قەشقەرنىڭ تۇپراق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

 قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇپراق تەبىئىي خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە شەكىللىنىش بويىچە تۆۋەندىكىدەك تىپلارغا ئايرىلىدۇ: چۆل تۇپراق، بىنەم تۇپراق، يېرىم سۇلۇق تۇپراق، سۇلۇق تۇپراق، شور تۇپراق، سۈنئىي تۇپراق، ئېگىز تاغ تۇپرىقىدىن ئىبارەت. تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ۋىلايەت بويىچە تۇپراق 14 تۇپراق تۈرىگە، 28 كەنجى تۈرگە، 29 تۇپراق ئۇرۇقدىشىغا ئايرىلىدۇ، تېرىلغۇ يەر تۇپرىقى 64 خىلغا بۆلۈنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ تۇپراق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇپراق تەبىئىي خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە شەكىللىنىش بويىچە تۆۋەندىكىدەك تىپلارغا ئايرىلىدۇ: چۆل تۇپراق، بىنەم تۇپراق، يېرىم سۇلۇق تۇپراق، سۇلۇق تۇپراق، شور تۇپراق، سۈنئىي تۇپراق، ئېگىز تاغ تۇپرىقىدىن ئىبارەت. تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ۋىلايەت بويىچە تۇپراق 14 تۇپراق تۈرىگە، 28 كەنجى تۈرگە، 29 تۇپراق ئۇرۇقدىشىغا ئايرىلىدۇ، تېرىلغۇ يەر تۇپرىقى 64 خىلغا بۆلۈنىدۇ.

لايلاتما تۇپراق

  لايلاتما تۇپراق قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تارقىلىش كۆلىمى ئەڭ زور تېرىلغۇ يەر تۇپرىقى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىش جەريانىدا، سۇنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇم مىقداردىكى تۇپراق دانىچىسى ۋە ئورگانىك ماددىلار سۇ بىلەن تەڭ ئېتىزلارغا كىرىپ، پەيدىنپەي تىنما ھاسىل قىلىدۇ، ھەريىلى ئېتىزلىقلارغا قۇيۇلغان قىغ قوشۇلۇپ، يەر ئاغدۇرۇش، تېرىقچىلىق شارائىتىدا تۇپراق قاتلىمى پەيدىنپەي قېلىنلىشىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى 5 مىليون 662 مىڭ 817 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە تېرىلغۇ يەر تۇپراق كۆلىمىنىڭ %48.84 ىنى ئىگىلەيدۇ.

زەي تۇپراق

  زەي تۇپراق قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق تېرىلغۇ يەر تۇپرىقىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى 4 مىليون 152 مىڭ 267.4 مو بولۇپ، تېرىلغۇ يەر تۇپرىقىنىڭ %35.81 ىنى ئىگىلەيدۇ. زەي تۇپراق چىملىق تۇپراق، چۆپلۈك شور تۇپراق، ئورمان چىملىق تۇپراق، سازلىق تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي تۇپراقلار ئاساسىدا بوز يەر ئېچىش، تۇپراقنى ئۆزگەرتىش ئارقىسىدا شەكىللەنگەن.

شاللىق تۇپراق

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شاللىق تۇپرىقى چىملىق تۇپراق، سازلىق تۇپراق ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەت سۇ قويۇپ پىشۇرۇش، شال ئۆستۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىر خىل تېرىلغۇ يەر تۇپرىقىدۇر، ئۇنىڭ كۆلىمى 29 مىڭ 637 مو بولۇپ، تېرىلغۇ يەر تۇپراق كۆلىمىنىڭ %0.26 ىنى ئىگىلەيدۇ.

چىملىق تۇپراق

  قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چىملىق تۇپراق كۆلىمى 12 مىليون 391 مىڭ 150.3 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە تۇپراق كۆلىمىنىڭ %5.65 ىنى ئىگىلەيدۇ، چىملىق تۇپراق يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە مۇئەييەن بىيولوگىيەلىك جەريان ئارقىلىق يېتىلگەن يېرىم سۇلۇق تۇپراقتىن ئىبارەت. ئاساسلىق تۇپراقنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددىلىرىنىڭ جۇغلىنىشى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى تۇپراقنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئوكسىدلىنىشى ئارقىسىدا ئەسلىگە كېلىش، ئالمىشىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چىملىق تۇپراق كىگىزسىمان چىملىق تۇپراق، ئورمان چىملىق تۇپراق ۋە لايلاتما چىملىق تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ كەنجى تىپلارغا بۆلۈنىدۇ.

سازلىق تۇپراق

ئاساسلىق تۇپراقنىڭ شەكىللىنىش جەريانى كەسمە يۈزنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى چىرىندى ماددىلارنىڭ جۇغلىنىش جەريانى، كەسمە يۈزنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى يوشۇرۇن يېتىلىش جەريانى ۋە شورلىشىش قوشۇمچە جەريانىدىن ئىبارەت. سازلىق تۇپراق قۇرۇقلۇق سازلىق تۇپراق ۋە شورلۇق سازلىق تۇپراقتىن ئىبارەت ئىككى كەنجى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سازلىق تۇپراقنىڭ زەيلىرى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇنى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق يېرى قىلىشقا بولىدۇ.

شور تۇپراق

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شور تۇپراق كۆلىمى 17مىليون 312 مىڭ 291.8 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %7.9 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ مۇئەييە كىلىمات، ئانا جىنس، يەر شەكلى، گىدرولوگىيە ۋە گىدرولوگىيەلىك، يېپىنچا ئۆسۈملۈك قاتارلىق تەبىئىي شارائىت ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. شور تۇپراق چىملىق شور تۇپراق ۋە شور تۇپراق (تىپىك شور تۇپراق) تىن ئىبارەت ئىككى كەنجى تۈرگە ئايرىلىدۇ. چىملىق شور تۇپراقنىڭ مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتى بار. تىپىك شور تۇپراقنىڭ بەزى جايلىرىدا شورغا چىداملىق شالاڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ، بەزى جايلىرىدا شور ئېچىلىپ قالغاچقا يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئۆسمەيدۇ.

قوڭۇر چۆل تۇپراق

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قوڭۇر چۆل تۇپراق كۆلىمى 31 مىليون 230 مىڭ 844 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %14.3 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ تۆت كەنجى تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئىسسىق، مۆتىدىل بەلباغلاردىكى ئىنتايىن قۇرغاق چۆل كىلىماتى شارائىتىدا يېتىلگەن بەلباغلىق تۇپراق ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۇپراقتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رولى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ، ئۇ ھەمىشە ھاك، ئېرىشچان تۇز ۋە كالتىسىي كاربوناتنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. يېپىنچا ئۆسۈملۈك شالاڭ ھەم ئاددىي ئۆسىدۇ، كۆپىنچىسى شىرنىلىك، چوڭقۇر يىلتىزلىق، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق يېرىم چاتقاللىق ۋە چاتقاللىق چۆل تىپىگە تەۋە. قوڭۇر چۆل تۇپراق ئۆزلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، لايلاتما تۇپراققا ئايلىنىشقا باشلايدۇ.

قۇمساڭ تۇپراق

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قۇمساڭ تۇپراق كۆلىمى 41 مىليون 770 مىڭ 690.2 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %19.1 ىنى ئىگىلەيدۇ، قۇمساڭ تۇپراق يېتىلىش جەريانىغا ئاساسەن، ئۇ كۆچمە قۇمساڭ تۇپراق، يېرىم مۇقىم قۇمساڭ تۇپراق، مۇقىم قۇمساڭ تۇپراق ۋە لايلاتما قۇمساڭ تۇپراقتىن ئىبارەت ئىككى كەنجى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

قارا چىلان تۇپراق

  قارا چىلان تۇپراق، مۆتىدىل، يېرىم قۇرغاق يايلاق بەلبېغىدا يېتىلگەن بەلباغلىق تۇپراق ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قارا چىلان تۇپراق كۆلىمى 3 مىليون 793 مىڭ 480.6 مو بۇلۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %1.73 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۇپراقنىڭ پەقەت سۇس چىلان تۇپراقتىن ئىبارەت بىرلا كەنجى تۈرى، سۇس چىلان تۇپراق ۋە تېرىلىدىغان سۇس چىلان تۇپراقتىن ئىبارەت ئىككى تۇپراق ئۇرۇقدىشى بار.

قوڭۇر كالتىسىيلىق تۇپراق

  قوڭۇر كالتىسىيلىق تۇپراق ۋىلايەت دائىرىسىدىكى يېرىم چۆل بەلباغلىق تۇپراق ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قوڭۇر كالتىسىيلىق تۇپراقنىڭ كۆلىمى 4 مىليون 359 مىڭ 286.7 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %1.99 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۇپراقنىڭ پەقەت قوڭۇر كالتىسىيلىق تۇپراقتىن ئىبارەت بىرلا تۈرى، قوڭۇر كالتىسىيلىق تۇپراق ۋە تېرىلىدىغان قوڭۇر كالتىسىيلىق تۇپراقتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۇپراق ئۇرۇقدىشى بار.

دەريا ۋادىسىدىكى چىملىق تۇپراق

    قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دەريا ۋادىسىدىكى چىملىق تۇپراق ئېگىزلىكلەرگە جايلاشقان يېرىم سۇلۇق تۇپراق ھېسابلىنىدۇ، كۆلىمى 402 مىڭ 439.2 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %0.18 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۇپراق دەريا ۋادىسىدىكى چاتقاللىق چىملىق تۇپراق ۋە چىملىق تۇپراقتىن ئىبارەت ئىككى كەنجى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

دەريا ۋادىسىدىكى سازلىق تۇپراق

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دەريا ۋادىسىدىكى سازلىق تۇپراق ئېگىزلىككە جايلاشقان سۇلۇق تۇپراق ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى 332 مىڭ 340 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %0.15 ىنى ئىگىلەيدۇ.

تاغلىق چىملىق تۇپراق

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق چىملىق تۇپراق  كۆلىمى 24 مىليون 237 مىڭ 722.4 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %11.1 ىنى ئىگىلەيدۇ، تاغلىق چىملىق تۇپراق ئېگىز سوغۇق رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە پايدىلىنىشقا باب كەلمەيدۇ.

سوغۇق چۆل تۇپراق

  قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سوغۇق چۆل تۇپراق كۆلىمى 52 مىليون 582 مىڭ 897 مو بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەر كۆلىمىنىڭ %24 ىنى ئىگىلەيدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 3800-5200 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان قۇرغاق سوغۇق ئېگىز تاغلارغا ياكى كەنجى ئېگىز تاغلاردىكى چۆللۈك جايلارغا تارقالغان، كەسمى يۈز قاتلاملارغا ئايرىلىشى روشەن ئەمەس، ئۇنىڭ تۇپراق ھاسىل قىلغۇچى ئانا جىنسلىرى يارداڭلىق تىنمىسى، كەلكۈن تىنمىسى، مۇزلۇق تىنمىسى ۋە قالدۇق تىنما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

 ئومۇمىي ئوزۇقلۇق ئەھۋالى

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۇپراق تەركىبىدىكى ئومۇمىي ئوزۇقلۇق ئەھۋالى مۇنداق: بىرىنچىدىن، تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا تەركىبى تۆۋەن، فوسفور، ئازوت تەركىبى ئاز، كالتىسىي مول بولۇپ، مىكرو ئېلېمىنتلار ئىنتايىن كەمچىل؛ ئىككىنچىدىن، تۇپراقنىڭ شورلىشىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كۆلىمى زور؛ ئۈچىنچىدىن، تۇپراىقنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ناچار. تېرىلغۇغا باب مەزگىلى قىسقا، تېرىلغۇ سۈپىتى ناچار، تۇپراق يۈزىدىكى چالمىلار چوڭ بولغاچقا، مايسىنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ۋە يىلتىزىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەمما، ئوغۇت بىلەن  تەمىنلەش ئىقتىدارى بىرقەدەر ياخشى، زاپاس كۈچى خېلى تولۇق؛ تۆتىنچىدىن، تۇپراق سۈپىتى يەڭگىل، قۇمساڭ بولۇپ، تېز ئىسسىيدۇ، تېرىقچىلىق قىلىش ئاسان، زىرائەتلەرنىڭ ئۈنۈشى تېز، بىراق تۇپراق كاۋاكچىلىرى چوڭ، ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا، ئورگانىك ماددىلارنىڭ جۇغلىنىشىغا پايدىسىز، نەملىك ۋە ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى ناچار.

ئوزۇقلۇق ئەھۋالى

  1) تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددا مىقدارى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىكى تېرىلغۇ قەۋىتى (0-20 سانتىمېتىر) نىڭ تۇپراق تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددا مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %0.9017 كە يېتىدۇ، ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ تۇپراق تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددا مىقدارىمۇ ئوخشاش ئەمەس. قەشقەرنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا يۇقىرى، كىلىمات قۇرغاق، تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ جۇغلىنىشى ئاز، پارچىلىنىشى تېز، ئورگانىك ماددا مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولغاچقا، كونا تېرىلغۇ يەر ھېسابلانسىمۇ، پىشىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئورگانىك ماددا مىقدارى دېگۈدەك يۇقىرى ئەمەس. ئورگانىك ماددا مىقدارى %0.90 تىن ئاشىدىغان ئاران يەتتە ناھىيە بار، بۇنىڭ ئىچىدە تاشقورغان ناھىيەسى تاغلىق رايون بولغاچقا، ئورگانىك ماددا مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، %1.71 كە يېتىدۇ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ %1.17، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ %1.11، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ %0.95، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ %0.93، مەكىت ناھىيەسىنىڭ %0.92، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ %0.91؛ ئورگانىك ماددا مىقدارى ۋىلايەت بويىچە ئوتتۇرىچە قىممەتتىن تۆۋەن بولغانلىرى قاغىلىق، يېڭىشەھەر، يەكەن، قەشقەر شەھىرى، پوسكامدىن ئىبارەت بەش ناھىيە (شەھەر) بولۇپ، بۇلار ئىچىدە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئاران %0.69 كە يېتىدۇ.

  2) تۇپراقتىكى ئازوت مىقدارى. تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۇپراقلاردا ئازوت ماددىسىنىڭ ساقلىنىشى كۆپ ئەمەس ئىكەن. 0-20 سانتىمىتېرغىچە بولغان تۇپراقتىكى تولۇق ئازوت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە %0.133 كە، پەيزىۋات ناھىيەسىدە %0.079 كە، مارالبېشى ناھىيەسىدە %0.074 كە، مەكىت ناھىيەسىدە %0.072 كە، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە %0.068 كە، قاغىلىق ناھىيەسىدە %0.07 كە يېتىدۇ. ئىشقاردا پارچىلىنىدىغان ئازوتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولغان. ۋىلايەت بويىچە ئوتتۇرىچە ppm 31.3بولۇپ، ئازوت بىلەن تەمىنلەش سىجىللىقى %5.1.

 3) تۇپراقتىكى فوسفور مىقدارى. قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇپراق تەركىبىدە فوسفورنىڭ مىقدارى ئومۇميۈزلۈك بىرقەدەر يۇقىرى، ئادەتتە ئۇنىڭ مىقدارى 0.045-0.06 كىچە بولۇپ، بىرقەدەر مول، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان فوسفور بىلەن بىرقەدەر كۆپ ئوغۇتلانغان جايلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا جايلاردا مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن. ۋىلايەت بويىچە تېرىلغۇ يەر تۇپرىقىنڭ ۋەزمىنلىك ئوتتۇرىچە قىممىتى ppm 4.2، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ ppm 8.2، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ppm 4.9، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ppm 4.8، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ppm 4.7، مارالبېشى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ppm 4.3، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ppm 3.7، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ppm 3.6، كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ppm 3، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ppm 2.9، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ppm 2.8، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ppm 9.2، ۋىلايەت بويىچە %90 تىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تۇپرىقىدا فوسفور كەمچىل. 

 4)تۇپراقتىكى كالىي مىقدارى. تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۇپرىقىدىكى تولۇق كالىي مىقدارى %2 ئەتراپىدا بولغان، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كالىينىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 234 گە يەتكەن، ناھىيە (شەھەر) لەرنى بىرلىك قىلغاندا ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 200 دىن كۆپرەك بولغان، ئايرىم جايلاردا بىرقەدەر تۆۋەن بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا جايلاردا خېلى مول.

 5) تۇپراقتىكى مىكرو ئېلېمېنتلار. بۇ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق تۇپراق تىپىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمى (0-20 سانتىمېتىر). مىكرو ئېلېمېنتلاردىن بورنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 1.86 بولۇپ، مىقدارى مول؛ سىنكنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 1.38 بولۇپ، مىقدارى ئوتتۇرا دەرىجىلىك؛ تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 14.84 بولۇپ،  مىقداى مول؛ مانگاننىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 5.17 بولۇپ، مىقدارى كەمچىل؛ مىسنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى ppm 2.62 بولۇپ، مىقدارى مول.

 قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تارىم چۆللۈكى سوبتىروپىك بەلبېغىغا تەۋە. تۈزلەڭلىكلەردىكى بەلباغلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە ئۇلترا قۇرغاق رايونلاردا ئۆسىدىغان چاتقاللار ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاندىن قالسا ئۇششاق يېرىم چاتقال ۋە يېرىم چاتقاللار بار. ئۇنى ئېتىزلىق يپىنچا ئۆسۈملۈكى، چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكى، سازلىق يپىنچا ئۆسۈملۈكى، ئېگىز تاغ يپىنچا ئۆسۈملۈكى، چۆل-باياۋان يپىنچا ئۆسۈملۈكى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

ئېتىزلىق يپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

  ئېتىزلىق يپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈلگەن زىرائەت، مېۋىلىك دەرەخ ۋە ئېتىز-ئېرىقلاردىكى ئوت-چۆپلەردىن تەركىب تاپقان، ئۇ ئاساسلىقى ۋىلايەت تەۋەسىدىكى سۇغىرىلىدىغان بوستانلىقلارنىڭ تۇپراق تىپى بولغان لايلاتما تۇپراق، نەم تۇپراق، شاللىقلارغا تارقالغان.

 1) ئۆستۈرىلىدىغان زىرائەتلەر. بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاق قوناق، شال، كېۋەز، ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، زىغىر، قوغۇن، تاۋۇز، بېدە، قاشقا بېدە، تېرىق، سۆك، يېشىل پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق، كەندىر، كۈنجۈت، قىچا، زىرە، خاسىڭ، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ، چامغۇر، پىياز، كۈدە، شوخلا، پىدىگەن، مۇچ، كاۋا، قاپاق قاتارلىقلار بار.

 2) مېۋىلىك دەرەخلەر. ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما، بادام، قارىئۆرۈك، گىلاس، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار.

  3) دەل-دەرەخلەر. سۇۋادان تېرەك، ئاق تېرەك، مىرزا تېرەك، سۆگەت، قارىياغاچ، ئاكاتسىيە، جىگدە، ئۈجمە، ئەرمۇدۇن قاتارلىقلار بار.

  4) ئېتىز-ئېرىقلاردىكى ئوت-چۆپلەر. قومۇش، يانتاق، كۆك بۇيا، پاقىيوپۇرمىقى، مامكاپ، سېمىزئوت، ئىتياڭىقى، زاغزاق، كۈرمەك، شۇمبۇيا، سېرىقئوت، بۇدۇشقاق، كۈل رەڭ يېشىل لەيلەك، پايزا، خوخا قاتارلىقلار بار.

چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

  چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى دەريا-ئېقىنلارنىڭ دېلتىسى، تىرراسا، دەريا ئارىلىقلىرى ۋە يەلپۈگۈچسىمان ئازگاللار، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەتراپلىرىغا تارقالغان، تۇپرىقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە شورلاشقان. يەر ئاستى سۇ ئورنى بىرقەدەر يۇقىرى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، بىيولوگىيەلىك شارائىتىدا پەرق چوڭ، شورلاشقان چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن تەركىب تاپقان بىئولوگىيەلىك ئېكولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىمۇ پەرق ناھايىتى چوڭ. تۈرلىرىدىن ئاساسەن شورغا چىداملىق ھەرخىل باشاقلىق ئوت-چۆپلەر بولۇپ، بەزىلىرى ئېغىر شورلاشقان شارائىتتىمۇ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆسۈۋېرىدۇ. تۈركۈم تۈرلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە قۇرۇلمىسى بىرقەدەر ئاددىي، قاپلىنىش دەرىجىسى ئادەتتە %20-70 كىچە بولىدۇ.

  1) قومۇش تۈركۈمى سىستېمىسى. ئۇ ئىنتايىن كەڭ تارقالغان شورلۇق ئۆسۈملۈكى بولۇپ، تۈركۈملىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مۇنداق: (1) قومۇش بىلەن شورغا چىداملىق ئۇششاق باشاقلىق ئوت-چۆپلەردىن تۈركۈم ھاسىل قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرلىرىدىن ئېجرىق، ئارىلاش ئۆسىدىغان ئايراۋۇق، چىغ، زاغزاق، يانتاق ۋە قوڭغۇراق تىكەن، ئاق تىكەن، قارا تىكەن قاتارلىق چاتقاللار بار. (2) قومۇش بىلەن شورغا چىداملىق ياۋا ئوت-چۆپلەردىن تەركىب تاپقان تۈركۈمى. بۇ قومۇشنى ئاساس قىلىدۇ، ئارىلاش ئۆسكەن چۈچۈكبۇيا، ياۋا كەندىر، شالاڭ يوپۇرماقلىق يانتاق، شور چېچىكى، سۇۋادان قاتارلىقلار شالاڭ ئۆسىدۇ. يايلاقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، قومۇش+ ئېجرىق، قومۇش+ زاغزاق، قومۇش+ قارا ئېجرىقتىن ئىبارەت.

  2)ئېجرىق تۈركۈمى سىستېمىسى. ئېجرىق ئۇششاق باشاقلىق شورلۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشقا ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن بىرلىشىپ كالونىيە ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ياۋا ئوت-چۆپلەر ئاساسەن شورلۇق پاقىيوپۇرمىقى، مامكاپ، سۇۋادان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت؛ بەزىلىرى قارا ئېجرىق، پاكار قومۇشلار بىلەن بىرلىشىپ كالونىيە ھاسىل قىلىدۇ. شورلىشىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كالونىيە تەركىبىدە يۇلغۇن، پوزمان، شورلۇق بوغۇم كۆرۈك قاتارلىق تىپىك شورلۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى پەيدا بولىدۇ.

 3) چىغ تۈركۈمى سىستېمىسى. كۆپىنچە تۇپراقنىڭ شورلىشىشى ئاجىزراق، يەر ئاستى سۈيى بىلەن تەمىنلىنىشى تولۇق بولغان شورلۇق چىملىق تۇپراقلارغا تارقالغان. ئارىلاش، شالاڭ ئۆسىدىغان ئېجرىق، قومۇش، غازتاپان قاتارلىقلار بار، ئايرىم ئەھۋاللاردا يەنە بىرقەدەر كۆپرەك ئۆسىدىغان قوڭغۇراق تىكەن، يۇلغۇن قاتارلىق چاتقاللارمۇ بار.

  4) باشقىلار. چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ باشقا تۈرلەرگە تەۋە بولغان تىپىك تىپلىرىدىن يەنە توغراق (بوز توغراق)-ئازگال چىملىق، چاتقال–ئازگال چىملىقى، جىگدە-ئازگال چىملىقى بار. (1) توغراق (بوز توغراق)-ئازگال چىملىقى: بوز توغراق قومۇشلار، يۇلغۇن، چۈچۈكبۇيا، يانتاقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، باراقسانلىق دەرىجىسى %0.1-0.2 كە، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %35-50 كە يېتىدۇ؛ توغراق، يۇلغۇن، ئوت-چۆپلەرنىڭ باراقسانلىق دەرىجىسى %19 كە، يۇلغۇننىڭ قاپلاش دەرىجىسى %6 كە، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %2 كە يېتىدۇ؛ بوز توغراق-يانتاق+ چوڭ گۈللۈك ياۋا كەندىرلەر قومۇش، چۈچۈكبۇيىلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ بارقسانلىق دەرىجىسى %20-25 كە، يانتاقنىڭ ئايرىم قاپلاش دەرىجىسى %14 كە، ئومۇمىي قاپلاش دەرىجىسى %11 كە يېتىدۇ، بوز توغراق-يۇلغۇن، زاغزاق؛ بوز توغراق-يۇلغۇن، يانتاقتىن ئىبارەت. (2) چاتقال–ئازگال چىملىقى: يۇلغۇن، يانتاق+كۆۋرۈك، سۇۋادان، زاغزاق، شورلۇق بوغۇم كۆۋرۈك، چۈچۈكبۇيا، قارا تىكەن قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %25-45 كە يېتىدۇ، يۇلغۇن، چۈچۈكبۇيا+يانتاقلار، قارا تىكەن، قومۇش، قوڭغۇراق تىكەن، ئېجرىق قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %24-35 كە يېتىدۇ، يۇلغۇن، يانتاقلار قومۇش، چوڭ گۈللۈك ياۋا كەندىر، كۆرۈك، شورا، زاغزاق، ئېشەكقومۇشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە  ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %15-40 كە يېتىدۇ؛ يۇلغۇن-چوڭ گۈللۈك ياۋا كەندىر+چۈچۈكبۇيىلار يانتاق، قارا تىكەن، قومۇش، زاغزاق، ئاق بۇيا قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %3555 كە يېتىدۇ؛ يۇلغۇن، زاغزاق، چوڭ گۈللۈك ياۋا كەندىرلەر چۈچۈكبۇيا، يانتاق، قارا تىكەن، سۇۋادان قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاندا-ساندا بوز توغراق، توغراقلارمۇ تارقالغان، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %30-35 كە يېتىدۇ؛ يۇلغۇن كۆرۈكلەر سۇۋادان، يانتاق، قارا تىكەن، قومۇش قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %35 ئەتراپىدا. (3) جىگدە، ئازگال چىملىقى: جىگدە –ئۇششاق قومۇش، قارا ئېجرىق، كۆك چېچەك بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %80-90 كە يېتىدۇ، جىگدە-قومۇش+قارا ئېجرىقلار ئېشەكقومۇشى، مامكاپ، ياتما بوز تىكەن بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %35. 

سازلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكى

  قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى سازلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن ئېقىندى تۈزلەڭلىكلەردىكى سۇ يىغىلىپ قالغان ئويمان يەر، يەر ئاستى سۈيى بار يەلپۈگۈچسىمان يەرساي تاشقىن ساھىلىغا تارقالغان. تۇپراق تىپى سازلىق تۇپرىقىدىن ئىبارەت. تۈركۈمنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئېگىز-ئېگىز باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر، يېكەن ۋە قىياقلار ئائىلىسىگە ت تەۋە ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، بۈك-باراقسان، بۇ رايوندىكى ئاساسلىق تىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1) ئۇششاق قومۇش+توم پىيىزەك+توڭۇز تېرىقى+يېكەن. بۇلار سۇ پايىسى، شور چېچىكى بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %50.

  2) ئۇششاق قومۇش+شور چېچىكى. بۇلار توم پىيىزەك، ئېشەكقومۇشى، تاغ سېغىزى، بوز تىكەن، نىھزار، قارا شورالار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %85-90 كە يېتىدۇ.

 3) توم پىيىزەك توڭگۇز تېرىقى. بۇلار قومۇش، شور چېچىكى، قارا ئېجرىق، ئېشەكقومۇشى، مىنزار، بوز تىكەن، ئېجرىق، يانتاق قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۆسىدۇ. توم پىيىزەكنىڭ ئايرىم قاپلىنىش دەرىجىسى %60. توڭگۇز تېرىقىنىڭ قاپلىنىش دەرىجىسى %35. 

  4) يېكەن. ئۇ قومۇش، توڭگۇز تېرىقى، ئۇزۇن قىلتىرىقلىق مۈشۈكقۇيرۇق بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %30-40 كە يېتىدۇ.

چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

 قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن پەۋقۇلئاددە قۇرغاق شارائىتتا ئۆسىدىغان چاتقاللاردىن تەركىب تاپقان، بۇلار تاغ ئالدى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى، ئېدىرلىقلار، تىنما تۈزلەڭلىك قاتارلىقلارغا جايلاشقان، تۇپراق تىپى قوڭۇر چۆل تۇپراققا كىرىدۇ، بەلباغلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تىپىغا مەنسۇپ. بۇ رايوندىكى ئاساسىي تىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1) مېۋىلىك سۇۋادان تۈركۈمى سىستېمىسى. ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن مېۋىلىك سۇۋادان، قامغاق، يانتاق، ئەمەن بار، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى ئاران %1-2 كە يېتىدۇ.

  2) ئادراسمان تۈركۈمى سىستېمىسى. ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئادراسمان، تۆگىتاپىنى، شورا، كۈرەك. شاخ پۇتاقسىز ئېشەكقومۇشى، يوپۇرماقسىز ئىتسىيگەك قاتارلىقلار بار. ئومۇمىي قاپلىنىش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا.

  3) يوپۇرماقسىز ئىتسىيگەك تۈركۈمى سىستېمىسى. ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئىتسىيگەك، ئاق تىكەن، قامغاق قاتارلىقلار بار، ئومۇمىي قاپلىنىش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا. 

4) ئاچىماق ئېشەكقومۇشى تۈركۈمى سىستېمىسى. ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئاچىماق ئېشەكقومۇشى، تۆگىتاپىنى قاتارلىقلار بار، ئومۇمىي قاپلىنىش دەرىجىسى %5 كە يەتمەيدۇ.

تاغلىق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

  ئېگىز تاغ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن پامىر ئېگىزلىكى ۋە غەربىي قۇرۇمتاغقا جايلاشقان. تۇپراق تىپى قوڭۇر چۆل تۇپراق، قوڭۇر كالتىسىي تۇپراق ۋە چىلان تۇپراقتىن ئىبارەت. يېپىنچا ئۆسۈملۈك تىپلىرىدىن ھەم چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى، ھەم چۆل ئوتلاق، ئوتلاق چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بار. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىك بەلباغلىرى ئاددىي بولۇپ، بەلباغسىمان پەسلى روشەن ئەمەس. 

  1) پامىر ئېگىزلىكى. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000-3300 مېتىرغىچە. يەردە ئۆسىدىغان چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن ياستۇقسىمان ئۇششاق يېرىم چاتقاللاردىن تەركىب تاپقان، شالاڭ ئۆسكەن پامىر چاكاندىسى، ھال رەڭ ئەمەن، كەترا، غاز تاپان قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 3300 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز بولغان جايلاردا ئوتلاقلاشقان چۆللۈك بار. بۇ يەردە تۈرلەردىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان چاكاندا، ئەمەن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن باشقا يەنە قۇملۇق سېلىۋى، قارا يوپۇرماقلىق قوغىجاي، سۈزگۈچسىمان ئەركەك چۆپ، تەلۋە كەترا قاتارلىقلار بار. دېڭىز يۈزىدىن 3600-3900 مېتىرغىچە ئېگىز يەردە ئاساسلىقى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان تەسكەندىن شەكىللەنگەن كىچىك يېرىم چاتقال چۆللۈكلىرى بار. دېڭىز يۈزىدىن 3900-4700 مېتىرغىچە ئېگىز يەر ئېگىز سوغۇق چۆل ھېسابلىنىدۇ، ئوت-چۆپ تۈرلىرى ئاساسەن ئاجانىيە، ھال رەڭ ئەمەن، قۇملۇق سېلېۋىسى، تىپچاق، ئېگىز سوغۇق رايونلاردا ئۆسىدىغان قامغاق، غاز تاپان، ئېگىز سوغۇق جايلاردا ئۆسىدىغان قۇرۇتقا، قارىغان، ياپىلاق سەبدەگۈل، تۆسەر غالداق، ئوتلاقتا بالدۇر پىشىدىغان باشاقلىق ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار بار، دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز يەردە سۆسەر غالداق، ئاق نورۇز، پامىر لەيلىسى قاتارلىق تاغ-مۇزلۇقلارغا باب ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ ئۆسىدۇ.

 2) غەربىي قۇرۇمتاغ تاغلىق رايونى. دېڭىز يۈزىدىن 2200-3000 مېتىرغىچە ئېگىز يەرلەردە قەشقەر ئەمىنى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، قىلتاماق، ياۋا سۈپۈرگە بىللە ئۆسىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 3000-3400 مېتىرغىچە ئېگىز يەرلەردە قەشقەر ئەمىنى+ قىلتاماق ئۇششاق يوپۇرماقلىق قارىغان بىللە ئۆسىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 3400-4000 مېتىرغىچە ئېگىز يەردە بىر خىل ئاق ئەمەن + تىپچاق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن پىلىكئوت، چىغىرتماق، كىلەپ بىللە ئۆسىدۇ؛ يەنە بىر خىلى تىپچاق+ئاق ئەمەن+كىلەپ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، چىغىرتماق، قەشقەر ئەمىنى بىللە ئۆسىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز يەردە تىپچاق + كېلەپ ئاساس قىلىنىدۇ، ئاق ئەمەن، تىپچاق بىللە ئۆسىدۇ، ئۇلار بىردەك چۆل يايلىقى، يايلاق چۆللۈكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تىپقا تەۋە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#