پاسكال

پاسكال كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇپ، 12 يېشىدا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، 16 يېشىدا پارىژدىكى ماتېماتىك ۋە فىزىكلار گۇرۇپپىسى (فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇلى) غا قاتناشقان، 17 يېشىدا ماتېماتىكا تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 20 يېشىدا تارىختىكى تۇنجى مېخانىكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاسكال
باشقا نامى Blaise Pascal
تۇغۇلغان ۋاقتى 1623-يىلى
كەسپى ماتىماتىك ، فىزىكا ئالىمى ، مۇتەپەككۇر
خەنزۇچە ئىسمى 布莱士·帕斯卡
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1662-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاسكالكىشىلەر تۇنجى قېتىم چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە بارغىنىدا، نەپەسلىنىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ پاسكال (1623-1662) ئىسىملىك فرانسىيە لىك بۇنىڭدىكى سىرنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان. ئەسلىدە، ئېگىزلىك ئاشقانسېرى ھاۋا شالاڭلىشىدۇ، ئاتموسفېرا بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭغا ماسلىشالمايدۇ.

پاسكال كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇپ، 12 يېشىدا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، 16 يېشىدا پارىژدىكى ماتېماتىك ۋە فىزىكلار گۇرۇپپىسى (فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇلى) غا قاتناشقان، 17 يېشىدا ماتېماتىكا تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 20 يېشىدا تارىختىكى تۇنجى مېخانىكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. ئۇ، 40 ياشقىچە ياشىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەنگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 

پاسكالپاسكالنىڭ فىزىكىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور. ئۇ 22 يېشىدا ۋاكۇئۇم ۋە ئاقار جىسىملار ستاتىكىسى مەسىلىلىرى تەتقىقاتىغا بېرىلگەن ۋە غايەت زور ئۇتۇق قازانغان. ئۇ سۇ ۋە ئىسپىرتتىن پايدىلىنىپ مەشھۇر تورىچېللى ۋاكۇئۇم تەجرىبىسىنى كۆپ قېتىم تەكرار ئىشلەپ، ۋاكۇئۇمنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى؛ ھاۋانىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقى بارلىقىنى؛ ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىغان. بۇلار − ئەينى چاغدا پارىژنى زىلزىلىگە سالغان زور ئىشلار.

پاسكال يەنە ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكتە سۇيۇقلۇق بېسىمى تەجرىبىسىنى كۆپ قېتىم ئىشلەپ، ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ بايقاش گېئونومىيە تەتقىقاتى ھەتتا بۈگۈنكى ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. پاسكال يەنە يۇقىرىقى تەجرىبىلەر ئارقىلىق شپىرىسنى كەشىپ قىلغان، تورىچېللىنىڭ سىماب بارومېتىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. 

پاسكال 1653-يىلى تۇنجى قېتىم مەشھۇر پاسكال قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئۈچۈن «سۇيۇق جىسىملار تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدىكى بايان» دېگەن مەشھۇر ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، سۇيۇقلۇق بېسىمىنىڭ تارقىلىش مەسىلىسىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلغان. مۇشۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ ياسالغان تۈرلۈك شەكىلدىكى سۇيۇقلۇق پرېسلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن سانسىز مۆجىزىلەرنى ياراتتى. پاسكال يەنە، سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېغىرلىقى بولغاچقا، سۇيۇقلۇق قاچىلانغان قاچىنىڭ تېمى ئۇچرايدىغان بېسىم سۇيۇقلۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن. كىشىلەر ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بېسىم بىرلىكىنى «پاسكال» دەپ بېكىتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#