روبېرت گوددارد

روبېرت گوددارد

دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان راكېتانى ياساپ چىققان ۋە قويۇپ بەرگەن ئادەم-ئامېرىكالىق ئالىم روبېرت گوددارد 1882-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى روبېرت گوددارد
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كلارك ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 罗伯特·戈达德
تۇغۇلغان ۋاقتى 1882-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى
كەسپى كەشپىياتچى
چەتئەلچە نامى Goddard,Robet Hutchings

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

روبېرت گوددارددۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان راكېتانى ياساپ چىققان ۋە قويۇپ بەرگەن ئادەم-ئامېرىكالىق ئالىم روبېرت گوددارد. 1926-يىل 3-ئاينىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، كلارك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گوددارد ماسساچۇسېت شتاتىدىكى يېڭى لانگى دېھقانچىلىق مەيدانىدا راكىتا قويۇپ بېرىش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ سۇيۇلدۇرۇلغان ئوكسىگېن بىلەن بېنزىننى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاددى ئەسۋاپلارنى جايلاشتۇرىدۇ. گودداردنىڭ راكىتا قويۇپ بېرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق خەۋىرى دەسلەپ ۋاشىنگتوندىكى سىمسون تەتقىقات يۇرتىنى قىزىقتۇرمايدۇ. ھەتتا بەزى گېزىتلەر گودداردنى: «ئەمدى بۇنىڭ بىلەن ئايغا چىقامدىكىن؟» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، يەنە بىر گېزىت: «بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىنىڭ راكىتا بىلەن ئوينىشى تازا گۆدەكلىك» دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. گوددارد بۇنداق مەسخىرلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭغا ئايغا چىقىش توغرىسىدا سوئال سورىسا، ئۇ: «مەن راكىتانى سىناق قىلىشتا ئۇنى يەر شارىدىن چىقىرىشنى مەقسەت قىلدىم، بۇ ئارزۇ كىچىكىمدىن تارتىپلا بار ئىدى» دەپ كېسىپ جاۋاپ بېرىدۇ.

روبېرت گودداردگوددارد 1882-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋىرىدىلا بوشلۇقىنىڭ سىرى ئۈستىدە دادىل تەسەۋۋۇر قىلغان. ئۇ نۇرغۇن پەن-تېخنىكا كىتاپلىرىنى ۋە ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىنى، مەسىلەن، ۋىرىس يازغان «دۇنيا ئۇرۇشى»، فېرنا يازغان «يەر شارىدىن ئايغا چىقىش» نى ئوقۇغان. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋىرىدە يازغان كۈندىلىك خاتىرلىرى ۋە قوليازمىلىرىدىنمۇ ئۇنىڭ بوشلۇقتا سەيلە قىلىش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گوددارد چوڭ بولغاندا ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. راكىتا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ئۇ راكىتانى تەجرىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، جاپا-مۇشەققەتتە بارلىق چىقىملارنى تېجەپ، كىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى راكىتا سىنىقىغا ئىشلىتىدۇ. 1919-يىلى ئۇ «ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىككە يېتىش ئۇسۇلى» دېگەن دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قاتتىق جىسمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ راكىتا ياساپ، ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. كېيىن گوددارد ئىككى باينىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىن تېگىشلىك مەبلەغ ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆزىنىڭ راكىتا سىنىقىنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ مۇۋاپىق شارائىت تېپىش ئۈچۈن قاتتىق قۇرغاق ئىسسىق بولىدىغان يېڭى مېكسىكا شتاتىنىڭ يىراق چېگرا رايونىغا كۆچۈپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ يەر ئۆزى ئۈچۈن سىناق مەيدانى ۋە راكىتا قويۇپ بېرىش مۇنارىسى قۇرۇشقا تازا لايىق ئىدى. ئۇ بۇ يەردە ھاياتلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئاجايىپ مۇشەققەتلىك سىناقلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بىر نەچچە يىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، باشقۇرۇلىدىغان ۋە مۇقىم ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە راكىتانى تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، راكىتانىڭ كۆتۈرۈلۈش نەزىرىيىسى ۋە ئەمىلىيىتى ئۈستىدىمۇ نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە تەجرىبىلەرنى توپلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ گروسكوپنى ئىشلەتكەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا راكىتا دىۋىگاتېلدىكى ھاۋا ئېقىمىدا بىرىنچى بولۇپ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان راكىتا قويۇپ بەرگەن ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇ راكىتانى ئايغا چىقىرىش مەقسىتىدە، كۆپ ئۈگىلىك راكىتادىن پايدىلىنىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1939-يىلى، ئۇ دىۋىگاتېلنىڭ ئېغىرلىقىنى قانداق قىلىپ يېنىكلىتىشنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ. ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بىلەن راكىتا ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىشىنى توختىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارغا كۆچىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ قورقۇنچلۇق ۋە بەختسىزلىك ئەھۋالغا، يەنى يېڭى چوڭ دۈشمەن-راكقا دۇچ كېلىپ 1945-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان. 

ئەگەر يەنە 17 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسا، ئۆزى لايىھىلىگەن راكىتانىڭ ئاخىرى ئايغا چىققانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولاتتى. 1962-يىل 2-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ئوربىتىنى بويلاپ ئۇچقۇچى، ئادەم ئېلىپ ماڭغۇچى تۇنجى ئالەم كېمىسى فلورىدا شتاتىدىكى كاناۋېرال تۇمشۇغىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. 7 يىلدىن كېيىن 3 ئامېرىكا پۇقراسى بىرىنچى تۈركۈم ئايغا چىققۇچىلار بولۇپ قالدى. ئالەم بوشلۇقى ئىلمىنىڭ بۇ ئۇلۇغ سەركەردىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭغا بېغىشلاپ بىر ياغاچ تاختا ئورناتقان، ئۇنىڭغا گودداردنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى يېزىلغان: «نېمىنىڭ ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىش تەس، چۈنكى تۈنۈگۈنكى خام خىيال بۈگۈنكى ئۈمىدكە ئايلىنىشى ۋە ئۇ ئەتىكى رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن». [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/20137.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#