گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى مىرتا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ غولىدا ھېچقانچە تارماق شاخلىرى يوق بولۇپ، يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئۆسۈپ بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ، چوققىسىغا بارغاندا ئاندىن شاخ-يوپۇرماقلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق دەرەخ شەكلى بوران زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخىنىڭ تۈۋىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە توم بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ دىئامېتىرى 10 مېتىرغا يېقىن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەلللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 杏仁桉
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركىمى قىزىل مىرتا چاتقىلى تۈركىمى
ئۇرۇقدېشى ئېۋكالىپت دەرىخى ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋسترالىيە ئوتلاقلىرىدا ئېگىزلىكى بۇلۇتقا تاقىشىدىغان بىر خىل گىگانت دەرەخ ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئومۇمەن 100 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىزى 156 مېتىر كېلىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چوڭ شەمشادتىن 14 مېتىر ئېگىز بولۇپ، 50 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۇنى «دەرەخلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى  مىرتا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ غولىدا ھېچقانچە تارماق شاخلىرى يوق بولۇپ، يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئۆسۈپ بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ، چوققىسىغا بارغاندا ئاندىن شاخ-يوپۇرماقلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق دەرەخ شەكلى بوران زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخىنىڭ تۈۋىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە توم بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ دىئامېتىرى 10 مېتىرغا يېقىن. ئادەتتىكى بىر بىنانىڭ چات ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئېگىز، چوڭ دەرەخنىڭ يەر ئاستىدىكى يىلتىزلىرىمۇ ھەم چوڭقۇر، ھەم كەڭ دائىرىلىك يىلتىز تارتقان بولۇپ، يېتەرلىك سۇ سۈمۈرۈشىگە ۋە قارا بورانلارنىڭ دەرەخنى غولىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىشقا قۇلايلىق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر تۈپ دەرەخ ھەر يىلىغا 175 مىڭ كىلوگرام سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا، بەزى دۆلەتلەردە ئېۋكالىپت دەرىخىنى سازلىقلاردا ئۆستۈرۈپ سازلىقتىكى سۇلارنى تارتىپ چىقىرىۋېتىدىغان تىرىك سۇ ناسوسى ئورنىدا پايدىلانغان.

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى گەرچە ناھايىتى يوغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇرۇقى ناھايىتى كىچىك، ھەربىر دانىسى تەخمىنەن 1 −2 مىللىمېتىر، 20 تال ئۇرۇقى ئاران بىر تال گۈرۈچچىلىك كېلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز، دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئۆسىدىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 5 −6 يىلدىلا ئېگىزلىكى 10 نەچچە مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 40 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان چوڭ دەرەخقە ئايلىنالايدۇ.

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخىنىڭ ياغىچى قولۋاق، كوزۇپ، ئىستولبا قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ ئىنتايىن ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. دەرەختىن يەنە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە تاننىن(ئاشلاش ماتېرىيالى) ۋە ئېۋكالىپت يېلىمى ئېلىشقا بولىدۇ. يوپۇرمىقىدا بىر خىل ئالاھىدە پۇراق بولۇپ، ئېۋكالىپت يوپۇرماق مېيى چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ يەلنى تارقىتىپ قىزىتمىنى قايتۇرۇش، مىكروبلارنى تورمۇزلاپ ياللۇغ ياندۇرۇش، قىچىشىشنى توختىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. مېلىنوزا(ئېۋكالىپت يوپۇرماق شېكىرى) نىڭ ئاساسلىق خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى ئېۋكالىپت يوپۇرماق مېيى بولۇپ، مېلىنوزا سالقىنلىتىش، يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. 

 بۇ خىل دەرەخ ئوكيانىيە قىتئەسىنىڭ يېرىم قۇرغاق رايونلىرىدا ئۆسىدۇ

چوڭ دەرەخ ئاستى سالقىنلاشقا ياخشى دېگەن گەپ بار. لېكىن، بۇنداق گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى ئاستىدا بولسا سايە يوق دېيەرلىك. چۈنكى، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئەگرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يان تەرىپى ئۈستىگە قارىغان، يوپۇرماق يۈزى قۇياش نۇرى چۈشىدىغان يۆنىلىش بىلەن پاراللېل بولۇپ، خۇددى شاخلارغا ساڭگىلىتىپ ئېسىپ قويغانغا ئوخشايدۇ، قۇياش نۇرىنىڭ ھەممىسى يوپۇرماقلارنىڭ قىسىلچاقلىرىدىن قىيپاش بولۇپ ئۆتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#