ساگۇ كوكۇس پالمىسى

مالايا تاقىم ئاراللىرىدا «گۈرۈچ» چىقىدىغان بىر خىل كوكۇس دەرىخى ئۆسىدىغان بولۇپ، ساگۇ كوكۇس پالمىسى دەپ ئاتىلىدۇ، يەرلىك ئادەملەر ئۇنى «گۈرۈچ دەرىخى» دېيىشىدۇ. ساگۇ كوكۇس پالمىسى پالما ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، پالما، سپارى(ئارېكا) ھەم كوكۇس قاتارلىقلار بىلەن بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلاردۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساگۇ كوكۇس پالمىسى
خەنزۇچە ئىسمى 萨古椰子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇنىڭ غولى تۈپتۈز، يوپۇرمىقى ناھايىتى ئۇزۇن، تەخمىنەن 3 ~6 مېتىر كېلىدۇ، يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. غولىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز بولۇپ، 10 يىلدىلا ئېگىزلىكى 10 −20 مېتىرغا يېتىدۇ؛ لېكىن، ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئاران 10 −20 يىل ياشىيالايدۇ. پۈتۈن ھاياتىدا بىرلا قېتىم چېچەكلەيدۇ ھەمدە چېچەكلەپ نەچچە ئاي بولمايلا قۇرۇپ قالىدۇ.

    گۈرۈچ دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كراخمال بولىدۇ، چېچەكلەشنىڭ ئالدىدىكى مەزگىل، دەرەخ غولىنىڭ ئۆمرىدە كراخمال زاپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۆمۈر بويى جۇغلانغان نەچچە يۈز كىلوگرام كېلىدىغان كراخمال، ئۇ چېچەكلىگەندىن كېيىنكى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پاك-پاكىز يوقىلىپ كېتىدۇ، قۇرۇپ ئۆلگەندىن كېيىنكى گۈرۈچ دەرىخىدە پەقەت قۇپقۇرۇق بىر تۈپ غوللا قالىدۇ، خالاس. تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا سوۋغا قىلغان يېمەكلىك ئاشلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا يىغىۋېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ئادەملەر گۈرۈچ دەرىخىنىڭ چېچەكلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئۇنى كېسىپ يىقىتىپ دەرەخ غولىدىكى كراخماللارنى قىرىپ ئېلىۋالىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ گۈرۈچ دەرىخىنىڭ كراخمىلى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇھىم ئوزۇقلۇقى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار قىرىپ ئېلىۋالغان كراخمالنى ئىدىشقا قاچىلاپ، سۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ گۈرۈچ سۈيى تەييارلايدۇ. سۈزۈلگەندىن كېيىن قۇرۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ دان-دانىسى ئاپئاق، پارقىراق «گۈرۈچ» كە ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ ئاتاقلىق «ساگۇ گۈرۈچى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تاماق ئېتىلسە، ئېغىزغا تېتىغۇدەك ئوزۇقلۇقى مول تاماق بولىدۇ.

ساگۇ گۈرۈچىگە مىتە چۈشمەيدۇ، توقۇمىچىلىق سانائىتىدە پات بېرىش (كراخماللاش) كە ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ يۇمران بىخنى ئوتياش ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. يوپۇرماق سېپى ناھايىتى توم بولغاچقا، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.

ساگۇ كوكۇس پالمىسى ئاساسلىقى مالاي يېرىم ئارىلى، ھىندونېزىيىدىكى ھەرقايسى ئاراللار ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيىسى قاتارلىق جايلارغا تارالغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#