نەغەزگۈل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. نەغەزگۈل (خام دورا)
  2. نەغەزگۈل ()
خام دورا

نەغەزگۈل

نەغەزگۈل

نەغەزگۈل پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نەغەزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى نەغەزگۈل
تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萱草

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەغەزگۈلنەغەزگۈل پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نەغەزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كۆپ، شەكلى ئۇرچۇققا ئوخشايدۇ، غولى يالغۇز، سىلىق ۋە قاتتىق؛ يوپۇرمىقى كۆپىنچە توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى يىپسىمان بولۇپ، دۇغسىمان ئېگىلىپ تۇرىدۇ؛ گۈل رېتى چەكلىك كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، غولىنىڭ قالدۇقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق.

ئىسسىق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

نەغەزگۈلنەغەزگۈل يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

نەغەزگۈل يىلتىزى ۋە قارىغاي يىلتىزدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوغۇم سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ھۆل نەغەزگۈل يىلتىزى ۋە ھۆل پاقىيوپۇرمىقىدىن 70 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشمەيدىغان جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ھۆل نەغەزگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ھۆل نەغەزگۈلنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق، سۆزنەك، بۇرۇن قاناش، قان قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ تور لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download4

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#