لۇڭچۈەن ئېكولوگىيە بېلىقچىلىق ئارامگاھى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لۇڭچۈەن ئېكولوگىيە بېلىقچىلىق ئارامگاھى توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا تىگىن كەنتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى توقسۇ – شايار ئۆستىڭىنىڭ سول تەرىپىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارامگاھقا 2011 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، دەپ نام بەرگەن.
ئارامگاھنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مودىن ئارتۇق بولۇپ، 15 مودىن ئارتۇق يەرگە نىلۇپەر تېرىلغان. ئارامگاھتا ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش زالى، سۈنئىي كۆل، بېلىق تۇتۇش سۇپىسى، سۇ ئۈزۈش كۆلى ۋە دۇكان قاتارلىقلار بار. ھازىر بۇ ئارامگاھ مەنزىرىسى گۈزەل، قاتنىشى قولاي، بېلىق بېقىش، بېلىق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېچىش، نىلۇپەردىن ھۇزۇرلىنىش، قولۋاق ھەيدەش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساياھەتچىلەر ئۆزى تۇتقان بېلىقلارنى ئۆزلىرى پىشۇرۇپ يېيىش قاتارلىق ئارام ئېلىش تىپىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا ئايلاندى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.