گۈەن مۇيەن

گۈەن مۇيەن

گۈەن مۇيەن، مۇيەن-ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق يازغۇچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گۈەن مۇيەن
باشقا نامى مۇيەن
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شەندۇڭ ئۇنۋېرىستېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莫言
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى ناھىيەسى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈەن مۇيەنجۇڭگو يازغۇچىسى مۇيەن، ئەسلى ئىسمى گۈەن مۇيەن، مۇيەن-ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. شەندۇڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئاخپاراتچىلىق ئېنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياىدا رومان ۋە كىچىك ھېكايىلىرى بىلەن مەشھۇر.

مۇ يەننىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى نەھىيەسىدىكى ئۆيى 1912-يىلى سېلىنغان بولۇپ، 1966-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بىر قېتىم رېمۇت قىلىنغان، بۇ ئۆيدە مۇيەن جەمە تىدىكى ئۈچ ئەۋلات كىشى ياشىغان. مۇيەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھەربىي سەپكە قاتنا شقىچە مۇشۇ ئۆيىدە 22 يىل تۇرغان، كېيىن ئۇ بۇ ئۆيىگە پات-پات كېلىپ تۇرغان. 1976- يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئەترەت باشلىقى، مەخپىيەتلىك خادىمى، كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچى، يىتەكچى ئىش بىجىرگۈچى بولغان. 1988-يىلى گاۋمى ناھىيە بازىرى ئىچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كەلگەن.

مۇيەن 1986-يىلى ئازاتلىق ئارمىيە سەنئەت ئېنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1991-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى لۇشۇن ئېنىستىتوتىنىڭ ئاسپىراتنلىقىنى پۈتتۈرۈپ، ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

مۇيەن جۇڭگودا ئىسلاھات دەۋرى باشلانغان 80-يىللاردا يېزىقچىلىققا رەسمىي كىرىشكەن. شۇ يىللاردا ئۇ ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان نەچچە ئونلىغان يېزا تېمىسىدىكى ھېكايە، پوۋستلىرى بىلەن تونۇلغان.

«بىزنىڭ جىڭ كې»، «قۇرىغان دەريا»، «كۈز سۈيى»،«خەلق ئارىسىدىكى مۇزىكا»، «يىلتىز ئىزدەش»، «قىزىل قۇناقلىقتا»، «شەرەپلىك جۇمھۇرىيەت»ناملىق رومان، «بىر ياز كېچىسى ياغقان يامغۇر» (1981)، «قىزىل قېلىچ ساداسى»( بۇ ئەسەر بەش قىسىم بولۇپ، 1987-يىلى يېزىىلىپ شۇيىلى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان،1993-يىلى ئېنگىلىزچە نەشرقىلىنغان)، «سېرىق تۇپراق باللادىلىرى» (1988- يىلى خەنزۇچە، 1995-يىلى ئېنگىلىزچە نەشرقىلىنغان)،«شەرەپ جۇمھۇرىيىتى» (1992- يىلى خەنزۇچە 2000-يىلى ئېنگىلىزچە نەشر قىلىنغان)، «تولغان كۆكرەك، سېمىز ساغرا» (1996-يىلى خەنزۇچە، 2005-يىلى ئېنگىلىزچە نەشر قىلىنغان)،«سەندەل ياغىچى»(2004-يىلى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان 2011-يىلى ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان)،«مەن ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا»(2006-يىلى خەنزۇچە، 2008-يىلى ئېنگىلىزچە نەشر قىلىنغان)، «دىئالوگ»، «پاقا» (2010) قاتارلىق رومانلىرى ۋە نەچچە يۈز پارچە ھېكايىلىرى بار.

مۇيەننىڭ بىر نەچچە ئەسىرى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.

«قىزىل قۇناقلىقتا»(1987-يىلى رېژىسسور جاڭ يىمۇ)، «بەختلىك ئانىلار»(2000-يىلى،رېژىسسور جاڭ يىمۇ)، «ئۇستاز:كۈلۈش ئۈچۈن ھەرنېمە قىلىدۇ»(2003-يىلى،رېژىسسور خۇاجيەنچى)، «ئاق ئىت ۋە يەلكەن»ناملىق ئەسىرى ئاساسىدىكى«قۇياشنىڭ قۇلاقلىرى بار»(1995-يىلى، رېژىسسور،يىڭ خۇ) قاتارلىقلار بار.

بۇ يىللاردا مۇ يەننىڭ «قۇرىغان دەريا»، «كۈز سۈيى»،«خەلق ئارىسىدىكى مۇزىكا»ناملىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان،بۇ ئەسەرلەردە ئۇنىڭ يېزىغا بولغان سېغىنىش، يېزىنى ئويلاشتەك مۇرەككەپ ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن بولۇپ،ئۇ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن دەسلەپكى يىللاردىلا،يەنى جۇڭگودا ئىسلاھات،ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن «يىلتىز ئىزدەش»ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى قاتارىدا سانىلىشقا باشلىغان.

مۇيەن1981-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى رومانى «بىر ياز كېچىسى ياغقان يامغۇر» نەشر قىلىندى. ھەممە يلەنگە مەلۇمكى، مۇيەننىڭ «قىزىل قۇناقلىقتا»رومانى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ئېچىنىشلىق تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان رومان. ئۇ بۇ رومانىدا، جۇڭگو تارىخىدىكى 1923-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بولغان ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش، ئازاتلىق ئۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشاش زور ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەن، بۇ ئەسەردە ھەتتا،تاجاۋۇزچى ياپۇن ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئازاپلىرى ئەنئەنىۋىي تەرزدە ئىنچىكە تەسۋىرلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئىككىنچى رومانى«سېرىق تۇپراق باللاد ىلىرى»دابولسا،ئالىي كوپراتسىيە قۇرۇش مەزگىلىدىكى مەھسۇلاتى دۆلەتكە تاپشۇر لىدىغان قوناق تېرىش،دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقانلار ھەققىدە ھېكايە قىلىنغان.«شەرەپلىك جۇمھۇرىيەت»ناملىق رومانى بولسا،ھاراق ھەققىدىكى ساتىرا بولۇپ،مۇيەن بۇ ئەسىرى ئارقىلىق لۇشۈندىن كېيىن،جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي مەدە نىيتىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى تەنقد قىلغان يازغۇچى دەپمۇ قارالغان.

مۇيەننىڭ 1997 -يىلى ئېلان قىلىنغان «تولغان كۆكرەك،سېمىز ساغرا»ناملىق رومان بولسا،ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلار تەر ىپىدىن دەھشەتلىك دەپسەندە قىلىنغانلىقى تەسىۋىرلەنگەن ئەسەر.لېكىن بۇ ئەسەر جۇڭگودا خېلى چوڭ مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان بولۇپ، بەزى سولچىل تەنقدچىلەر بۇ ئەسەردىكى قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈ لگەن، دەپ قارىغان.

مۇيەننىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن،ئىجتىمائىي تەھلىل خاراكتېرىدە يېزىلغان بولۇپ،ئۇ لۇشۇندىن كېيىن،جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ قالاق تەرەپلىرىگە تەنقىدى كۆز بىلەن قارىغان، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىدا سوتسىيالىستىك رىئالىم بىلەن گابرىل گرسىيا ماركوزنىڭ سېھرىي رىئالىزىمىنى ئىجادىي بىرلەشتۈر گەن،جۇڭگونىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلغان كىلاسسىك ئەدەبىيا تىدىن ناھايتى مول ئۇزۇق ئالغان.

مۇيەننىڭ رومانلىرى ئاساسەن، سوتسىيالىستىك رىئالىزىم خاراكتېرگەئىگە، قارايۇ مۇر ئۇسلۇبىدىكى ئىپىك تارىخىي رومانلاردۇر.ئۇ مۇئەييەن ئىدولوگىيەنىڭ تەسىرىگە قارىماي، ئەسەرلىرىدىكى باش تېما ئىنسانلارنىڭ ئاچ كۆز ۋە ساتقىنلىقىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ئىنسانىي مەسىلىگە مەركەزلەشكەن.شۇڭا بۇ ئەسەرلەردىكى ئوبرازلار ئاپتۇر نىڭ ئەسلى يۇرتى شەندۇڭ يېزىلىر ىدىكى دېھقانلار ئاساسىدا يارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئادىمىي خاراكتېر جەھەتتىن خېلىلا مۇرەككەپ ۋە رەڭگارەڭ.

ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنى 2012-يىلى 11-ئايدا يەنە بىر يېڭى ئەسىرى «بىزنىڭ جىڭ كې»ناملىق رومانىنى بېيجىڭدا نەشر قىلدۇردى،بۇ روماندىكى جىڭ كې جۇڭگۇ تارىخىدىكى قەھرىمان بولۇپ، چىن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىن شىخۇاڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتنىشىپ، سۈيقەست ئەمەلگە ئاشماي، چىن شىخۇاڭ تەرىپىدىن جازالىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ رومان مۇشۇ تارىخى ۋەقەگە بېغىشلانغان.

مۇيەن 1988-يىلى خەلقارالىق نىئۇستات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

مۇيەننىڭ «قىزىل قۇناقلىقتا»ناملىق ئەسىرى 2000-يىلى شاڭگاڭدا خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنىپ،پۈتۈن ئاسىياغا تارقىلىدىغان «ھەپتىلىك گېزىت» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەشھۇر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە «20-ئەسەردىكى خەنزۇ چە يېزىلغان ئەڭ مەشھۇر رومان»بولۇپ باھالانغان.

2001-يىلى ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى تەيۋەندە چىقىدىغان «بىرلەشمە گېزىت» ئۇيۇشتۇرغان يىللىق باھالاشتا شۇ يىللىق ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاپ بولۇپ باھالانغان.

گۈەن مۇيەن2005-يىلى كىرىياما مۇكاپاتى، «تولغان كۆكرەك، سېمىز ساغرا»ناملىق ئەسىرى 2009-يىلى خەلقارالىق داڭلىق كىتابلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى بۇ ئەسەر يەنە «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.شۇ يىلى يەنە ئۇنىڭ «41-توپ»ناملىق ئەسىرى«خەنزۇ ئەدەبىياتى تاراتقۇلىرى چوڭ مۇسابىقىسى»دە «نەتىجە ۋە تالانت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن،ھەمدە بۇ نەتىجىسى بىلەن شاڭگاڭ ئاۋام ئۇنۋېر ىستېتىنىڭ پەخرىي ئەدەبىيات دوكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان.

2006-يىلى نەشر قىلىنغان«پاقا»ناملىق رومانىنىڭ بىرىنچى باپى بولغان«ھايات ماماتلىق چارچاش» سىنگاپۇردا چىقىدىغان بىر گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ سىنگا پۇردا تارقىتىلىدىغان «ئاسىيا سۇڭفۇگاڭ مەدەنىيەت بۈيۈك مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

2006-يىلى 12-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان «جۇڭگودىكى ئەڭ باي يازغۇچىلارنى باھالاش»پائالىيىتىدە،ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى 3مىليۇن 450مىڭ يۈەن پۇلى بىلەن جۇڭگودىكى ئەڭ باي يازغۇچىلار رەت تەرتىپىدە 21-ئۇرۇندا تۇرغان.

جۇڭگودىكى ئەڭ يۇقۇرى سوممىلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى «بۈيۈك ئەدەبىياتشۇناس» ناملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2010-يىلى«مەن ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا»ناملىق ئەسىرى خەلقارا تىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى بولسا،«مۇ يەن ئەسەرلىرىدە،جۇڭگوچە بولغان سوتسىيالىستىك رىئالىزىم بىلەن ئەل ئىچى ئەدەبىياتى، تارىخ ۋە بۈگۈننى ئۆزئارا بىر گەۋدىلەشتۈرگەن» دېگەن باھا بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012- يىلى 57 ياشقا كىرگەن يازغۇچى مۇيەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغان 109-كىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆزىدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلىنىپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى خەنزۇ يازغۇچى بولۇپ قالغان.

مۇيەن ئۈن-تۈنسىز يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسەرلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا چەتئەللەرگىمۇ تونۇلۇشقا باشلىغان. ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەنقدچىسى دونالد موررېېىن «TIME» ژۇنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە،«مۇيەن جۇڭگودا ئەسەرلىرى تېز نەشر قىلىنىپ، تېز سېتىلىدىغان مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ بىرى» دېسە، ئامېرىكىلىق جىملېس «مۇيەن جۇڭگونىڭ فىرانىز كافكاسى ۋە جوزېف ھېللېرى» دەپ ئاتىغان.

شۋېتسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبىرى پېتىر ئېنگىلوند مۇيەنگە مۇكاپات بېرىش نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «ياز غۇچى مۇيەن ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە بولۇپ، سىز ئۇنىڭ ئەسىرىدىن يېرىم بەت ئوقۇپلا بۇ ئەسەرنى كىم يازغان؟ دەيسىز».

مۇ يەن جۇڭگونىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلغان كىلاسسىك ئەدەبىيا تىدىن ناھايتى مول ئۇزۇق ئالغان.شۇڭا مۇيەنمۇ،«غەرپكە ساياھەت»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.ئۇ يەنە 2009-يىلى گېرمانىيەنىڭ فىرانكفورت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا كىتاب يەرمەنكىسىدە،ئۆز ئىجادىيىتىگە دۇنيا ئەدەبىيا تىنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#