پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر بىر نەچچە مىزانى

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر بىر نەچچە مىزانى» پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگەيەنىمۇ تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» غا ئاساسەن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك-تەلەپچان بولۇش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە دائىر بىر نەچچە مىزانى
مەقسىتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش
خەنزۇچە نامى 中国共产党党员领导干部廉洁从政若干准则

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىستىلى ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش پارتىيەنىڭباشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتىدىغان زور سىياسىي ۋەزىپىسى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن-فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ،پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى؛ ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈش،مەسئۇلىيەتنى توغرا ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم كۈچلۈك ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى شەرت؛ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى شەرت؛ پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلق ئارىسىدا نەمۇنىلىك رول ئويناپ، ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشى شەرت؛ پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، پاك بولۇپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكىتىدە باشتىن-ئاخىر پاك بولۇشى شەرت؛ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشى شەرت.

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك ئىشلىشىگە تۈرتكەبولۇشتا، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىگەئاساسەن، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇش شەرت.

1-باب پاك ئىشلەش ھەرىكەت قائىدىسى

1-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسى جەھەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پۇل-مېلىنى سوراش، ئېلىش ياكى ئارىيەت ئېلىش نامىدا ئىگىلىۋېلىش؛

(2) ۋەزىپىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشئېھتىمالى بولغان سوۋغاتنى ئېلىش، زىياپەتكە بېرىش، شۇنىڭدەك ساياھەت قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش؛

(3) ھۆكۈمەت ئىشىدا سوۋغات پۇل ۋە ئاكسىيە، چىقىم دوكۇمېنتلىرىنى ئېلىش؛

(4) سودا قىلىش، پۇل-بىساتنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش؛

(5) بىلىدىغان ياكى ئىگىلىگەن ئىچكى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش؛

(6) تۇرالغۇنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارتۇق ئىگىلىۋېلىش ياكى ئەرزان-قولاي ئۆي، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي قاتارلىق كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ-سېتىش.

2-ماددا تىجارەتلىك پائالىيەت بىلەن ئاستىرتىن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش؛

(2) بازارغا سالمىغان شىركەت (كارخانا) نىڭ پېيى ياكى ئاكسىيەسىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگە بولۇۋېلىش؛

(3) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايچېكى ئېلىپ-سېتىش ياكى باشقا ئاكسىيە مەبلىغى سېلىش؛

(4) دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا شىركەتنى شەخسىي رويخەتكە ئالدۇرۇش ياكى شەخسىي مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇش؛

(5) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىسىگە ھەق ئېلىش، شۇنىڭدەك ھەقلىق ۋاسىتىچىلىك قىلىش؛

(6) ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ياكى پېنسىيەگە چىقىپ ئۈچ يىلغىچە، ئەسلىي ۋەزىپىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان رايون ۋە كەسىپ دائىرىسىدىكى پۇقراۋى كارخانا، چەت ئەل سودىگىرى مەبلەغ سالغان كارخانا ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ تەكلىپ قىلغان ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىش ياكى ئەسلىي ۋەزىپىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك تىجارەتلىك پائالىيەت بىلەن شەخسىي شۇغۇللىنىش.

3-ماددا ئومۇمنىڭ پۇل-مېلىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئومۇمنىڭ نامىدا ئېلىپ ئۆز چۆنتىكىگە سېلىش، ئومۇمنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەتنى ھۆكۈمەتكە ئاتچوت قىلدۇرۇش ياكى چىقىم قىلدۇرۇش؛

(2) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئومۇمنىڭ پۇل-مېلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش ياكى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىش؛

(3) ئومۇمنىڭ پۇلىنى شەخسىي ئامانەت قويۇش، ساقلاش؛

(4) ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەت قىلىش ياكى باشقىچە شەكىلدە ساياھەت قىلىش؛

(5) ئومۇمنىڭ پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەر خىل كۇلۇبلارغا ئەزا بولۇش؛

(6) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ سودا سۇغۇرتىسى ئېلىش، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش، قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇل، مۇكاپات پۇل قاتارلىقلارنى قالايمىقان تارقىتىش؛

(7) ئومۇمنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش ياكى ئازغىنە پۇل تۆلەپ قويۇپ، ئومۇمنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش؛

(8) ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق ئومۇمنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش ياكى ئۆتنە بېرىش.

4-ماددا كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكىھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئەمەلگە ئېرىشىۋېلىش ياكى باشقىلارنى ئەمەلگە ئېرىشتۈرۈش؛

(2) كادىرلارنى كۆرسىتىش، كۆزىتىش، غۇلغۇلا قىلىش، تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشتا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلماسلىق؛

(3) كادىرلارنى دېموكراتىك كۆرسىتىش، دېموكراتىك باھالاش، كۆزىتىش، غۇلغۇلا قىلىش، مۇزاكىرە قىلىپ قارارقىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(4) كادىرلارنى كۆزىتىش خىزمىتىدە ئەينى پاكىتنى يوشۇرۇش ياكى بۇرمىلاش؛

(5) دېموكراتىك كۆرسىتىش، دېموكراتىك باھالاش، تەشكىل كۆزىتىشتە ۋە سايلامدا ئاۋاز توپلاش قاتارلىق تەشكىلسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىش؛

(6) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ تۆۋەننىڭ ياكى ئەسلىي ۋەزىپە ئۆتىگەن جاينىڭ، ئىدارىسىنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىگە ئارىلىشىۋېلىش؛

(7) خىزمەت تەڭشەلگەن، ئاپپارات ئۆزگەرتىلگەن چاغدا زەربىدارلىق بىلەن كادىر ئۆستۈرۈش، تەڭشەش؛

(8) كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتدە ۋەدە بېرىپ قويۇش، يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش.

5-ماددا خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسى جەھەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خادىملارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، باشقا تۇغقانلىرى ھەمدە يېنىدىكى خادىملارنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ياكى ئۆستۈرۈشكە بۇيرۇش؛

(2) جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى ھەمدەباشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئوقۇش، تەربىيەلىنىش، ساياھەت قىلىش خىراجىتىنى ئومۇمنىڭ پۇلىدىن چىقىم قىلىش، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى ھەمدە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا ئولتۇراقلىشىش، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن شەخسلەر ياكى ئاپپاراتلاردىن ماددىي ياردەم سوراش؛

(3) جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، باشقا تۇغقانلىرى ھەمدە يېنىدىكى خادىملارغا چېتىلىدىغاندېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(4) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش، ئاتا-ئانىسى، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، شۇنىڭدەك باشقا مۇئەييەن چۆپقەتچىلىرى باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئېلىش؛

(5) جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، باشقا تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك يېنىدىكى خادىملارنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىشىغا سۈكۈت قىلىش، يول قويۇش، يول كۆرسىتىش؛

(6) جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، شۇنىڭدەك باشقا تۇغقانلىرىنىڭ سودا قىلىشى، كارخانا ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ياكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئارا خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، شۇنىڭدەك باشقا تۇغقانلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛

(7) ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايون ۋە كەسىپ دائىرىسىدە، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسىنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە توقۇنۇش ئېھتمالى بولغان سوداقىلىش، كارخانا ئېچىش، ئىجتىمائىي ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، چەت ئەل سودىگىرىنىڭ شېرىكسىز كارخانىسى ياكى جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىدا چەت ئەل تەرەپ تەيىنلىگەن، تەكلىپ قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش، يول قويۇش؛

(8) جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسىنىڭ باشقا جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايون ۋە كەسىپ دائىرىسىدە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە توقۇنۇش ئېھتىمالى بولغان سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش، يول قويۇش.

6-ماددا سۆلەتۋازلىق قىلىش، ھەشەمەتچىلىك قىلىش،ئومۇمنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چېچىش، ئىسراپچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ھۆكۈمەت ئىشىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش ياكى كۈتۈلۈش ياكى كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، كاماندىروپكا خىراجىتى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتلەرنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاتچوت قىلىش؛

(2) خىزمەت بىناسى، تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق بىنا– سارايلارنى سېلىش، بېزەشنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قارار قىلىش ياكى تەستىقلاش، ئىشخانا ۋە ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش ۋە ئىشلىتىش؛

(3) مېھمانخانا ئۆيىنى ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجارە ئېلىپ، ئىگىلەپ، شەخسىي ئىشلىتىش؛

(4) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پىكاپ سەپلەش، سېتىۋېلىش، ئالماشتۇرۇش، بېزەش ياكى ئىشلىتىش؛

(5) ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىش ياكى سېلىق سېلىش شەكلى بىلەن ھەرخىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قارار قىلىش ياكى تەستىقلاش.

7-ماددا بازار ئىگىلىكى پائالىيىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىلىشىپ ۋە قول تىقىپ، خۇسۇسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددە ئېلىش-ھۆددە بېرىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتى، قېزىلما بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىش، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار مۇلازىمىتى قاتارلىق بازار ئىگىلىكى پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىش ۋە قول تىقىش؛

(2) دۆلەت كارخانىلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇۋېتىش، ۋەيران قىلىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى قىلىش، مۈلۈكنى ئېنىقلاش، مۈلۈكنى باھالاش، مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، شۇنىڭدەك باشقا چوڭ-چوڭ تىجارەت پائالىيىتى قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋە قول تىقىش؛

(3) ھەرخىل مەمۇرىي ئىجازەت ۋە مەبلەغ كرېدىتى قاتارلىق ئىشلارنى تەستىقلاشقا ئارىلىشىش ۋە قولتىقىش؛

(4) ئىقتىسادىي ماجىرالارغا ئارىلىشىش ۋە قول تىقىش؛

(5) يېزا كوللېكتىپ مەبلىغى، مۈلكى ۋە بايلىقىنى ئىشلىتىش، تەقسىملەش، ھۆددە ئېلىش، ئىجارە ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋە قول تىقىش.

8-ماددا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان « ئوبراز قۇرۇلۇشى » ۋە نام-شۆھرەت قازىنىدىغان « نەتىجە قۇرۇلۇشى » قىلىش؛

(2) خىزمەت نەتىجىسىنى يالغان مەلۇم قىلىش؛

(3) توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈپ، يامان تەسىر پەيدا قىلىش ياكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇل-مال يىغىۋېلىش؛

(4) ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، ئاپەتتىن-قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش پۇل-ماللىرىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ئادىلسىزلىق قىلىش؛

(5) ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن نام-شۆھرەت، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان قاتارلىق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىۋېلىش؛

(6) ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا يات ھەرىكەتلەرنى قىلىش.

2-باب يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش

9-ماددا بۇ مىزاننى يولغا قويۇشقا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار مەسئۇل بولىدۇ. ئاساسلىق مەسئۇل يولداش ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، بۇ مىزانغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاي، شۇ تارماق، شۇئورۇندا يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارغا ھەمكارلىشىپ، بۇ مىزاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىدۇ ھەمدە يولغا قويۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا پاك ئىشلەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بۇ مىزاننى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە دائىر تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش، مۇھىم ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىش، دوكلات قىلىش، كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش، ئاگاھلاندۇرۇش، خىزمەت ۋە پاكلىق مەلۇماتى بېرىش، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلارنى دوكلات قىلىش، شۇنىڭدەك تەكشۈرۈش، سىناش قاتارلىق نازارەتچىلىك تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۇ مىزاننى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىش، خىزمەت ۋە پاكلىق مەلۇماتى بېرىشتە، مۇشۇ مىزان بويىچە تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە تەشكىلاتىغا ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلىپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

12-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۇ مىزاننى يولغا قويۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە كادىرلارنى سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سىناش نەتىجىسىنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش-جازالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

13-ماددا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن بۇ مىزانغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەنقىد-تەربىيە بېرىلىدۇ، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزدى، دەپ گۇمان قىلىنغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

14-ماددا بۇ مىزاننى يولغا قويۇشتا، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، خەلق ئاممىسى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

3-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

15-ماددا بۇ مىزان پارتىيە ئورگىنى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، مەمۇرىي ئورگان، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنىدىكى ناھىيە (باشقارما) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا؛ خەلق تەشكىلاتى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ناھىيە (باشقارما) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە تەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرى (جۈملىدىن دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونترول پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى) ۋە ئۇنىڭ شۆبە، تارماق ئاپپاراتىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى؛ ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار. سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنىدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك پارتىيەلىك مەسئۇللار، يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى) دىكى پارتىيەلىك مەسئۇللار، ئاساسىي قاتلامپونكىت، ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك مەسئۇللارغا بۇ مىزان پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

16-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتەقاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى، مەركىزىي كومىتېتقابىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى، مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى، جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى مۇشۇ مىزانغا ئاساسەن، خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ مىزانغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

17-ماددا بۇ مىزاننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىزاھلايدۇ.

18-ماددا بۇ مىزان ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1997-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزان (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) » ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545920.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#