ئاشۋارىيا راي

ئاشۋارىيا راي(AishwaryaRai) بولسا 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان . ئۇ ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ئايال ئاكتىيورلارنىڭ بىرى بولۇپ ، 1994-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن « دۇنيا خانقىزى » نى تاللاش مۇسابىقىسىدە شەرەپ بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن .     

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاشۋارىيا راي
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
كەسپى ئاكتىيور
مۇكاپات-نەتىجىلىرى «دۇنيا گۈزىلى»
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾西瓦娅·雷
تۇغۇلغان ۋاقتى 1973-11-1
ۋەكىللىك ئەسىرى «يامغۇردىكى ئىلتىجا»، «ھىجران»، «قىزىل يوپۇرماق » ، «ئۇچقۇر ئوغرى 2»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاشۋارىيا راي(AishwaryaRai) بولسا 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەنئەنىۋى ئائىلىدە تۇغۇلغان . ئالىي مەكتەپتە بىناكارلىقنى ئۆگەنگەن ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشتىن سىرتقى مودېل بولغان . نۇرغۇن داڭلىق شىركەتلەرگە ئېلان ئىشلەپ بەرگەن ، بۇلار ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ھىندىستان سالىسى ھەم پېپسى كولا ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئېلاندۇر .

 1994-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن « دۇنيا خانقىزى » نى تاللاش مۇسابىقىسىدە شەرەپ بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا كىنو سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان . ئۇ ئىشلىگەن تۇنجى كىنو Iruvar زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ، كېيىن Jeans ، Kandukondain ،Devda قاتارلىق فىلىملىرى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشتى . 1997 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئېكران مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

1999-يىلى Hum Dil De Chuke Sanam فىلىمىدە رول ئېلىپ بىر دىلا ھىندىستاننىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىق كىنو مۇكاپاتىدا «كىنو خانىشى»بولغان . 

 2003 - يىللىق فىرانسىيەنىڭ «گانا كىنو بايرىمى» دا ، ئۇ ھىندىستان تارىختىن بۇيانقى تۇنجى خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالاش ھەيئىتى بولغان . ئۇ ھەتتا نىكول كىدمان(Nicole Kidman)قاتارلىق ھوللىۋود كىنو چولپانلىرىدىنمۇ كۆزگە چېلىقىپ ، ئالاھىدە چاقناپ تۇرغان چولپانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان . كۆپلىگەن داڭدار ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋى سۈرەتلىرىنى سۈرەتكە ئالغان .

2007-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ، بىر مەيدان داغدۇغىلىق ، كاتتا توي مۇراسىمى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلدى ، بوللىۋودتتىكى 31 ياشلىق كېلىشكەن يىگىت ، كىنو ئارتىسى ئابىشېك باچچان، دۇنيا گۈزىللى ، ھىندىستان گۈزىلى دەپ نام ئالغان 33ياشلىق ئاشۋارىيا راي بىلەن توي قىلدى. بۇ بىرجۈپلەر ، باشقىلار تەرىپىدىن«ھوللىۋودتىكى بۇراد پېتىر ۋە ئەنجىلا جۇلى»دەپ چاقىرىلدىكەن.

ھىندىستاندا . گۈزەل ئاكتىيور ئاشۋارىيا راي مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئالغان ئايال چولپان . 1994-يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن، ئابىشېك باچچان بولسا ھىندىستاندا نامى چىققان كېلىشكەن يىگت، ھىندىستان ئاخباراتچىللىرىنى ئۇلارنى ‹ ئابۇ ئاش › دەپ قىسقارتىپلا ئاتىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ بىرىكىمىسى. ھازىرغىچە بۇ ئەر ئايال ئىككىسى نۇرغۇن فىىلىملەردە بىرلىكتە رولغا چىققان. 2012-يىلى ئاشۋارىيا بىر قىز پەرزەنتى تۇغۇپ، ئامىتاب باچچان نەۋرىلىك بولغان.

1998-يىلى «Jeans» فىلىمىدە رول ئالغان .

1999-يىلى «Ravoyi Chandamama» فىلىمىدە رول ئالغان . 

1999-يىلى «hum dil de chuke sanam» فىلىمىدە سالمانخان[0] بىلەن ھەمكارلاشقان .

2000-يىلى «mela » فىلىمىدە ئامىرخان[1] بىلەن ھەمكارلاشقان .

2000-يىلى «Josh» فىلىمىدە شارۇلخان [2]بىلەن ھەمكارلاشقان .

2000-يىلى «dhaai akshar prem ke » فىلىمىدە ئابىشېك باچچان بىلەن ھەمكارلاشقان .

2000-يىلى «قىزىل يوپۇرماق» فىلىمىدە شارۇلخان بىلەن ھەمكارلاشقان .

2002-يىلى «Hum Kisi Se Kum Nahin » فىلىمىدە رول ئالغان .

2002-يىلى «ھىجران » فىلىمىدە شارۇلخان بىلەن ھەمكارلاشقان .

2003-يىلى «dil ka rishta» فىلىمىدە رول ئالغان .

2003-يىلى «Chokher Bali» فىلىمىدە  رول ئالغان.

2003-يىلى «Kuch Naa Kaho» فىلىمىدە  ئابىشېك باچچان[3] بىلەن ھەمكارلاشقان .

2003-يىلى «Khakee» فىلىمىدە رول ئالغان .

2004-يىلى «Bride and Prejudice» فىلىمىدە رول ئالغان .

2005-يىلى «Bunty Aur Babli» فىلىمىدە ئابىشېك باچچان ۋە رانى[4] بىلەن ھەمكارلاشقان . .

2005-يىلى «Shabd» فىلىمىدە رول ئالغان .

2005-يىلى «The Mistress of Spices» فىلىمىدە رول ئالغان .

2006-يىلى «ئۇچقۇر ئوغرى2 » فىلىمىدە  ئابىشېك باچچان ۋە ھىرتىك روشەن بىلەن ھەمكارلاشقان .

2006-يىلى «Umrao Jaan» فىلىمىدە  ئابىشېك باچچان بىلەن ھەمكارلاشقان .

2007-يىلى «Guru» فىلىمىدە  ئابىشېك باچچان بىلەن ھەمكارلاشقان .

2007-يىلى «The Last Legion» فىلىمىدە رول ئالغان .

2008-يىلى «جودھا- ئەكبەر» فىلىمىدە  ھىرتىك روشەن بىلەن ھەمكارلاشقان .

2009-يىلى «Pink Panther 2» فىلىمىدە رول ئالغان .

2009-يىلى «ماشىنا ئادەمنىڭ مۇھەبىتى» فىلىمىدە رول ئالغان .

2010-يىلى «Action Replayy» فىلىمىدە رول ئالغان .

2010-يىلى «يامغۇردىكى ئىلتىجا» فىلىمىدە  ھىرتىك روشەن بىلەن ھەمكارلاشقان .

2011-يىلى «Bollywood: The Greatest Love Story Ever Tolder» خاتىرە فىلىمىدە رول ئالغان .

2016-يىلى «Ae Dil Hai Mushkil» فىلىمىدە رول ئالغان .

1997    مەملىكەت بويىچە ئېكران مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى       (مۇكاپاتقا ئېرىشتى)

1994     «ھىندىستان گۈزىلى» مۇسابىقىسىدە 2- بولدى.

1994       «دۇنيا گۈزىلى» مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولدى.




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

3.

ئابىشېك باچچان 

http://wiki.izda.com/?a=show&id=8448

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#