شەنبەبازار بازىرى

شەنبەبازار بازىرى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شەنبەبازار بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى
نوپۇسى 20239
خەنزۇچە ئاتىلىشى 先拜巴扎镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 49.3 كۋادىرات كىلومېتىر
رايۇن نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەنئەت پائالىيىتىشەنبەبازار بازىرى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، 315-دۆلەت يولىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە. جاي يېزىسى ۋە كۆكيار يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى لەڭگەر يېزىسى ۋە ئارال يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە توغراغاز يېزىسى بىلەن قوشنا، سىيەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8.2 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 49.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. جەنۇبىي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1490 مېتىر، شىمالىي قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 1416.5 مېتىر ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1453 مېتىر.

رەھبەرلەر ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن. يىل بويى غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ. 

زىرائەتلەربازار تەۋەسىدە 29067 مو تېرىلغۇ يەر بار، ئورمانچىلىق كۆلىمى 11419 مو، ئوتلاق كۆلىمى 12893 مو، چۆل-جەزىرە 43539 مو. پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ. مېۋىلىك باغ كۆپ بۇلۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم كۆپ چىقىدۇ، ياڭاق، ئۆرۈك، چىلان  قاتارلىقلار بار؛ ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. ئالاھىدە تېرىقچىلىقىدىن كاۋا بار؛ باقمىچىلىقىدىن پىلە ئۈجمىسى، ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى قاتارلىقلار بار.

يېزا كۆرۈنۈشىشەنبەبازار بازىرىدا 11 مەمۇرىي كەنت، 46 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، ئومۇمىي ئائىلە سانى 6203، نوپۇس ئومۇمىي سانى 20239 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 18685 ئادەم، شەھەر نوپۇسى 1554 ئادەم، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 2971.63 يۈەن. 19 پونكىت، 16 پارتىيە ياچېيكىسى، بۇنىڭ ئىچىدە 11 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، ئىككى مەكتەپ، بىر شىپاخانا، بىر پېشقەدەم كادىرلار پارتىيە ياچېيكىسى، بىر ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى، 14 ئىتتىپاق ياچىكىسى، 459 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى331 نەپەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى 25 نەپەر، ئايال پارتىيە ئەزاسى 70 نەپەر، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى 18 نەپەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى 97 نەپەر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#