غەربىي ئاسىيا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غەربىي ئاسىيائاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا غەربىي جەنۇبى ئاسىيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ رايون كاسپىي دېڭىزى، قارا دېڭىز، يەر ئوتتۇرا دېڭىزى، قىزىل دېڭىز، ئەرەب دېڭىزىدىن ئىبارەت بەش دېڭىز ئارىلىقىدىن ئورۇن ئالغان. شۇڭا «بەش دېڭىز ئارىلىقىدىكى جاي» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جاي مەمۇرىي جەھەتتىن ئافغاقىستان، ئىران، تۈركىيە، سىپرۇس، سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن، ئىئوردانىيە، ئىراق، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن جۇمھۇرىيىتى، ئوممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، بەھرەيىن، ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت 18 دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
غەربىي ئاسىيا ئاھالىسى تەخمىنەن 170 مىليوندىن ئوشۇق(1984) بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا تۈرك، پارس، نىلىشتى، كۇرد، ئەزەربەيجان، يەھۇدى، تاجىك، ئەرمەن، ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرغىز(لىۋاندا 30 مىڭدىن ئوشۇق قىرغىز بار) ، بەختىيار، بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (تەخمىنەن %90 دىن كۆپى) ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.