پىستە مېغىزى
پىستە مېغىزى ئۆسۈملۈك پىستىنىڭ مىۋىسى بولۇپ،دەرىخى بادام دەرىخىگە ئوخشايدۇ.سەمىرتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پىستە مېغىزىنى كۇندە 10 گرامدىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ .مېغىزىنى چاينىسا چىشنىڭ تۈۋىنى چىڭىتىدۇ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ، پىشادقنى يوق قىلىدۇ، ھېق تۇتۇشنى، ئىھالنى، ئۇسسۇزلۇقنى يوقىتىدۇ، شاراب بىلەن ئىچسە چايان قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ چاققان زەھىرىنى قايتۇرىدۇ. 5 گرام پىستە تاشقى پوستىنىڭ سۇپۇپىنى ئىستېمال قىلسا، ئۆتكۈر ئىچ ئۆتكۈ توختايدۇ پىستە تاشقى پوستىنىڭ سۇپۇپىنى بىرەر شەربەتكە ئارىلاشتۇرۇپ تېتىپ بەرسە، قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىدۇ. بۇنىڭ شىرىسى بىلەن چاچلارنى يۇيسا ۋەسۋەسى سەۋدا كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ ۋە تاماقلارنى خۇشبۇي قىلىدۇ. خۇشبۇي دورىلارنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
لوبوبى كەبىر
مېڭە، يۈرەك ئاجىزلىغى، ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىغى ، ئۇنۇتقاقلىق ،ئۇرۇقلۇق ،ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىغى، بۆرەك ئۇرۇقلاپ كېتىش، باھ ئاجىزلىغى ، مەنىي سۇيۇلۇپ كېتىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، يۆتەل، قۇسۇش، قورساق .ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
مىۋىسى ۋە مېغىزىدا ئاقسىل ،مايلىق ياغلار بار .مېغىزىدىكى مايلىق ياغ % 43 ـ %65 كە، ئازۇت %2كە ،قەنت تۈرىدىكىلەر % 10كە، تالالىق ياغ %4كە ،كـۈل مـاددا %3 ،يېتىـدۇ .يـەنـە كـاروتـىـن ( carotin ) ۋىتامىنE، ۋىتامىن C،B1 ، B2 ، نىكوتىن كىسلاتاسى (nicotinic acid) قاتارلىقلار بار. يوپۇرمىقىدا تاننىك كىسلاتاسى بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.