سەھرايى كەبىر چۆللۈكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەھرايى كەبىر چۆللۈكى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن، دۇنيادا ئانتاركىتكىدىن قالسىلا 2-چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئەڭ چوڭ چۆل-باياۋان. ئۇ ئافىرقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايوننىڭ كىلىمات شارائىتى ئىنتايىن ناچار، يەر شارىدىكى ئەڭ ماس كەلمەيدىغان جانلىقلار ياشايدىغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «سەھرايى كەبىر» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئەرەب تىلىدا «سەھرايى كەبىر» دېگەن سۆز چوڭ قۇملۇق دېگەن مەنىدە، يەرلىك كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەسلىي مەنىسى «چوڭ چۆللۈك».
ئۆسۈملۈك
سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاز ئۇچرايدىغان ئېگىزلىك، بوستانلىق، ئويمانلىق قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان، سۇ كەمچىل بولغان تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ۋە سەھرايى كەبىر چۆللۈكى ئېگىزلىكىدە ئۆسكەن بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئىسسىققا چىداملىق، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئوت-چۆپ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، كىچىك چاتقال ۋە دەرەخلەرمۇ بار.
كان بايلىقلىرى
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان سەھرايى كەبىر چۆللۈك قۇملۇقىدا ئارقا-ئارقىدىن مول نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۇران، مانگان، فوسفات قاتارلىق كان بايلىقلىرى بايقالغان. قېزىلما بايلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايوندىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىياپىتى ئۆزگەرتىلگەن. مەسىلەن، لىۋىيە، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان، نېگىرىيە داڭلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بۇلۇپ، قۇملۇقتا تاشيول تورى بارلىققا كەلگەن، ئاۋىئاتسىيە ۋە يېڭىدىن ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.