ئايېرس تېشى

ئايېرس تېشى

ئايېرس تېشىنىڭ ئۇلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 9 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، يەر يۈزىدىن 348 مېتىر ئېگىز. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3000 مېتىر ، ئۇ بۇ چۆلدە تەنھا ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ، كۈننىڭ چىقىشىنى ئولتۇرۇشىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئايېرس تېشىئاۋىستىرالىيە قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان چۆلدە، بىر قۇرام تاش - ئايېرس تېشى قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇ بۇ يەردە يۈز يىلغا يىقىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن بۇ يەرنى مۇشۇنداق جاھىللىق بىلەن چىڭ ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئايېرس تېشىنىڭ ئۇلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 9 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، يەر يۈزىدىن 348 مېتىر ئېگىز. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3000 مېتىر، ئۇ بۇ چۆلدە تەنھا ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ، كۈننىڭ چىقىشىنى ئولتۇرۇشىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. شامالنىڭ ئاۋازى، يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۈندىمەستىن ۋاقىتنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ تۇرىدۇ.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ قۇرام تاشنى جەنۇبىي ئاۋستىرالىيەدىن كەلگەن ۋىليام كىرىستق گاۋس ئىسىملىك بىر ئۆلچىگۈچى خىزمەت داۋامىدا تاسادىپىي بايقىلىپ قىلىپ ، قۇرام تاشنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى بىر مەھەل ئۆزىنىڭ خىيالى تۇيغۇسى دەپ ھىس قىلغان. كېيىن بۇ تاشقا ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيەنىڭ زۇڭلىسى ھېنرى ئايىرىسنىڭ ئىسمى بىلەن نام بىرىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئايېرىس تېشىنىڭ داڭقى چىقىپ، مىليۇنلىغان ئېكىسكۇرسىيەچىلەر ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدىغان ئاجايىپ مەنزىرە بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەرلىك مىللەت-ئامانگۇلار ( 阿南古人 ) ئايېرىس تېشىنى چوقۇنىدىغان «مۇقەددەس تاش» دەپ قاراپ ئۇنى قوغداپ ۋە قۇۋۋەتلەپ كەلگەن.

ئايېرس تېشىئايېرىس تېشىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە يېرى شۇكى، ئۇ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان رەڭدە جۇلالىنىدۇ، سەھەردە قۇياش شوخلۇق بىلەن چىرايىنى ئەمدىلا كۆرسەتكەندە، ئۇ سۇس قىزىل مۇراسىم كىيمىنى كىيىپ قۇياشنىڭ تاۋلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. چىڭقى چۈشتە ، قۇياش يەر شارىنى ئوتتەك قىزىتىپ تۇرغاندا ، قورام تاش تامامەن ئالتۇندەك ساپسېرىق تۈسكە كىرىدۇ، كەچ كىرىپ كۈن ئولتۇرغاندا، ئۇ بۇ ئەڭ ئاخىرىقى پەيىتنى چىڭ تۇتۇپ، قايتىدىن تىتىكلىشىپ ۋە روھلىنىپ، رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئوخشاش رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، چىرايلىق يالقۇنلۇننىڭ يالقۇنجىغا ئوخشاپ قالىدۇ . قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئۇ ئاخىرى ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ، چىرايلىق ئويۇنلىرىنى توختىتىپ، كىشىلەرگە سارغۇچ دارچىن رەڭدە ئەسلىي قىياپىتى بىلەن كۆرۈنىدۇ. 

ئۇ چەكسىز سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى بىر مەھەل سىرلىق دەپ قاراپ، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىك ئورنىدىن گۇمانلىنىشقا پىتىنالمىغان. گېئولوگلار ئىلمىي ئاساستا چۈشەندۇرۇپ بەرگەندىلا شېخىل تاشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى يۇقىرى، تاشقى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاسانلا ئوكسىدلىنىش يۈز بىرىدۇ. قورام تاشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئوكسىدلار قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى ئاستىدا، ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى نۇرلارنى قايتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئەھۋالنى چۈشەنمىگەن كىشلەرنىڭ كۆڭلىدە ئەيمىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

ئايېرىس تېشىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا، ھەرخىل گەپ -سۆزلەر بولدى، بەزىلەر ئۇنى « ئالەمنىڭ سىرتىدىن كەلگەن تاش »، بىر قانچە يۈز مىليۇن يىل ئىلگىرى يەر شارىغا چۈشكەن مېتېئورت بولۇپ ، بۇ يەردە ماكانلاشقان دېيىشتى؛ بەزىلەر ئۇ مىليۇنلىغان يىللار ئىلگىرىكى گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ قالغان دېڭىز ئاستى چۆكۈندىسىدىن ئىبارەت، دېڭىز قۇرۇقلۇققا، قۇرۇقلۇق دېڭىزغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن دېڭىز سۈيى چىكىنىپ ، پەقەت ئۇلار تەنھا قالغان بوۋايدەك، تېخىچە ئەسلى ئورنىدىن ئۇيان-بۇيانغا ماڭمىغان دەيدۇ، دەۋرى بەك ئۇزاق، دەلىل-ئىسپات كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ مەنبەسىنى كىشىلەر ئېنىق چۈشەندۇرۇپ بىرەلمەي، مەڭگۈلۈك يىشىش تەس سىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#