يۇلتۇزسوفت

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى

يۇلتۇزسوفت

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى
خەنزۇچە نامى 新疆伟恒星软件开发有限公司
ئەنگە ئېلىنغان ئەمەلىي مەبلىغى بەش مىليون يۈەن خەلق پۇلى
كەسىپ تەۋەلىكى IT كەسپى
خادىم سانى 26 نەپەر
ماركا نامى يۇلتۇزسوفت Yultuzsoft 恒星软件
شىركەت خاراكتېرى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا
دۆلەت،رايون تەۋەلىكى جۇڭگو.شىنجاڭ.ئۈرۈمچى
قۇرۇلغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
قۇرغۇچىسى ئەمەتجان رۇسۇل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

يۇلتۇزسوفتنىڭ باشقۇرۇشىدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىككى شىركەت بار. پات ئارىدا ئاقسۇغا شۆبە شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، IDC تور مۇلازىمىتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ئىككى جايدىكى خىزمەت ئورنىدا 37 نەپەر يۇقىرى ساپالىق، تېخنىكىلىق خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا، 500 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەمدىكى تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا ئىگە.

يۇلتۇزسوفت شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نوپۇزلۇق IT شىركەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، IT تېخنىكىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تۇتقان.

يۇلتۇزسوفت «يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى - ‹كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش› ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا»، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى ‹گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى› نامىنى بەرگەن كارخانا»، «خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا»، «بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى» قاتارلىق سالاھىيەت ۋە شەرەپلەرگىمۇ ئىگە.

يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يۇلتۇزسوفت شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلىنغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇلتۇزسوفت شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقات دائىرىسىدە ۋاقىت، سۈپەت ۋە ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ھەرقايسى ئورۇنلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.

نۆۋەتتە، يۇلتۇزسوفت جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

تەسەۋۋۇر كۈچى / Vision

  • يىراققا نەزەر تاشلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن مەسئۇل بولۇشتەك دىيانەت ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. شىركەتنىڭ مەنپەئەتدارلىرىنى رازى قىلىپ، خېرىدار، خىزمەتچى، پايچىك، ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى قوغلىشىش نىشانى قىلىش .
  • بۇرچى / Mission
  • كارخانىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
  • قىممەت قارىشى/ Core Values
  • 1. سەمىمىي بولۇش قارشى : ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، سەمىمىيلىك، راستچىللىق ۋە ئىشەنچنى ساقلاش .
  • 2. مەسئۇل بولۇش قارىشى:  كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش پەزىلىتى بار.
  • 3. ھەمكارلىق قارىشى: ئومۇمىي مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ بەرپا قىلىش. يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق ئۈنۈمى يارىتىش .
  • 4. يېڭىلىق يارىتىش قارىشى:  يېڭىلىق يارىتىش بىر خىل ئالاھىدە خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلىك ھاياتتىكى بىر خىل ئالاھىدە ئېتىقاد.
  • كارخانا روھى / Enterprise Spirit
  • 1. جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش: ئالغا قاراش، قەتئىي ئېگىلمەس بولۇش، دادىللىق بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئىسلاھات ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش، تەرەققىياتنى ئىزدەش. 
  • 2. قالتىسلىققا ئىنتىلىش: رىقابەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى بايقاشقا، تۈزىتىشكە ماھىر بولىمىز. باشقىلاردىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش شىركەتنىڭ نىشانى.
  • باشقۇرۇش ئىدىيىسى / Management concept
  • 1. خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش: خىزمەتچىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارغا ياخشى بولغان خىزمەت شارائىتى ۋە مۇكەممەل تەربىيەلىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش. خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
  • كارخانىنى مەدەنىيەتلىك باشقۇرۇپ، ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، كەسكىن، تېتىك خىزمەت كەيپىياتىغا، كۆڭۈللۈك ئالاقە شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش. خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانىنىڭ ماسقەدەملىكىنى ساقلاپ، خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن شىركەتنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش.
  • 2. ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش: تەتقىقات پىلانى ياخشى بولغان بىلەن، ئىجرا قىلىنمىسا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. قاتتىق ئىجرا قىلىش بىزنىڭ يادرولۇق پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى.
  •  ياخشى ئىجرا قىلىش كۈچى، ياخشى مېخانىزم، سەمىمىي ھەمكارلىق، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش قارىشى بار. تايىنىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا – ھەربىر خىزمەتچىمىزنىڭ شىركەتنى سۆيۈشى ۋە خىزمەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى.
  • 3. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرتىپنى قوغلىشىش: شىركەتنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان بولغاچقا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ.
  • شىركەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، شىركەتنىڭ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك باشقۇرۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش. يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مۇھىتىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
  • شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

    يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش

  • سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى

  • ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى

  • ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش

  • IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش

  • ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش

  • ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش

  • ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى

  • IDC تور مۇلازىمىتى

  • ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى

  • IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى

  • IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش

  • يۇلتۇزسوفتتا مۇقىم ئىشلەيدىغان 20 نەپەر كەسپىي ۋە مەمۇرىي خادىم، سىرتتىن ئىشلەيدىغان 6 نەپەر كەسپىي خادىم بار بولۇپ بولۇپ، خادىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ IT غا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن، ئۆز كەسپىدە مۇئەييەن ئەمەلىي نەتىجە قازانغان خادىملار.

    خادىملار ئىچىدە ماگىستىر 2 نەپەر، تولۇق كۇرس 16 نەپەر، مەخسۇس كۇرس 4 نەپەر؛ دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 1 نەپەر، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 18 نەپەر، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 4 نەپەر.

    شىركەت مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى. ئۇ پىروگرامما لايىھەلەش، يۇمشاق دېتال ئېچىش، يۇمشاق دېتال تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتتە 20 نەچچە يىللىق تەجرىبىگە ئىگە،، #NET , C/C. ۋە PHP/MYSQL پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ.

    نۆۋەتتە ئەمەتجان رۇسۇل باشچىلىقىدىكى يۇلتۇزسوفت قوشۇنى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

    يۇلتۇزسوفتيۇلتۇزسوفت ئاپتونوم رايونىمىزدا خېرىدارلار ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى. يۇلتۇزسوفتنىڭ %50 كىرىمى كونا خېرىدارلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشى ئارقىلىق كەلگەن يېڭى خېرىدارلاردىن، %40 كىرىمى كونا خېرىدارلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىدىن، %10 كىرىمى بازار ئېچىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدىن كېلىدۇ.

    يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

    يۇلتۇزسوفت نەچچە يىلدىن بۇيان شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى جەريانىدا، كۆپ تەجرىبىلەرنى جۇغلىدى. شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئاز پۇل خەجلەپ زور ئۈنۈم يارىتىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلار ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى سۇپىلارنى ھازىرلىدى. يۇلتۇزسوفت ئەلا مۇلازىمىتى ئارقىلىق، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  • يۇلتۇزسوفت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل يۇمشاق دېتال ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇ خىزمەتكە ئىزچىل زور كۈچ ئاجرىتىپ كېلىۋاتىدۇ. يۇلتۇزسوفت يىللار جەريانىدا شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارغا يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئىدىيە ۋە قۇرۇلما شەكىللەندۈردى.
  • يۇلتۇزسوفتنىڭ 500 گە يېقىن شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنغا قىلىۋاتقان يۇمشاق دېتال ئېچىش مۇلازىمىتى شۇنى ئىسپاتلىدى: يۇلتۇزسوفت ئىزچىل «خېرىدارنى ھۆرمەتلەپ، مۇلازىمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش»نى ئۆزىگە ئاساسىي نىشان قىلىپ، خېرىدارلارنى ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى.
  • يۇمشاق دېتال، ئېچىش خىزمىتى نىسبەتەن مۇرەككەپ خىزمەت. خېرىدارلارنىڭ بۇنى تولۇق چۈشىنىشى ئۈچۈن يۇلتۇزسوفت ھەربىر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، تەپسىلىي، مۇكەممەل «تۈر لايىھەلەش پىلانى» تۈزدى. «تۈر لايىھەلەش پىلانى»نىڭ مۇكەممەل، كەسپىي بولۇشى ئۈچۈن، «تۈر لايىھەلەش پىلانى»نى چوقۇم شىركەت باش دىرېكتورى ياكى كەسپىي بۆلۈم دىرېكتورى تۈزۈش، شۇنداقلا ھەربىر تۈرگە، ھەربىر خېرىدارغا ئايرىم بىر خادىم مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.
  • يۇلتۇزسوفتتا پىلان تۈزىگۈچى، پىروگراممېر، تېخنىك ۋە مۇلازىملارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، كەسپىي خادىملار شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدۇ. يۇلتۇزسوفت تىپىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى، شۇنداقلا تېخنىكىلىق مۇلازىمەت شىركىتى.
  • يۇلتۇزسوفتتىكى خادىملار ئىچىدە ماگىستىر 2 نەپەر، تولۇق كۇرس 16 نەپەر، مەخسۇس كۇرس 4 نەپەر؛ دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 1 نەپەر، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 18 نەپەر، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 4 نەپەر. كەسپىي خادىملىرىنىڭ ھەممىسى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ IT غا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن، ئۆز كەسىپىدە مۇئەييەن ئەمەلىي نەتىجە قازانغان خادىملار.
  • ئۇلار ئىجادىي تەپەككۇرغا، شۇنداقلا مول خىزمەت تەجرىبىسىگە، سېھرىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە.
  • يۇلتۇزسوفت خادىملىرى خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پىلان بىلەن لايىھەنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، يۇمشاق دېتالنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلىپ، ئىجادىي ئىشلەپ چىقىدۇ.
  • يۇلتۇزسوفت كۆپ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە پىروگراممېرلار قوشۇنىغا ئىگە. بۇ خادىملار VS , swift , Objective-C , C/C#/C++ , Java/Android , .NET , ASP , PHP , JSP , CSS , JS قاتارلىق پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى ۋە قۇرۇلمىسىغا ناھايىتى پىششىق. يەنە كېلىپ بۇ خادىملار پەقەت پىروگرامما ئاساسىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پىروگرامما بىلەن قاتتىق دېتال مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ مۇكەممەل تېخنىكىغا ئىگە. شۇ سەۋەبتىن يۇلتۇزسوفت شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ چوڭ تۈرلىرىنى بىمالال ئۈستىگە ئېلىپ، غەلىبىلىك تاماملاپ كېلىۋاتىدۇ.
  • يۇلتۇزسوفت خاسلىققا ئىگە شىركەت. ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ھەققانىي، ئادىللىقنى چىقىش قىلىپ، ھەربىر خادىمنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىپ، خادىملارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
  • يۇلتۇزسوفت كارخانىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىدۇ. شۇنداقلا يۇلتۇزسوفتنى رايونىمىز، توغرىسى غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
  • داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ ...
  • تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» خۇلاسە يىغىنى چاقىرىلدى. ( 2015/10/11 )
  • «ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى»نىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. (2015/10/11)
  • شىركىتىمىز ئىككى ئاي بۇرۇن باشلىغان «+互联网» پىلانى قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. ( 2015/09/05 )
  • جەنۇبىي شىنجاڭ شىركىتىنىڭ قوش تىللىق «يەر-زېمىن» تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.( 2015/09/01)
  • تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» ئاخىرلاشتى.( 2015/08/29)
  • خوتەن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ قوش تىللىق تور بېكەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. (2015/07/03)
  • شىركىتىمىز 3-قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە خادىم قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.( 2015/06/17)
  • «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. (2015/05/23)
  • شىركىتىمىز ICTEF نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.( 2015/05/16)
  • تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى. (2015/04/25)
  • ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى.( 2015/04/22)
  • iOS ئۈچۈن قازاقچە «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى.( 2015/04/14)
  • iOS ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپى ئېلان قىلىندى. (2015/04/04)
  • «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى.( 2015/03/29)
  • شىركەت تور بېكىتى ۋە مۇنبەرنىڭ 3.0 نەشرى ئېلان قىلىندى.( 2015/03/21)
  • 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تور بېكىتىنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.( 2015/02/26)
  • ىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالاندى.( 2015/02/25)
  • ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىش پىلانى باشلاندى.( 2015/02/14)
  • Windows Phone ئۈچۈن «IT بىلىملىرى جەمگاھى» ئەپى ئېلان قىلىندى. (2015/02/08)
  • كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى يېڭى ئىشخانىغا كۆچتى.( 2015/02/06)
  • Windows Phone ئۈچۈن «پۈتۈك» ئەپىنىڭ 2.0 نەشرى ئېلان قىلىندى.( 2015/01/01)
  • شانشەرەپلەريۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىسى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا

    شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا

    دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى

    شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا

    گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى «گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى» نامىنى بەرگەن كارخانا

    خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا

    بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا

    ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا

    تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى

    كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

    كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

    ھەمكارلاشقۇچىلاريۇلتۇزسوفت رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم شىركەت، ئىدارە-ئورگان ۋە شەخىسلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئۆزئارا قوللاش ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇ ھەمكارلىق ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىپ كەلمەكتە.

    تۆۋەندە بىر قىسىم ھەمكارلاشقۇچىلار ئىسىملىكى بېرىلدى.

  • شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

  • شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

  • ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى

  • «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى

  • «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى

  • ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  • شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى

  • ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىك چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

  • ئۈرۈمچى ئورخۇن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

  • شىنجاڭ يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ ئۇيغار ئېلان مېدىيا چەكلىك شىركىتى

  • چۈشتاق لايىھە خىزمەتخانىسى

  • خېرىدارلاريۇلتۇزسوفت رايونىمىز ئىچى -سىرتىدىكى بىر قىسىم شىركەت، ئىدارە-ئورگان ۋە شەخىسلەرنىڭ مۇلازىمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا قىلىنغان بۇ مۇلازىمەت ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىپ كەلمەكتە.

    تۆۋەندە بىر قىسىم خېرىدارلار ئىسىملىكى بېرىلدى.

  • شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

  • «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى

  • «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى

  • ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  • شىنجاڭ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ ھەرەمباغ مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  • شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى

  • ABS GROUP ئاۋشېڭ گۇرۇھى

  • ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى

  • ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

  • يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

  • ئەنخۇي خۇەينەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ئاكادېمىيەسى

  • شىنجاڭ ئورخۇن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

  • گۇاڭجۇ تۈركان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ مۆجىزە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

  • چۈشتاق لايىھە خىزمەتخانىسى

  • شىجاڭ ئۇيكۈچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ بايكۈچ سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ ئىپتىخار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

  • شىنجاڭ ئۇيغار ئېلان مېدىيا چەكلىك شىركىتى
  • ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ2017-يىلى 4-ئايدا، شىركەت لىدېرىنىڭ «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالىسى دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ گېزىتى (خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، خۇڭشەن تورى، شىنلاڭ تورى، بەيدۇ تورى، لوياڭ تورى، ئىلى تورى قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى.

    بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىيەتكە قارىتا بىلدۈرگەن تۇنجى ئوچۇق خەتلىك ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇچتۇرپاندا لېكسىيە سۆزلەش2017-يىلى يازدا، شىركەت لىدېرى شىنجاڭ تور ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى (自治区党委网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ھەرقايسى مەكتەپ، ساقچىخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.

    شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا بازىسى 3-قەۋەت

    پوچتا نومۇرى: 830049

    تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991

    فاكس نومۇرى: 8554814-0991

    ئۈندىدار: Yultuzsoft_IT

    ئېلخەت: master@yultuzsoft.com

    تور ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com

    ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

    asd

    مەنىداش سۆزلۈك:

    ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

    5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
    • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
      77.8%
    • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
      11.1%
    • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
      0%
    • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
      0%
    • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
      11.1%

    يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

    تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

    چىكىنىش

    #title

    #video#