شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ ياشلارئۆسمۈرلەر نەشرىياتىشىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ھەر خىل سىياسىي-نەزەرىيۋى، پەننىي، ئەدەبىي ئوقۇشلۇقلارنى نەشر قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال نەشرىيات بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى باشقۇرىدۇ. بۇ نەشرىيات 1956-يىل قۇرۇلغان، 1961-يىلغىچە كىتاب چىقارغان، 1961-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا قوشۇۋېتىلگەن، 1979-يىلى ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلىدىكى «شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى» دېگەن نامى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمى، قازاق تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق تەھرىر بۆلۈملىرى بار.
شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلار قاتارىدا يەنە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ھەم قوشۇۋاتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.