ئاپتۇل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ماتور بولسا ئاپتوموبىلنىڭ يۈرىكى بولسا، ئاپتۇل تۇمۇردىكى قان. ماتورنىڭ ئايلىنىشى سىلىقلاش مېيىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتۇل ماتورنىڭ يۈرەك قىسمىغا كىرگەندىن كىيىن ھەرقايسى زاپچاسلاردىكى سۇيۇقلۇق بىلەن ئۇچرىشىپ، ماتورنى سوۋۇتۇپ، سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاپتۇل ئاپتوموبىللار ئۈچۈن مەخسۇس لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىرىشىنى كۆزدا تۇتۇپ، ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ھىملاش خۇرۇچى قوشۇلۇپ، ئەسلىدىن مەلۇم دەرىجىدە چىداملىق بولغان ماتۇرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ يۇقرى نىسبەتتە ماينىڭ ئېقىپ كىتىشىنى توسۇشقا ياردەمدە بولۇپ، ماتورنىڭ بىھۇدە ئۇپرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بىرىكمە ئاپتۇلخۇرۇچلارنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولسا ، ماتورنىڭ ئونۋېرىسال تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ماتورنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە قوغدايدۇ.
ئاساسىي ماي قىسمىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسا، كېرەكسىز گۈڭگۈرت قىسمى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھەقىقىي مۇھىتنى قوغدىغۇچى ھەم ئېقىشچانلىقى يۇقىرى بوشلۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. تۇيۇنۇشچانلىقى ھەم ئېلىمىنېت نىسبىتى 90 پىرسەنتتىن يۇقرى بولغان ئاپتۇل ئاسان ئوكسىدلانمايدۇ. بۇ خىلدىكى ئاپتۇلنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى مۇقۇم بولغاچقا باشقا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە پايدىلىق.
قوشۇلغان خۇرۇچلارنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولسا ، ماتورنىڭ ئونۋېرىسال تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ماتورنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە قوغدايدۇ.
بىرىكمە ئاپتۇلنى ئالماشتۇرغاندا ئاساسلىق، قوزغىلىشچانلىقى تېز،ماتور ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ، سۈرەتنى تېزلەتكەندە، ماتورنىڭ ھەركەتلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. يۇقىرى تېمپۇراتورىدا ياكى تېز قايرىلغاندا ئاپتۇل مۇقۇم ھالەتتە تۇرۇپ، يېقىلغۇ تىجەپ، ماتورنى ئاسراشقا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.
ئاپتۇل خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئوكسىدلانغاچقا، ئىشلىتىش ۋاقتى چەكلىك بولۇپ، مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن كىرلىشىپ، داۋاملىق ئاسراش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاپتۇلنى دائىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئاپتۇل ئاسان خورايدىغان ھەم مۇھىم نەرسە، ئەگەر ئاپتۇل ئالماشتۇرۇشقا سەل قاراپ ياكى سۈپىتى ناچارلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاپتۇل ماتورنى قوغداش رولىنى يوقىتىپ، ماتورغا ئاسانلا كېرەكسىز نەرسىلەر توشىۋالىدۇ ياكى ماتورنى كاردىن چىقىرىپ،ئېغىر بولغانلىرى چوڭ رېمىنوتقا، كىچىكلىرى كىرىك رېمىنوتقا چۈشۈپ ئاۋارچىلىق كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ئاپتۇلنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.