ئۆت خالتا ياللۇغى

ئۆت خالتا ياللۇغى

ئۆت ياللۇغى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنىڭ تىز ئاستىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر ۋە سۇزۇلما خاراكتېرلىك ۋە سۇزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. دائىم ئۆت تېشى كېسىلى قوشۇلۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، قىزىش، قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۆت خالتا ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆت خالتا شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 20-50 ياش ئارلىقىدىكى كىشىلەردە، ئاياللاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچىرايدۇ
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئېنگىلىزچە نامى cholecystitis
ئاساسلىق ئالامىتى يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئىشتىھاسىزلىنىش
خەنزۇچە نامى 胆囊炎
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئۆت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ

1-رېتسېپ

تەركىبى: كاسىنە يىلتىزى، بەدىيان، كەرەپشە يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقى، گاۋزىبان 10 گىرامدىن، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، غاپەس، قوغۇن ئۇرۇقى، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، زىرىق، گەزمازەج بەش گىرامدىن، ئەنگۈر شىپا، كاكنەج، رەۋەن 10 گىرامدىن، سۇ ئىككى كىلوگرام، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئەنگۈر شىپا، كاكنەج 50 گىرامدىن، قوغۇن ئۇرۇقى، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى 20 گىرامدىن، ئوغرىتىكەن، پىرسىياۋشان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان، چۆپچىن 10 گىرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇ ئىككى كىلوگرام، ھەسەل 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قايناق سۇغا سەككىز سائەت چىلىغاندىن كېيىن، قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 500 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. sfs

3-رېتسېپ

تەركىبى: زىرىق 100 گىرام، بېھى سۈيى 200 مىللىلىتىر، ئاچچىق ئانار سۈيى، ئالما سۈيى 50 مىللىلىتىردىن، شېكەر 100 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: زىرىقنى مېۋە سۇلىرىغا بىر سوتكا چىلىغاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنىڭ تىز ئاستىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر ۋە سۇزۇلما خاراكتېرلىك ۋە سۇزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغى

1. ئۆتكۈر ئۆت ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ناھايىتى جىددىي بولۇپ كېسەللىك ئېغىر ئۆتىدۇ.

ئۆت خالتا ياللۇغى ئاساسلىق ئالامەتلەردىن :① قورساق ئاغرىش (%90).بۇ ئۆتكۈر ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ ئۆت ئۈستۈنكى قورساق ساھەسىدە، ئۆت رايونىدا قاتتىق ئاغرىش بولۇپ كۆپىنچە مايلىق تاماقلارنى يېگەندە قوزغايدۇ. بەزىدە كېچىدە ئوت تېشى توسۇلۇپ كېلىپ چىقىدۇ. ئاغرىش داۋاملىشىش خاراكتېردە بولۇپ ئۆڭ مۆرە، بىلەك قاتارلىق ئورۇنلارغا قەدەر تارقايدۇ.

②كۆڭۈل ئىلىشىش قۇسۇش. بىمارلاردا كۆڭۈل ئىلىشىپ قۇسۇش ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ قۇسقان قۇسۇقى، ئۆت سۇيۇقلۇقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قۇسقاندىن كىيىن ئاغرىش يەڭگىللەيدۇ. ھەم بىمارلاردا ئىشتىھا ياخشى بولمايدۇ.

 ③پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر:كۆپ ساندىكى بىمارلاردا38 گىرادۇس ئەتراپىدا قىزىتما بولىدۇ. يىرىڭلىق ياللۇغ بولغاندا يۇقىرى قىزىتما، جۇغ-جۇغ، بىئاراملىق ھەتتا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك شوك يۇز بىرىدۇ، 10%بىمارلاردا سىرلىق بولىدۇ. بەدەن بەلگىسى:باسقاندا ۋە بېسىپ قۇيۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ. قورساق مۇسكۇلى قاتتىقلىشىدۇ. بىمار ناھايىتى بىئارام بولۇپ بىئارام بولۇپ قاتتىق تەرلەيدۇ، تومۇرى تىز سالىدۇ تىلىدا ساغۇچ گەز بولىدۇ. ئوڭ تەرەپكە تۇگۇلۇپ ياتسا ئارام بىرىدۇ.

2. سۇزۇلما خاراكتېرلىكتە:تەكرار قوزغىلىشچان خاراكتېردىكى ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش بولۇپ كۆپىنچە تاماقتىن كىيىن قوزغايدۇ، ئاغرىق تەخمىنەن 6-1 سائەتكىچە قوزغاپ ئۆزلۈكىدىن قويۇپ بىرىدۇ. بىمارلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل ئىلىشىپ قۇسۇش، ئاشقازان ساھاھى يېقىمسىزلىنىش، ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش، مايلىق تاماقتىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. قىزىتما سېرىقلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ. كۆپىنچە بىمارلاردا تاش بىلەن بىرلىكتە كېلىدۇ.

 ئەگەشمە كېسەللىكى:

① ئوت خالتىسى تېشىلىش: بۇ ئۆتكۈر ئوت ياللۇغىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋىتى بولۇپ %10 بىمارلار مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

②    ئۆت تېشى

③    ئوت يولى توسۇلۇش.

دىياگنوز قۇيۇش ئۆلچىمى:

 1) تىپىك كىلىنىكىلىق ئىپادىسىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ. يەنى ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئىلىشىش قۇسۇش، مايلىق تاماقتىن سەسكىنىش، ئوت رايونىنى باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىش.

2) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ.

 ① ئاققان ھۈجەيرىسى يۇقۇرلايدۇ % 10غا يىتىدۇ، نتىروفىل دانىچە ئاشىدۇ.

② Bتىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇنلۇق ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش: ناھايىتى قولايلىق زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈش بولۇپ، ئوت خالتىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، قېلىنلاش دەرىجىسى، تاش بىرگە كەلگەن كەلمىگەنلىكى قاتارلىقلارغا ناھايىتى ياخشى دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %90 گە يىتىدۇ.

 (3) قان زەردابنى تەكشۈرگەندە بىلروبىن ۋە سېرىقلىق كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلايدۇ.

سېلىشتۇرما دىياگنوز:

ئۆت خالتا ياللۇغى1. ئۆتكۈر ئوت ياللۇغنى تۆۋەندىكى كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر كىلنكىدا مەزكۇر كېسەللىككە خاتا دىياگنوز قۇيۇلۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ تۆۋەندىكى كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.

 (1) ئۆتكۈر سازاڭ ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئاغرىش توچكىسى ئوت ياللۇغىنىڭكىدىن تۆۋەنرەك ئورۇندا بولىدۇ. (ئوت تۆۋەنكى قورساق بەل قىسمى) دەسلەپتە ئاغرىش كەڭ دائىرىلىك بولۇپ كىيىن بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ.

  (2) ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى تېشىلىش: ھەزىم كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. قاناش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. (3) ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. (ئىسپىرتلىق جىگەر ياللۇغى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، ) بۇلاردىن سىرت يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئۆپكە ياللۇغى، بۆرەك جامى بۆرەك قاتارلىق كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.[0]

2. سۇزۇلما خاراكتېرلىك ئوت ياللۇغى

 (1) سۇزۇلما ئاشقازان جىگەر ياللۇغى، ھەزىم بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

 (2) سۇزۇلما سازاڭ ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش:

 ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىش، ھايۋانات مېيى، تۇخۇم سېرىقى، ئىسسىقلىق چاي دورىلىرى، غەلىز تائاملاردىن پەرھىز قىلىش، توز سىز، مايسىز تاماق بېرىش، جىددىي خاراكتېرلىك بولسا تاماق بېرىشتىن ۋاقتىنچە چەكلەش. روھى كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش جىددىيلەشمەسلىك. ئارام ئالدۇرۇش. دورا بىلەن داۋالاش:كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي قوزغالغاندا قايسى مىزاج بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ.

 1) شوخلا 50 گىرام بىخ كاسىنە 20 گىرام كاكنەچ 50 گىرام چۆپچىن 20 گىرام قوغۇن ئۇرۇقى 20 گىرام ئوغرىتىكەن 20 گىرام بىخ باديان 20 گىرام چىڭسەي ئۇرۇقى 20 گىرام پىرسياۋشان 20 گىرام ئارپا بەدىيان 20 گىرام قائىدە بويۇنچە ㏕600 شەربەت تەييارلاپ ئچكۈزۈىلىدۇ. مۇرەككەپ دورىلاردىن: ئىسكەبجبىن بۇزۇرى، ئەرەقى شوخلا، ئەرەقى چۆپچىن، ئەرەقى كاسنە، شەربىتى ئوشبە قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ. ئوت يوللىرىدىكى توسالغۇنى ئىچىش ئوتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە:دىنار شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى، شەربىتە سەپەرجىل قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. ئىكەنجىيىن بۇزۇرى نىڭ تەركىبى: كاسنە ئۇرۇقى 9 گىرام خوڭگا ئۇرقى 15 گىرام بەدىيان 9 گىرام پىتىنگان ئۇرۇقى 15 گىرام چىڭسەي ئۇرۇقى 9 گىرام قوغۇن ئۇرۇقى 15 گىرام پوستى بىخ بەدىيان 21 گىرام بىخ كاسىنە 24 گىرام سىركە 60 قەنت 500 قائىدە بۇيىچە 750 شەربەت تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

ئۆت خالتا ياللۇغى 2) ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى زىماتنى ئىشلەتسە بولىدۇ. شوخلا 20 گىرام پوستى خە 20 گىرام بابۇنە 20 گىرام بىنەخش 20 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقى 20 گىرام ئىكلىملىك 20 گىرام ئارپا 20 گىرام زىغىر 15 گىرام گۈل يېغى ياكى ئەرەقى شوخلا بىلەن زىمات قىلىپ ئوت ساھەسىگە چېپىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە داۋالاپ ئۇنۇم كۆرۈلمىسە كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ يامانلاشسا ئوپراتسىيە قىلىپ داۋاسىنى ئويلاشسا بولىدۇ. سۇزۇلما خاراكتېرلىكىنى داۋالاش:ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە:ئىتتىرفل چۆپچىن، شەربىت بۇزۇرى، ئەرەقى شوخلا، شەربىتى ئەخسەتتىن، قۇرسى زىرىشكە بېرىلىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلاش ئىشتىھانى ئىچىش ئۈچۈن نارفننە، ئامىلە نوشىدار، جاۋارش ئۇدتۇرۇش، قىزىل گۇلقەنىت قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ. سۇزۇلما ئوت ياللۇغىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى شەربىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بەرسەك ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئوغرى تىكەن 300 گىرام چىلغۇزە 100 گىرام زاراڭزا ئۇرۇقى 200 گىرام تۇرۇپ ئۇرۇقى 100 گىرام قوغۇن ئۇرۇقى 200 گىرام بادىيان 300 گىرام تەرخەمەك ئۇرۇقى 150 گىرام تال غازىڭى 300 گىرام پىرىسياۋشان 100 گىرام 11 گىرام شەربەت تەييارلاپ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بىرىمىز. يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش:ئۈزۈم، ئالما، بىيە، ئۆرۈك غورىسى، ئانار سۈيى ھەربىرىدىن 100 مىللىمېتىر ئىلىپ 250 گىرام سىركەھەم 60 گىرام شېكەر قوشۇپ ئىچكۈزىمىز. بىيە مۇرابباسىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، ئەينالۇ مۇرابباسى. ھۆل پىننە سۇي 30 مىللىمېتىر قىزىل گۈل 60 مىللىمتىر، لىمون سۈيى 60 مىللىمېتىر ئاچچىق ئانار سۈيى 60 مىللىمېتىر ئارىلاشتۇرۇپ شېكەر قوشۇپ شەربەت قىلىپ ئىچسە بولىدۇ. گۈل بىنەپشە، بىج كاسىننە، بادىيان 10 گىرامدىن، گاۋزىبان بىخ كىرەفشە 5 گىرام، ئەنجۈر قىقى 3 گىرام سۇمبۇل، شوخلا 5 گىرام ئوزۇقسىز ئۈزۈم 10 گىرام 500مىللىمىتېر شەربەت تەييارلاپ ئىچكۇزسە بولىدۇ[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=118

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىببى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=118

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#