قەنبىل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قەنبىل بولسا ئېۋفوربىئاتسىيە (Euphorbiaceae) ئائىلىسىگە مەنسۇپ ئۆسۈملۈك Goviensis Mallotus Philip pinensis Lam Muell-Arg نىڭ مېۋىسىنىڭ ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان بەز ياكى تېۋىت شەكىللىك بىر خىل قۇمدەك نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل، توپىغا ئارىلاشمىغىنى خالىس، يېنىك بولىدۇ، توپىغا ئارىلىشىپ قالغىنى ساپ بولمايدۇ، ئېغىر كېلىدۇ، مۇشۇ ماددا «قەنبىل» ياكى «قەنبىل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان بەز ياكى تېۋىت شەكىللىك بىر خىل قۇمدەك نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل، توپىغا ئارىلاشمىغىنى خالىس، يېنىك بولىدۇ.ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن مېۋىسىدىن ئاجرىتىپ ئېلىپ يىغىۋېلىپ دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدىن ھەم يەمەننىڭ باياۋانلىرىدىن چىقىدۇ.
ئۈچەيدىكى ئۇششاق قۇرت ۋە مەددىلەرنى چۈشۈرۈش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، تېرىنى قۇۋۋەتلەش، شىلىمشىق ھۆللۈكلەرنى ۋە غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنى سۈرۈش، سۈيدۇك، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى قۇرۇتۇش، جاراھەتنىڭ ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.
بۇ قىزىل رەڭلىك رىزىنا تەخمىنەن %80~%60 گچە بولىدۇ ، يەنە تانىنىن ياغ يار ، گىلىكوزد ۋە ئاز مىقتاردا ئۇچۇرچان ماي تۇتىدۇ.
1. كۈدە ئۇرۇقىدىن 10 گرام، بەزرۇلبەنجىدىن 5 گرام، قەنبىلدىن 7 گرام ئېلىپ، سۇپۈپ قىلىپ چىشقا سەپسە، چىش قۇرتىنى ئۆلتۈرىدۇ.
2. ئانار يىلتىزى، جۆئىدە قەنبىل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، سۇپۇپ قىلىپ قېتىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۈچەي قۇرتنى ئۆلتۈرىدۇ.
3. كىبرىتتىن 15 گرام، ۋازلىندىن 30 گرام، قەنبىلدىن 10 گرام ئېلىپ، ياغ تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، تەمرەتكە ۋە قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. قەنبىلنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە چاپسا، يىرىڭ تازىلايدۇ.
ئىترىفىل قەنبىل.
ئۈچەي مەددە قۇرتى، ھەرخىل جاراھەت ۋە يىرىڭلىق كېسەللىكلەر، قان بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان قۇبا، ھۆل تەمرەتكە، تاز، چاقا، سۈيدۈك ۋە ھەيز راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.