گەجكە ئوڭ ئارقىدىن كېلىش،گەجگە سول ئارقىدىن كېلىش

گەجكە ئوڭ ئارقىدىن كېلىش،گەجگە سول ئارقىدىن كېلىش بولسا بالىياتقۇ قىسقىرىشى ئاجىزلاش، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئېچىلىشى تولۇق بولماسلىق تۇغۇت يېقىنلاشقاندىن كېيىن ھامىلە بېشىنىڭ ئالدىغا ئىگىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، بالىياتقۇ بوينىغا چىڭ چاپلىشالماي بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ئاجىزلاپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئېچىلىشى ئاستىلايدۇ ھەمدە تۇغۇت جەريانى ئۇزىراپ كېتىدۇ.

كىسەللىك نامى گەجكە ئوڭ ئارقىدىن كېلىش،گەجگە سول ئارقىدىن كېلىش
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇغۇت يېقىنلاشقاندىن كېيىن ھامىلە بېشىنىڭ ئالدىغا ئىگىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، بالىياتقۇ بوينىغا چىڭ چاپلىشالماي بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ئاجىزلاپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئېچىلىشى ئاستىلايدۇ ھەمدە تۇغۇت جەريانى ئۇزىراپ كېتىدۇ. گەجگە ئارقىسى بىلەن جايلاشقاچقا تۈز ئۈچەينى بىۋاسىتە باسقانلىقى ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ئېچىلىپ بولماستىنلا چوڭ تەرەت قىستىغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ. تۇغىدىغان ئايال بەك بالدۇر ئىنجىقلىغاچقا، ئوڭايلا چارچايدۇ. ئۇندىن باشقا بالىياتقۇ بوينى ئۇزۇن مۇددەت بېسىلغاچقا ئاسانلا سۇلۇق ئىششىيدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى تۇغۇت جەريانىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىدۇ.

1. بالىياتقۇ قىسقىرىشى ئاجىزلاش، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئېچىلىشى تولۇق بولماسلىق، تۇغۇت جەريانى ئۇزىراپ كېتىش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلىرىگەتىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. 2. تۇغۇت بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوزى قويىلىدۇ. 1) قورساقنى تەكشۈرگەندە: ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمى باش بولۇپ قورساقنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھامىلىنىڭ پۇت-قوللىرىنى سىلاپ بىلگىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك تاۋۇشى قورساق دىۋارىنىڭ سىرتقى تەرىپىدىن ئەڭ ئوچۇق ئاڭلىنىدۇ. 2) مەقئەت ياكى جىنسى يولدىن تەكشۈرۈش: بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلغاندىن كېيىن مەقئەتتىن تەكشۈرگەندە ئەگەردە ۋاشاقسىمان چاك داس ئالدى-ئارقا دىئامېتىرى ياكى قىيپاش دىئامېتىرى ئۈستىدە بولۇپ،(بۇلاقچە) لىپىلداق ئارقا تەرەپتە ياكى ئارقىدىراق بولسا، گەجگىنىڭ ئارقىسى بىلەن جايلاشقان بولىدۇ. جىنسى يول ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ھامىلە بېشىنىڭ ھەربىر ئۆلچەملىرىنى تېخىمۇ ئېنىق سىلاپ بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا قۇلاق سۇپىرىسىنى ۋە قۇلاق مۇنچىقىنى تۇتقىلى بولىدۇ. 

گەجگە ئارقىسى بىلەن جايلاشقان ھامىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكنىڭ گەجگىسى ئۆزلىكىدىن ئالدىن ئايلىنىپ تۇغۇلىدۇ. بىراق تۇلۇق ئايلىنىش ئاستا بولىدۇ. شۇڭلاشقا قاتتىق كۆزىتىش ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاش كېرەك. مۇددەتتىن بۇرۇن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا قەتئى بولمايدۇ. ئەگەر داس بىلەن باشنىڭ ماس ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق بولسا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش لازىم. تۇغۇتنىڭ بىرىنچى دەۋرىدە تۇغىدىغان ئايالنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ساقلاپ قىلىشقا دىققەت قىلىش، روھى كەيپىياتىغا ئېتىبار بېرىش، ئۇزۇقلىنىشقا ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، شۇنداقلا تۇغىدىغان ئايالنىڭ بەك بالدۇر ئىنجىقلاپ كۈچ سەرپ قىلماسلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. ھامىلە گەجگىسىنىڭ ئالدىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۇغىدىغان ئايال ھامىلە دۈمبىسىگە قارىمۇ-قارشى بولغان تەرەپكە يېنىچە يېتىش لازىم. تۇغۇتنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە تۇنجى قېتىم تۇغىدىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى تولۇق ئېچىلىشقا ئىككى سائەتكە يېقىن، ئىلگىرى تۇغقان ئاياللارنىڭ بىر سائەتكە يېقىن قالغاندا ھامىلە بېشى چوققا قوش سۆڭەك ئارىلىق دىئامېتىرى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك بېشىنىڭ تەكشى يۈزىگە يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، قول ياكى ھامىلە بېشىنى سۈمۈرگۈچ ئەسۋاب ئارقىلىق ھامىلە بېشىنىڭ گەجگە ئالدىغا جايلىشىشىغا ياكى گەجگىنىڭ تۈز ھالەتتە كەينىگە جايلىشىشىغا ياردەم قىلىش كېرەك، تۇنجى قېتىم تۇغىدىغان ئاياللاردا چات ئارىلىقىنى يانتۇ كېسىش، ھامىلە بېشىنى شۈمۈرۈش ئەسۋابى ياكى تۇغۇت قىسقۇچى بىلەن تۇغۇتقا ياردەم قىلىپ تۇغدۇرۇش لازىم. تۇغۇتنىڭ ئۈچىنچى دەۋرىدە تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلارنى ئوكۇل قىلىپ، تۇغۇت جەريانىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ ئاجىزلىقى خاراكتېرلىك قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ياللۇغلىنىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1223

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#