تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق بەدەندىكى تۆمۈر يېتىشمەي ھېموگلوبىننىڭ بىرىكىشى ئازايتىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل قان ئازلىق بولۇپ، بالىلاردىكى قان ئازلىقتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى.

غەرب تېبابىتى نامى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق
خەنزۇچە نامى 缺铁性贫血
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملىنىشى يوق
جۇڭيى تىبابىتى نامى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق
تەۋە بۆلۈم قان بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى iron deficiency anemia

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقتۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق بەدەندىكى تۆمۈر يېتىشمەي ھېموگلوبىننىڭ بىرىكىشى ئازايتىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل قان ئازلىق بولۇپ، بالىلاردىكى قان ئازلىقتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى. تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، كېسەللىنىشى بىر ئاز ئاستا بولغانلىقتىن دائىم ئائىلە باشلىقلىرى تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ.

تۆمۈرنىڭ زاپاس ساقلىنىش مىقدارى يېتىشمەسلىك

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق ھامىلە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا كىندىك ئارقىلىق ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن تۆمۈر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاي-كۈنى توشقان يېڭى تۇغۇلغان نورمال بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە زاپاس ساقلانغان تۆمۈر ھەمدە تۇغۇلغاندىن كېيىن قىزىل قان ھۈجەيرىسى بۇزۇلۇشتىن قويۇپ بەرگەن تۆمۈر، تۇغۇلۇپ ئۈچ-تۆت ئاي ئىچىدە قان ياساشتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يېتىدۇ. لېكىن ئەگەر ئانا ئېغىر دەرىجىدىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىققا گىرىپتار بولغان بولسا، بالدۇر تۇغۇلغان ياكى قوشكېزەك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاپاس ساقلىغان تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئازلاشتىن ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ.

تۆمۈرنى تولۇقلىنىشى يېتىشمەسلىك

ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئوخشاشلا تۆۋەن، ئەگەر ۋاقتىدا تەركىبىدە تۆمۈر كۆپرەك بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرمىگەندە ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق يۈز بېرىدۇ.

تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچراش

 ئۇزۇن مەزگىل ئىچى سۈرۈش، ھەزىم يولىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش ياكى ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، يەنە تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆمۈرنىڭ ئېھتىياج مىقدارى ئېشىش

بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، قان سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىشىمۇ تېز، ئەگەر ۋاقتىدا تۆمۈر مىقدارى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرمىگەندە تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆمۈرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياكى سەرپ بولۇشى بەك كۆپ بولۇش

 نورمال بوۋاقلار ھەر كۈنى سىرتقا چىقىرىۋەتكەن تۆمۈر چوڭلارغا قارىغاندا كۆپ، بۇنىڭدىن سىرت ئۈچەي مونچاق گۆشى، ئىلمەك قۇرت كېسىلى قاتارلىقلاردا ئۈچەي يولى قان يوقىتىشتىن تۆمۈرنى يوقىتىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل قايتا-قايتا يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن كېسەللەنسە سەرپ بولۇشى كۆپ بولغانلىقتىن تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ.

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تېرە شىللىق پەردىلىرى بارا-بارا ئاقىرىش (كالپۇك، تىرناقنىڭ رەڭ ئىپادىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك) ، ئىشتىھاسى ئازلاش، قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈشتىن سىرت يەنە بەزى بالىلاردا غەيرىي نەرسىلەرنى يېيىش خۇمارى مەسىلەن: داڭگال، توپا يېيىش قاتارلىقلار. روھى چۈشكۈن ياكى بىئاراملىق، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش، يۈرەك كېڭىيىش كۆرۈلىدۇ ياكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتىن ئاسانلا بىرىكمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقتۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن تازىلىق جەھەتتە تەشۋىق ۋە تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن باشلاپ، ياش ئاتا-ئانىلارغا بۇ كېسەلنىڭ بوۋاققا نىسبەتەن خەتەرلىكلىكى ۋە ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش. كونكرېت ئالدىنى ئېلىش ئامىللىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

1. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ۋاقتىدا تۆمۈر مىقدارى كۆپ بولغان ۋە ئاسان ھەزىم بولىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش. مەسىلەن: تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش قاتارلىقلار. لېكىن يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلۇشتۇرۇپ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئالاھىدە كۆرسىتپ بېرىلىدىغان بىر نۇقتا، ئەگەر بوۋاق كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بولسا چوقۇم كالا سۈتىنى ئىسسىتىۋېتىش ئارقىلىق كالا سۈتىگە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن ئۈچەي يولى ئاز مىقداردا قان يوقىتىش تۆمۈر يوقىتىپ تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئازايتىش.

2. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق، قوشكېزەك ھەم ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلغان بوۋاقلارغا، تۇغۇلۇپ ئىككى ئاي ئەتراپىدا تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى تولۇقلاشقا، تۆمۈر ماددىسىنى كۈچەيتىش يېمەكلىكلىرىنى تاللاپ بېرىشكە بولىدۇ.

3. يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلنىڭ ساقىيىش مەزگىلىدە، گىرىپتار بولغۇچى بالىلارغا تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

4. مىكرو ئېلېمېنتلار ئىچىدىكى تۆمۈر بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە، شۇنداقلا نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشى، كۆپىيىشى، پارچىلىنىشى قاتارلىق جەريانلىرىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە. تۆمۈر كام بولسا بالىلاردا قان ئازلىقنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشىغا ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، تۇخۇم سېرىقىدا تۆمۈر مىقدارى بىر ئاز يۇقىرى. بىراق، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى بىر ئاز ناچار، بوۋاقلىق مەزگىلىدە ھەزىم قىلىش ئىقىتدارى ئاجىز بولغاچقا ھەم تۇخۇم سېرىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ھەزىم بولۇشى ئوڭاي، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاسان بولغاچقا، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش جەريانىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق بالىلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۇخۇم سېرىقىنى تۆمۈر تولۇقلاشتىكى مۇھىم تاللاش ۋاسىتىسى قىلىپ تاللاشقا بولمايدۇ.

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى داۋالاش پرىنسىپى: كېسەل سەۋەبىنى يوقىتىش ۋە تۆمۈر تولۇقلاپ بېرىش. ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمىكى مۇۋاپىق ئەمەس بالىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ئۇلارنىڭ ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تۈزىتىش. ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىقتىن ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەل بىللە كېلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىنى ماس قەدەمدە كۈچەيتىش ئارقىلىق داۋالاش، ئىمكانقەدەر يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەگەر ئۈچەي يول غەيرىي ئۆزگىرىش، ئىلمەك قۇرتتىن يۇقۇملىنىش ياكى ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئاكتىپ ھالدا بىرلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش، ئاندىن تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش. ئادەتتە ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈر تۇزىنى ئىچكۈزۈش، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەڭشەپ ياسالغان ياسالمىلاردىن تۆمۈر سۇلفات، تۆمۈر گلۇكونات سۇلفات قاتارلىقلار بار. تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىملىق تاماقنىڭ ئارىلىقىدا ئىچىش، بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلىشىنى ئازايتىشقا ھەم ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ۋىتامىن C نى ئىچكۈزگەندە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كونكرېت داۋالاش ئۇسۇلىنى دوختۇر بەلگىلىشى كېرەك.

 بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرسىنى ساقلاش، پاكىز تۇتۇش، كېسەللەنگەن بىمارلارغا نىسبەتەن كۈتۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەگەر ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەنلەرگە قان بېرىش (دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە) قاتارلىق پەرۋىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#