تاشقورغان بازىرى

تاشقورغان بازىرى ناھىيە بازىرى ئىچىگە، تاشقورغان تارىم دەرياسنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۈزلەڭ جايغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، شەكلى چاسا شەكىللىك، ئومۇمىي كۆلىمى10 كىۋادرات كىلومېتىر. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3240مېتىر، بۇ بازارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيان باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولسا تاشقورغان ناھىيەسى ھەربىي–مەمۇرىي ئورگانلار تۇرۇشلۇق جاي. چېگرىدىكى مۇھىم شەھەر.

ئۇيغۇرچە نامى تاشقورغان بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 5200 ئادەم
كۆلىمى 10 كىۋادىرات كىلومىتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔什库尔干镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تاشقورغان ناھىيە بازىرى
كىلىماتى ئېگىزلىك ۋە سوغۇق، قۇرغاق-يېرىم قۇرغاق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشقورغان بازىرى ناھىيە بازىرى ئىچىگە، تاشقورغان تارىم دەرياسنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۈزلەڭ جايغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، شەكلى چاسا شەكىللىك، ئومۇمىي كۆلىمى10 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3240 مېتىر، بۇ بازارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيان باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولسا تاشقورغان ناھىيەسى ھەربىي–مەمۇرىي ئورگانلار تۇرۇشلۇق جاي. چېگرىدىكى مۇھىم شەھەر، قوشنا دۆلەت پاكىستان بىلەن تۇتىشىدىغان مۇھىم تۈگۈن. ئىلگىرى بۇ بازار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقورغان ناھىيەلىك پارتكوم ، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي ھەم ناھىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. شۇنداقلا تاۋار، ماددىي ئەشيالارنى يىغىش-تارقىتىش بازىرى. 

 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا، بازار بويىچە جەمئىي ئاھالىلەر 1207 ئائىلە، 5464 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك 2632 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %4 نى، خەنزۇ 530 ئادەم بۇلۇپ، %10 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇيغۇر مىللىتى 1847 ئادەمگە يېتىپ، %33 نى تەشكىل قىلدۇ، قىرغىز مىللىتى 443 ئادەمگە يېتىپ، %8 نى؛ باشقا مىللەت  12 ئادەم. بازارنىڭ قارمىقىدا قارىمىقىدا ئۈچ ئاھالىلەر كومىتېتى، توققۇز ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

 "تاشقورغان" ئۇيغۇر تىلىدا "تاش قەلئە" دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيان تارىخىي ھەربىي، مەمۇرىي ئورگان تۇرۇشلۇق جاي بۇلۇپ كەلگەن، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشىكى، كەڭ چارۋىچى ياشاپ  ئۆتكەن جاي، پائالىيەت مەركىزى. غەربىي خەن سۇلالىسى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 206-يىلدىن-مىلادىيە 23-يىلى) يەنى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. تاڭ سۇلالىسى (مىلادىيە 618-مىلادىيە 907-يىلى)، كەييۈەن يىللىرىدا، بۇ يەردىكى كۆكئارت بوقالى تەسىس قىلىنغان. 1902-يىللىرى تاشقورغان نازارىتىنىڭ ئۆتىڭى بولغان، مىنگونىڭ 1912- يىللىرى (1949-يىلى) تاشقورغان ناھىيەسىدىكى باشقۇرۇش ۋە بازار بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن بۇ بازار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيە بازىرى تەسىس قىلىنغان، بۇ تاشقورغان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. 1959-يىلى جەرياندا كوممۇنا، 1985-يىلى تاشقورغان بازىرى بەرپا قىلنىغان، بۇ بازار تاشقورغان ناھىيە بازىرىدىكى تۇرۇشلۇق جاي بۇلۇپ، "تاشقورغان" دىگەن نام ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇل مۇئەسسەسە شارائىتى ناچارلىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستا بولغان. پەن-تېخنىكا، تەربىيلىنىش، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان. 2003-يىلى" 314" دۆلەت يولى كېڭەيتىلىپ ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دائىمىي كومىت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش ۋاڭ لېچۈەن تاشقورغان ناھىيەسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ ناھىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن ھەم  مەبلەغ جەھەتتىن تەڭ ئېتىبار بېرىش، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم بېرىشى ئاستىدا ۋە كەڭ ئاھالىلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، ناھىيە بازىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى  ۋە قۇرۇلۇشى تۈرلىرنى يولغا قويدى، ناھىيە بازىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئەسلىدىكى بىر ئاساسلىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى دەريا، يەتتە كوچا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆينى ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرتىپ، خىش، كېسەك ئۆيلەرنى ئوڭشاپ، شەھەر قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىردى، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە كىچىك بىر قەۋەتلىك ، ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆيلەر سېلىنىپ ئاھالىلەر  كۆچۈرۈلدى. شەھەر مۇھىت تازىلىقى ۋە كۆكەرتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاندى. شەھەر-بازارلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھىيە بازارلىرىغا مەركەزلىشىپ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، يېمەك-ئىچمەك جايلىرىنى قۇردى، ساياھەتچىلىك، مۇلازىملىق،تاۋار توپ سېتىش كەسپى قاتارلىق 10 نەچچە ساھەنىڭ كۆلىمىنى تەدرىجىي زورايتىپ، تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسەسەلەر ۋە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. بۇ بازارنىڭ سۇ بايلىقى مول، ئىككى دەريا بار، بازار غەربىدىكى ئۈچ غول ئۆستەڭ، شەرق تەرىپىدىكى تاشقورغان دەرياسىنى  كېسىپ ئۆتۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئوتلاق «ئالتۇن ساھىل» نى ھاسىل قىلغان. ئورمان كۆلىمى 880 مو، دەل-دەرەخ 5 مىليون 900 مىڭ، نەچچە مىڭ  تۈپ كۆچەت تىكىلدى. پۈتۈن بازاردىكى نىسپىي ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ ھەم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆكتات پارنىكى قۇرۇپ بىر قەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ  ئاساسلىقى ئەمگەك كۈچى ئېكسپورت قىلىش ۋە ھۆكۈمەت تارقاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىقلاردىن كېلدىغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچى ئېكسپورت قىلىش يىللىق كىرىمنىڭ 60 پىرسەنتىدىن ئېشىپ، 2004-يىلنىڭ ئاخىرىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي كىرىمى ئاشقان. بازار بويىچە جەمئىي سودا-سانائەت، يەككە تىجارەتچىلەر 607 دىن ئارتۇق بۇلۇپ، چېگرا ئىچىدىكى 314-دۆلەت تاشيولى ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، تىرانسپورت تەرەققىياتى تېز بولۇپ، 2004-يىلدىكى سىتاستىكىغا   قارىغاندا، بازار بويىچە جەمئىي چوڭ-كىچىك توشۇش ئاپتوموبىلى 150 كە يەتكەن.

تاشقورغان يولى: ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر. كوچا ئىككى تەرىپىدىكى ئاساسلىق ئورۇنلاردىن ناھىيىلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى، ناھىيىلىك ئوتتۇرا ئەترەت، ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، شەھەر-بازار ساقچىخانىسى، خەلق دوختۇرخانىسى، يول ئاسراش ئۇچاستىكىسى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى،ساۋاب مېھمانخانىسى، مۇز تاغ مېھمانخانىسى، پوچتا-تېلېگراف مېھمانسارىيى، شىنخۇا كىتابخانىسى، تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى، سودا ساھەسى، مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان ھاراق زاۋۇتى، تۆۋەنكى بەلدىر قۇرۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلىش خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى، يەنە يېمەك-ئىچمەك بار، مال سېتىۋېلىشقا بۇلدىغان 17 دۇكان بار، قويۇق تاجىك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ھەر خىل ھەيكەل شەكلى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاشقورغان ناھىيە بازىرىدا ساياھەت مال سېتىۋېلىش كوچىسى شەكىللەنگەن. 

قونجىراپ يولى: ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر. ئىككى ئاساسلىق ئورۇنلاردىن، تاشقورغان ناھىيەلىك پارتكوم ، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، تېلېگراف، پوچتا ئىدارىسى، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، سىياسىي كېڭەش، ناھىيىلىك مەكتەپ، تاشقورغان بازىرى، ھۆكۈمەت، تاش شەھەر مېھمانخانىسى، چارۋىچىلىق ئىدارىسى، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق سودا رايونى، تاشقورغان ناھىيەسى سودا مۇلازىمىتى كوچىسى بار.

جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق يولى: ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر. ناھىيىلىك خەلق ھۈكۈمىتى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى، تاموژنا،چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ،شەھەر-بازارلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، ۋودوپروۋود شىركىتى، تۇرۇبا سۈيى شىركىتى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى قاتارلىقلار بار. "314 " دۆلەت يولىنىڭ تاشقورغان ناھىيە بازىرىدا قاتناش بۆلىكى ئۇزارتىلدى. 

مۇزتاغ ۋوگزالى: ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا-ئىگىلىك بانكىسى، خەلق سوتى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، باج ئىشلىرى ئىدارىسى، بىرلەشمە ئالاقە شىركىتى، ئارخىپ ئىشخانىسى، شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، مۇزېي، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو،كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، سودا-سانائەت ئىدارىسى، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، پىلان كومىتېتى قاتارلىقلار بار.

1-ئاھالە كومىتېتى: يەنى بۇلاق كۆل ئاھالىلەر كومىتېتى،"بۇلاق كۆل" بۇلاق سۈيى بار جاي دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئاھالىلەر كومىتېتىدا نەچچە بۇلاق كۆزى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان، قەدىمكى تاش شەھەر خارابىسى ئاستىدا. بۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى 200 گە، نوپۇسى 888 كە يەتكەن.

2-ئاھالىلەر كومىتېتى : تاش شەھەر ئاھالە كومىتېتى. سىستېمىسى تولۇق، بازىرىنىڭ مەركىزى ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل. تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ 375 مىڭغا، نوپۇس 1471 ئادەمگە يەتكەن. 

3-ئاھالە كومىتېتى: چېچىلىپ كەتكەن ئاھالىلەر كومىتېتى، "كارا" خەنزۇ تىلى بويىچە "تەرەققىيات" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى 692 گە، نوپۇس 2868ئادەمگە يەتكەن. 

شەھەر-بازار ساقچىخانىسى: 2001-يىلى قۇرۇلغان، يەتتە نەپەر خەلق ساقچىسى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#