نۇرلانە

نۇرلانە دەرىخى
نۇرلانە-قىزىل يوپۇرماقلىق دەرەخ، تاش يوپۇرماقلىق دەرەخ، سۇلۇق قىزىل دەرەخ، چىشسىمان يوپۇرماقلىق فوتىنىيە، كاتايان ئىت ئۈزۈمى قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلدۇ. نۇرلانە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك، غوللۇق دەرەخ تۈرىگە كىرىدۇ، ئىللىق، نەملىك كىلىماتى ياخشى، سوغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك ئەمەس، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە سايىگە چىداملىق، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى نۇرلانە
تارقالغان رايونلار جوڭگو، ياپونىيە، ھىندونوزىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى نۇرلانە ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石楠
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى نۇرلانە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىخى 

نۇرلانە دەرىخىنىڭ سىرىتقى كۆرىنىشى نۇرلانە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى ئوتتۇرا تىپتىكى ياغاچ غوللۇق دەرەخ، ئېگىزلىكى3 ~ 6 مېتىر بولۇپ، بەزىدە 12 مېتىرغا يېتىدۇ؛ شېخى قوڭۇر كۈل رەڭ، پۈتۈن ئۈسۈملۈكى تۈكسىز، بىخلىنىشى تۇخۇم شەكىللىك، تەڭگە قاسىراقلىق، يۇپۇرماق ئالقىنى قېلىن، ئۇزۇنچاق ئېللىپسسىمان، دۈم تۇخۇم شەكىللىك ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى9 ~ 22 سانتېمىتىر، كەڭلىكى3 ~ 6.5 سانتېمىتىر، ئالدى ئۇچى قۇيرۇقسىمان ئۇچلۇق، تۈۋى يۇمىلاق ياكى كەڭرى شىنا شەكىللىك، گىرۋىكى شالاڭ ئۆسكەن، ئۇششاق ھەرە چىشى بار، تۈۋى قىسمى تولۇق گىرۋەكلىك، ئۈستى پارقىراق، يۇمران مەزگىلدە ئوتتۇرىدا تومۇرى بۇلىدۇ، پىشقاندىن كېيىن ئوتتۇرىدىكى تومۇرى تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ، يوپۇرماق سېپى توم، كۈچلۈك، ئۇزۇنلىقى 2 ~ 4 سانتېمىتىر، يۇمران مەزگىلى تۈكسىز بۇلىدۇ. 

چېچىكى 

چېچەكلەش مەزگىلى 6-،7- ئايلار بۇلۇپ، گۈل رېتى مۇرەككەپ، ئۇچىدا ئۆگزىسىمان ھالەتتە ئۆسىدۇ، دىئامېتىرى 10 ~ 16 سانتېمىتىر؛ ئۇمۇمى گۈل سېپى ۋە تۈكى يوق، گۈل سېپى ئۇزۇنلىقى 3 ~ 5 سانتېمىتىر؛ گۈلى قويۇق ئۆسىدۇ، دىئامېتىرى 6 ~ 8 سانتېمىتىر؛ كاسا نەيچىسى رومكىسىمان، ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر، تۈكسىز، تاقىر؛ گۈل كاسسىسى كەڭ ھەم ئۈچ بۇرجەك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈكسىز، تاقىر؛ گۈل تاجى ياپراقچىلىرىنىڭ رەڭگى ئاق، سەل يۇملاقراق، دىئامېتىرى 3 ~ 4 سانتېمىتىر، ئىچى ۋە تېشى ئىككى يۈزنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈكى يوق؛ ئاتىلىقى 20 دانە، گۈل بەرگىسى بىر قەدەر ئۇزۇنچاق، گۈل بەرگىسىنىڭ ئىچكى ئايلانمىسى بىر قەدەر قىسقا، بەلۋاغ قىسمى سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ؛ ئانىلىق بوينى 2 دانە، بەزىدە 3 دانىمۇ بۇلىدۇ، تۈپى قىسمى بىرىكىدۇ، ئانىلىق تۇمشىقى باشاقسىمان، ئۇرۇقدان ئۇچىدا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. مېۋە 10-، 11-ئايلاردا پىشدۇ، مېۋىسى شار شەكىللىك، دىئامېتىرى 5 ~ 6 سانتېمىتىر، بىر تال ئۇرۇقى بار، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان، قوڭۇر رەڭلىك، سىلىق ھەم تەكشى.

تۈكلۈك گۈل بەرگىلىك نۇرلانە؛

كەڭ يۇپۇرماقلىق نۇرلانە؛

تار يۇپۇرماقلىق نۇرلانە؛

سىلىق يوپۇرماقلىق نۇرلانە؛

قىزىل يۇپۇرماقلىق نۇرلانە؛

نۇرلانە دەرىخىنۇرلانە مۇنبەت، نەم قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئەڭ مۇۋاپىق يېتىلىدۇ، بېخلىنىش كۇچى كۈچلۈك، پۇتاپ چاتاشقا چىداملىق، ئىس ۋە زەھەرلىك گاز جىسىملارغا بەلگىلىك تاقابىل تۇرۇشچانلىقى بار. ئاساسلىقى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە چىنلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ، شىمالىي رايونلاردا ئازراق ئۆستۈرىلىدۇ. تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە، ھەم دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 5-ئاي ۋە 7-ئاي چېچەكلەش مەزگىلى، 10-ئاي مىۋىلەش مەزگىلى.

كۆپەيتىش ئۇسۇلى 

ئۇرۇق ئۈندۈرۈش؛

ئۇرۇق توپلاش؛

يەر تاللاش ۋە تېرىش؛

قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئالدىدىكى تەييارلىق؛

قەلەمچە قىلىپ تىكىش؛

قەلەمچە قىلىپ كۆپەيتىش؛ 

باشقۇرۇش ۋە ئاسراش

مايسا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش؛ 

تىكىشتىن كېيىنكى باشقۇرۇش؛؛ 

سۇ، ئوغۇتنى باشقۇرۇش؛ 

سوغۇقتىن ساقلىنىش؛ 

قىرقىش جەريانىدىكى باشقۇرۇش؛ 

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 

ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش؛  

نۇرلانە دەرىخىنۇرلانە سايىگە چىداملىق، سەل يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، يىلتىزى چوڭقۇر بولىدۇ، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ. مۇنبەت تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ. نەم، تۇپراق قاتلىمى قېلىن، سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى بولغان جايلاردا ئۆسۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ، سەل كىسلاتالىق بولغان قۇمساڭ تۇپراققا ئەڭ ماس كېلىدۇ، 15 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ئىللىق، نەم كىلىماتلىق تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ياخشى ئۆسەلەيدۇ. بىخلىنىش كۈچى كۈچلۈك، پۇتاپ چاتاشقا چىداملىق، ئىس ۋە زەھەرلىك گاز جىسىملارغا بەلگىلىك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 ~ 2500

مېتىر بولغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماندا ئۆسىدۇ. 

 نۇرلانە ئەنخۇي، گەنسۇ، خېنەن، جاڭسۇ، شەنشى، جېجىياڭ، جياڭشى، خۇنەن ،خۇبېي، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، يۈننەن، گۇيجۇ، ياپونىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. 

نۇرلانە دەرىخىنىڭ ياغاچ ماتېرىيالى چىڭ، چاق ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ياساشقا، ماي تارتىشقا بۇلىدۇ، سوپۇن ياكى سىلىقلاش مېيى قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ؛ چارتالنىڭ ئۇلاق ئاستى قىلىشقا بولىدۇ، فوتىنىيە ئارقىلىق ئۇلانغان چارتالنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بۇلىدۇ، نۇرلانە ئۈنۈمسىز تۇپراققا چىداملىق، ئۆسۈشى كۈچلۈك بولىدۇ. 

مەنزىرە قىممىتى 

مەنزىرسى نۇرلانە دەرىخىنىڭ يوپۇرماق توپى قويۇق، يۇمران يوپۇرماقلىرى قىزىل، گۈلى ئاق رەڭلىك. قىش پەسلىدە مېۋىسى قىزىل، نۇرلانە دەرىخىنىڭ كۆرىنىشى ناھايتى چىرايلىق ھەم باراقسان، شاخ يۇپۇرماق تاجىسى تەبىئىي تەرەققىي قىلىپ، يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ياپيېشىل، پارقىراق، باش باھاردىكى يۇمران شاخلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، كونا يوپۇرماقلىرى كۈز پەسلىدە توق قىزىل ھالەتكە كىرىدۇ، ياز پەسلىدە زىچ ئۆسكەن ئاق رەڭلىك گۈللىرى، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چىرايلىق. دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ بۇلۇپ سايىۋەن دەرەخ سۈپىتىدە ناھايتى كۆپ ئورۇنلارغا تىكىلگەن. چىتلاق كۆچىتى قىلىپ تىكىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. باغ-ئورمان كۆكەرتىشتە ئاساسەن شارسىمان ياكى كونۇسسىمان ھالاتتە قىلىپ ئوخشىمىغان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تىكىلىدۇ. باغلاردا ئۆستۈرۈلسىمۇ بۇلىدۇ، چىرايلىق مەنزىرىسى كىشلەرگە باشقىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى 

نۇرلانە دەرىخىنۇرلانە دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى قىممەتلىك قۇۋۋەت دورىسى بۇلالايدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، تىنچلاندۇرۇش ۋە قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولى بار. يەنە يەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلدۇ، كۆك پىت ھەمدە كېسەل قوزغاتقۇچى سپورا قاتارلىقلارنى تورمۇزلاش رولى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#