لى چىڭجاۋ

جۇڭگو ئەزەلدىن نەزم دۆلىتى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. نەزم دۆلىتىنىڭ ئاسمىنىدا مەشھۇر كىشىلەر سانسىز يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدۇ. تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان شائىرە لى چىڭجاۋ  (1084-1155-يىللار)  ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي سېھرىي كۈچى بىلەن ئاشۇ يارقىن يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى چىڭجاۋ
خەنزۇچە ئىسمى 李清照
باشقا نامى 易安居士
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1084-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1155-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
ياشىغان زامان سۇڭ سۇلالىسى
كەسپى شائىرە، نەزمىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇڭ چىنزۇڭنىڭ جىڭكاڭ 2-يىلى (1127-يىلى) لى چىڭجاۋ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ، ئېرى بىلەن جياڭنەنگە كېلىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئېرى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، شائىرە خاڭجۇ، يۆجۇ (ھازىرقى شاۋشىڭ)، جىنخۇا ئەتراپلىرىدا چۆرگىلەپ يۈرىدۇ، تۇللۇق ئازابىدا ياشاپ ئاخىرقى يىللىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل تۈردە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى زادىلا توختىتىپ قويمايدۇ.

لى چىڭجاۋ نەزم يېزىشقا ئۇستا بولۇپ، دەسلەپكى يىللىرى بىر پارچە «نەزم ھەققىدە» نى يېزىپ، نەزم «باشقىچە بىر جەمەت» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇھىم نەزم نەزەرىيىسى بولۇپ قالغان. ئۇ يازغان نەزملەر دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇھەببەتكە بولغان تەلەپنى ۋە تەبىئەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلغانىدى، ئەسەرلىرى ئەگرى-توقاي، مەنىلىك، مەپتۇن قىلارلىق يېزىلغان، ئوبرازلار يارقىن. مەسىلەن: «رۇمېڭلىڭ. ئىككى شېئىر» تېتىك، چىرايلىق، سۆز-جۈملىلىرى يېڭى، نەپىس. «يىجيەنمېي، زۈيخۇايىن» قاتارلىق نەزملەردە سېغىنىش ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئېرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى مەزگىلدىكى نەزملىرى دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەزملىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ خانىۋەيران بولۇشىدىن قاتتىق روھىي ئازاب چەككەچكە، نەزم ئۇسلۇبىمۇ ئېچىنىش ۋە چۈشكۈنلۈك بىلەن تولغان، ئاساسلىق قايغۇ-ھەسرەت، بۇرۇنقىنى سېغىنىش، مەرھۇم ئېرىنى ئەسلەش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، «پۇسامەن، ديېليەنخۇا» لاردا ئۇنىڭ شىمالدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنلارغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن؛ «شېڭشېڭمەن» دە بولسا، «ئىزدەش، سوغۇق، ئېچىنىشلىق» مەنىۋى مۇھىت ئارقىلىق ئاپتورنىڭ يېگانە تۇرمۇش داۋامىدىكى چوڭقۇر ھەسرىتى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ نەزملىرى ئاياللارغىلا خاس نازۇكلۇق، سەمىمىيلىككە ئىگە، ئۇ سىپايىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.

لى چىڭجاۋ جەنۇبىي، شىمالىي سۇڭ سۇلالىلىرى يېقىن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان مەزگىلدىكى داڭلىق نەزمچى، ئۇنىڭ نەزملىرىنىڭ مەزمۇنى گەرچە مۇھەببەت ۋە جۇدالىق ھەسرىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئەنئەنىۋى دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبتا ياشىغاندىن كېيىن، نەزملىرىدە دۆلەت، خەلق ۋە شەخس توغرىسىدىكى چوڭقۇر قايغۇ-ھەسرىتى تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ نەزملىرىدە ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئەستايىدىل، شۇنداقلا چوڭقۇر سۈرەتلىنىپ، سىپايىلىك، نازۇكلۇق ئىچىدە، ئىلگىرىكى نەزملەردىكى ھەقىقىي بولمىغان جازىبىلىكلەر يۇيۇپ تاشلىنىپ، نەزمچىلىك پاك قىزىقىش، چوڭقۇر يۈرەك سۆزى، سېھىرلىك ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈش يولىغا باشلىنىپ، ئۇ ئاخىر سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەزم مۇنبىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرەگە ئايلانغان.

تەرجىماندىن ئىزاھات: يۇقىرىدىكى «رۇمېڭلىڭ، يىجيەنمېي، زۈيخۇايىن، پۇسامەن، ديېليەنخۇا، شېڭشېڭمەن» دېگەنلەر خەنزۇ قەدىمكى شېئىر شەكىللىرىنىڭ نامى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#