974-يىلى قىشتا نۆلدىن تۆۋەن 8.6 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىپ، نۆلدىن تۆۋەن 4.6 سېلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قىش پەسلىدە ھاۋا تېمپىراتۇرىسىنىڭ يىللار ئارا ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور بولۇپ، ئىنتايىن تۇراقسىز. قىش پەسلىدىكى تېمپىراتۇرىنىڭ تەرتىپ ئۆلچىمى 1.4 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ. ئەگەر نۆلدىن تۆۋەن 2.5-5.5 سېلتسىيە گرادۇسقىچە بولسا نورمال، نۆلدىن تۆۋەن 2.5 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولسا يۇقىرىراق ھېسابلىنىدۇ. نۆلدىن تۆۋەن 5.5 سېلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولسا تۆۋەنرەك ھېسابلىنىدۇ. 1951-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە قىشلىق تېمپىراتۇرا يۇقىرىراق بولغان ۋاقىت 10 يىلغا يېتىپ، %26.3 نى، تۆۋەنرەك بولغان ۋاقىت ئالتە يىلغا يېتىپ، %15.8 نى، نورمال بولغان ۋاقىت 22 يىل بولۇپ، %57.9 نى ئىگىلىگەن.

  ياز پەسلى (6-ئايدى 8-ئايغىچە). يازدا ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا 24.6 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغان يىلى، 1956-يىلى 27 سېلتسىيە گرادۇسقا، ئەڭ تۆۋەن بولغان يىلى، يەنى 1987-يىلى 23.3 سېلتسىيە گرادۇسقا يەتكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغان يىل بىلەن ئەڭ تۆۋەن بولغان يىلدىكى تېمپىراتۇرا ئۆزگىرىشى %94.3-109.3 كىچە بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياز پەسلىدە تېمپىراتۇرا ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ، تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى %0.6 قا يېتىدۇ. ئەگەر بىر ھەسسىلەنگەن ئۆلچەملىك پەرقنى نورمال دېسەك، بىر ھەسسىدىن چوڭ ۋە ئاز بولغان ئۆلچەم پەرقى بىرقەدەر يۇقىرى ۋە بىرقەدەر تۆۋەن تېمپىراتۇرا ھېسابلىنىدۇ. ياز پەسلىدىكى تېمپىراتۇرا يۇقىرىراق بولغان ۋاقىت ئالتە يىل بولۇپ، %15،8 نى، تۆۋەنرەك بولغان ۋاقىت 10 يىل بولۇپ، %26.3 نى، نورمال بولغان ۋاقىت 22 يىل بولۇپ، %57.9 نى ئىگىلىگەن. بۇنى قىش پەسلىدىكى تېمپىراتۇرا بىلەن سېلىشتۇرساق نورمال يىل نىسبىتى ئوخشاش بولىدۇ، بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يىل بىلەن بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يىلنىڭ نىسبىتى دەل ئەكسىچە بولىدۇ.

ئېكسترېمۇم ھاۋا تېمپىراتۇرىسى

  مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپىراتۇرىسى ئوتتۇرىچە 37.4 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، 1958-يىلى 40.6 سېلتسىيە گرادۇس قا يەتكەن. 1972-يىلى 34.6 سېلتسىيە گرادۇس بولغان. ئۇنىڭ ئۆزگىرىش نورمال قىممىتى %92.5-107.2 كىچە بولغان. دېمەك، يىللىق مۇتلەق ماكسىمۇم تېمپىراتۇرا بىرقەدەر مۇقىم بولغان. يىللىق مۇتلەق مىنىمۇم تېمپىراتۇرا ئوتتۇرىچە نۆلدىن تۆۋەن 18.2 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، 1958-يىلى قىشتا نۆلدىن تۆۋەن 24.4 سېلتسىيە گرادۇس، 1978-يىلى نۆلدىن تۆۋەن 11.8 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش نورمال قىممىتى %64.8-134.1 كىچە بولغان. دېمەك، قىش پەسلىدە تېمپىراتۇرىنىڭ يىللار ئارا ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇپ، مۇقىم بولمىغان تىپقا كىرىدۇ.

جۇغلانما تېمپىراتۇرا

  1. 0 سېلتسىيە گرادۇس تىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان جۇغلانما تېمپىراتۇرا ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 4672 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغان 1956-يىلى 5201 سېلتسىيە گرادۇسقا، ئەڭ ئاز بولغان 1951-يىلى 4508 سېلتسىيە گرادۇسقا يەتكەن، ئەڭ كۆپ بولغان يىل بىلەن ئەڭ ئاز بولغان يىلنىڭ پەرقى 693 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئۆزگىرىش دائىرىسى نورمال قىممەتنىڭ % 96.5-111.3كىچە بولغان دائىرىدە بولغان. ئۇ تۇراقلىق تىپقا تەۋە. تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى 115 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، بىر ھەسسىلەنگەن ئۆلچەم پەرقىنى نورمال دېسەك، بىر ھەسسىدىن ئاز ياكى چوڭ بولغان ئۆلچەم پەرقى بىر قەدەر ئاز بولغان يىل ۋە بىرقەدەر كۆپ بولغان يىلغا ئايرىلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغان يىل سەككىز يىل بولۇپ، %21 نى، بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يىل ئالتە يىل بولۇپ، %15.8 نى، نورمال بولغان يىل 24 يىل بولۇپ، %63.2 نى ئىگىلىگەن.

2. 10 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان جۇغلانما تېمپىراتۇرا ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 4237 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغان 1956-يىلى ۋە 1973-يىلى 4609 سېلتسىيە گرادۇسقا يەتكەن، ئەڭ تۆۋەن بولغان 1953-يىلى 3920 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئەڭ يۇقىرى بولغان يىل بىلەن ئەڭ تۆۋەن يىلنىڭ پەرقى 689 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، ئۆزگىرىش دائىرىسىنىڭ نورمال قىممىتى %92.5-108.8 كىچەبولغان، بۇ مۇقىم تىپقا كىرىدۇ. تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى 132 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يىل 10 يىل بولۇپ، %27 نى، بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يىل 10 يىل بولۇپ، %27 نى، نورمال بولغان يىل 17 يىل بولۇپ، %45.9 نى ئىگىلىگەن. 

  3. 15 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان جۇغلانما تېمپىراتۇرا ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 3591 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغان 1956-يىلى 4350 سېلتسىيە گرادۇس قا يەتكەن، ئەڭ تۆۋەن بولغان 1964-يىلى 2961 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئەڭ يۇقىرى بولغان يىل بىلەن ئەڭ تۆۋەن بولغان يىلنىڭ پەرقى 1398 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش نورمال قىممىتى %82.5-121.1 كىچە بولغان. تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى 242 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يىل سەككىز يىل بولۇپ، %21.6 نى، بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يىل يەتتە يىل بولۇپ، %18.9 نى، نورمال بولغان يىل 22 يىل بولۇپ، %9.5 نى ئىگىلىگەن، بۇ ئاساسەن مۇقىم تىپقا كىرىدۇ.

 4. 20 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان جۇغلانما تېمپىراتۇرا ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 2491 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئەڭ يۇقىرى بولغان 1956-يىلى 3925 سېلتسىيە گرادۇسقا يەتكەن؛ ئەڭ تۆۋەن بولغان 1974-يىلى ئاران 1263 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، ئەڭ يۇقىرى بولغان يىل بىلەن ئەڭ تۆۋەن بولغان يىلنىڭ پەرقى 2662 سېلتسىيە گرادۇس بولغان. ئۇنىڭ ئۆزگىرىش نورمال قىممىتى %50.7-157.6 كىچە بولغان. يىللار ئارا ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىنتايىن تۇراقسىز تىپقا كىرىدۇ. تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى 382 سېلتسىيە گرادۇس بولغان، بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يىل توققۇز يىل بولۇپ، %24.3 نى، بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يىل ئالتە يىل بولۇپ، %16.2 نى، نورمال بولغان يىل 22 يىل بولۇپ، %59.5 نى ئىگىلىگەن.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقداى 61.5 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، 1974-يىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 146.2 مىللىمېتىرغا يەتكەن؛ 1979-يىلى ئەڭ ئاز بولۇپ، ئاران 17.3 مىللىمېتىر بولغان، ئەڭ كۆپ بولغان يىلى ئەڭ ئاز بولغان يىلدىكىنىڭ 8.5 ھەسسىسىگە تەڭ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش نورمال قىممىتى 26.8-226.3% كىچە بولۇپ، ئىنتايىن تۇراقسىز بولغان تىپقا مەنسۇپ.

  1950-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ھۆل-يېغىن كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى، 1950-يىللاردا ھۆل-يېغىن ئوتتۇرىچە 61.3 مىللىمېتىر بولغان بولسا، 1960-يىللاردا 61.4 مىللىمېتىر، 1970-يىللاردا 65.4 مىللىمېتىر، 1980-يىللاردا 67.7 مىللىمېتىر بولغان.

  1951-يىلىدىن 1988-يىلىغا قەدەر يىللىق ھۆل-يېغىننىڭ تەرتىپلىك ئۆلچەم پەرقى 22.6 مىللىمېتىر بولغان، بىر ھەسسە ئۆلچەم پەرقى ئىچىدە بولسا نورمال، بىر ھەسسە ئۆلچەم پەرقىدىن چوڭ بولسا ياكى ئاز بولسا بىرقەدەر كۆپ ۋە بىرقەدەر ئاز بولغان ھېسابلىنىدۇ، بىرقەدەر كۆپ بولغان يىلى سەككىز يىل بولۇپ، %21 نى، بىرقەدەر ئاز بولغان يىلى يەتتە يىل بولۇپ، %18.4 نى، نورمال يىلى 23 يىل بولۇپ، %60.5 نى ئىگىلىگەن.

 بىر يىلنىڭ ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %70 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياز پەسلىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى %36 نى، ئەتىياز پەسلىدىكىسى %15 نى، كۈز پەسلىدىكىسى %15 نى ئىگىلەيدۇ.

  قەشقەر ۋىلايىتىدە سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئوتتۇرىچە 2487 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېتىزلاردا پارغا ئايلىنىش مىقدارى 886 مىللىمېتىر بولۇپ، نەملىك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج پەرقى 712 مىللىمېتىر بولغان.

  بوران دېگىنىمىز، مومېنتلىق بوران تېزلىكى سېكۇنتىغا 17 مېتىردىن تېز ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان ۋە ياكى ئەڭ زور شامال كۈچى سەككىز بالدىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغان شامالنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەتىياز، ياز پەسلىدىكى ئاساسلىق مېتېئوروگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىقى غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ، يىللىق بورانلىق كۈنى ئوتتۇرىچە 19.7 كۈنگە يېتىدۇ. يىللىق، ئايلىق ئۆزگىرىشى خېلى زور، ئەڭ كۆپ بولغان يىللىرى 36 كۈن، ئەڭ ئاز بولغان يىللىرى 11 كۈن بولىدۇ. بوران ئاساسلىقى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ۋاقىتلارغا مەركەزلەشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بوران ئەڭ كۆپ چىقىدۇ، ئوتتۇرىچە تۆت-بەش كۈن بوران چىقىدۇ، ئەتىياز پەسلى بوران مەيلى كۈچلۈكلۈك جەھەتتىن بولسۇن ياكى داۋاملىشىش ۋاقتى جەھەتتە بولسۇن، ئۇ بىر يىلدا ئەڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. بوراننىڭ ئەڭ زور مومېنتلىق تېزلىكى سېكۇنتىغا 35 مېتىرغا يېتىدۇ. بوران كۈچى 12 بال بولۇپ، ئالتە كۈن داۋاملىشىدۇ. داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا 15 سائەتكە يېتىدۇ. ياز پەسلىدە بوران كۆپىنچە ئۆتكۈنچى خاراكتېردە بولىدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، شامال كۈچى ئەتىياز پەسلىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.

 يىللىق ئوتتۇرىچە چاڭ-توزانلىق ۋاقىت 10 كۈن بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 19 كۈن، ئەڭ ئاز بولغاندا تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ، چاڭ-توزان كۆپىنچە بوران بىلەن تەڭ پەيدا بولىدۇ.

  ئۈششۈك پەيدا بولۇش ۋاقتى بويىچە باش ئۈششۈك (دەسلەپكى ئۈششۈك) ۋە كېيىنكى ئۈششۈك  (ئاخىرقى ئۈششۈك) دەپ ئايرىلىدۇ. باش ئۈششۈك كۈز پەسلىدە، ئاخىرقى ئۈششۈك ئەتىياز پەسلىدە پەيدا بولىدۇ. شەكىللىنىش سەۋەبى بويىچە ئادۋېكسىيەلىك ئۈششۈك، رادىياتسىيەلىك ئۈششۈك ۋە ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولغان ئۇنىۋېرسال ئۈششۈك دەپ ئايرىلىدۇ. ئۈششۈكنىڭ يىللار ئارا ئۆزگىرىشى زور بولىدۇ. دېھقانچىلىقنىڭ مۇھىم پەسىللىرىدە، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەزگۈر مەزگىللىرىدە زىيىنى زور بولىدۇ، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىشتا بىرقەدەر روشەن چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۈششۈكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆز جايىنىڭ يەر شەكلى ۋە يەر ئاستى قاتلىمى قاتارلىقلار جەھەتتە پەرق چوڭ بولىدۇ. ئادەتتە ئاخىرقى ئۈششۈكنىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىشنى چەكلەش رولى كۈز پەسلىدىكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئاخىرقى ئۈششۈكنىڭ زىيىنى باش ئۈششۈكنىڭ زىيىنىدىن ئېغىر بولىدۇ.

  تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق توڭ ئاپىتى دېگىنىمىز، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە تېمپىراتۇرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئىسسىقلىقنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەي، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئاستىراق بولۇشى، پىشىش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرلۈشى ياكى پىشماسلىقى، ياخشى پىشماسلىقى، چەكلىمىگە ئۇچرىشى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن مېۋىلەش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى پۇچەكلىرىنىڭ كۆپىيىشى، دان ئېغىرلىقىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، ئاخىرقى ھېسابتا ھوسۇلنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئاپىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئەتىياز پەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىم ئەھۋالى مۇنداق بولىدۇ: قار-مۇزلار، توڭلار ئېرىپ، چارۋا ماللار تۆللەشكە باشلايدۇ، بۇ ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى تېرىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. كۈزگى بۇغداي كۆكەرگەن، بېدە كۆكلىگەن، قارىياغاچ بىخلانغان، ئۆرۈك چېچەكلىگەندە، ئېتىزلار ئوسا قىلىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدۇ. قەشقەردە باش ئەتىياز تەخمىنەن 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ، كەچ ئەتىياز ۋاقتى تەخمىنەن 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ.

  ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىپ كېتىدۇ، ئەتىيازدا تېرىلغان زىرائەتلەر سارغىيىپ پىشىدۇ، بۇ دەل-دەرەخلەرنىڭ بۈك-باراقسان بولۇش ۋاقتى، يېزا ئىگىلىكى يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىلغۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ ئالدىراش پەيتىگە قەدەم قويىدۇ، باش ياز 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ، تومۇز ئىسسىق 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولىدۇ، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ياز ئاخىرلىشىدۇ

 كۈز پەسلىدە كىلىمات ئالاھىدىلىكى مۇنداق بولىدۇ: ھاۋا كىلىماتى سوۋۇشقا باشلايدۇ، كەچ كۈزلۈك زىرائەتلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ ھوسۇل يىغىلىدۇ، قىشلىق زىرائەتلەر تېرىلىشقا باشلايدۇ. تەخمىنەن 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ۋە ئاخىرلىرىغىچە كۈز پەسلى ھېسابلىنىدۇ.

  قىش پەسلىدە كۈزگى بۇغداي ئۆسۈشتىن توختايدۇ، تۇپراق توڭلاشقا باشلايدۇ، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ، چارۋىلار قىشلاقلارغا يۆتكىلىپ، قىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈلىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆپىنچە 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ياندۇرقى يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە قىش پەسلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#