كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى

كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区专业技术人员继续教育条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى» 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق. 

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

1-ماددا بۇ نىزام كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى داۋاملىق تەربىيىلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش (تۆۋەندە داۋاملىق تەربىيىلەش دېيىلىدۇ) كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى تولۇقلاپ، يېڭىلاپ، كېڭەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەشنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا داۋاملىق تەربىيىدە بىر تۇتاش پىلانلاش، دەرىجە ۋە تۈر بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيىلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆستۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

5–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋاملىق تەربىيىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، داۋاملىق تەربىيە سېلىنمىسىنى يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەرنىڭ داۋاملىق تەربىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، نامرات جاي ۋە چەت-ياقا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

6–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ داۋاملىق تەربىيىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش، يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شۇ ساھەنىڭ داۋاملىق تەربىيىگە ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەشتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پىلان تۈزۈش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش، سىناپ گۇۋاھنامە بېرىش قاتارلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بولمىغانلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئىشلەيدۇ.

7–ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تەربىيە ئومۇمىي پىلانى ۋە كەسپىي پەنلەر قىبلىنەماسىنى تۈزۈپ چىقىپ، جامائەتكە ئېھتىياجلىق پەنلەرنى تەسىس قىلىپ، كەسپىي تەربىيىلەش تۈرلىرىنى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋاملىق تەربىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ داۋاملىق تەربىيە سۈپىتىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، داۋاملىق تەربىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى، يىراق مۇساپىلىك داۋاملىق تەربىيە تورىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

8–ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئىشلەيدىغان ئورۇنلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) شۇ ئورۇننىڭ داۋاملىق تەربىيە پىلانىنى تۈزۈش ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛ 

(2) كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، داۋاملىق تەربىيە ئېلىۋاتقان مەزگىلىدىكى مائاش، پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق تەمىناتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ 

(3) داۋاملىق تەربىيىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى، ئوقۇش ۋاقتى، ئوقۇش نومۇرى، ئوقۇش مەزمۇنى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللارنى ئەينەن ستاتىستىكا قىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاش؛ 

(4) كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىدە بولۇش.

9-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى داۋاملىق تەربىيە ئېلىشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ: 

(1) دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇش ۋاقتى، ئوقۇش نومۇرى بويىچە داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىدۇ؛ 

(2) ئىشلەيدىغان ئورنى داۋاملىق تەربىيىگە ئەۋەتكەن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيە ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش، پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق تەمىناتلىرى شۇ كىشىنىڭ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىكىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ؛ 

(3) كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى داۋاملىق تەربىيە ئېلىشتا ئىشلەيدىغان ئورنى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ قالسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا ئەرز قىلسا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ۋە ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى داۋاملىق تەربىيە ئېلىشتا تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) داۋاملىق تەربىيىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش؛ 

(2) ئىشلەيدىغان ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەربىيىلىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش؛ 

(3) داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئىشلەيدىغان ئورنىنىڭ باھالىشى، تىزىملىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش؛ 

(4) داۋاملىق تەربىيىدىن كېيىن ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ ئىشلەش، لېكىن ئىشلەيدىغان ئورنى بىلەن ئايرىم پۈتۈشكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. 

11-ماددا داۋاملىق تەربىيە مەزگىلىدىكى ئوقۇش مەزمۇنىدا ئالاقىدار كەسىپكە دائىر يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى ئۇسۇل گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك، بۇنى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى داۋاملىق تەربىيە پرىنسىپى ۋە كەسپىي پەنلەر قىبلىنەماسى بويىچە، ئۆز ئورنى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىدۇ.

12-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى داۋاملىق تەربىيە ئېلىشتا ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش ۋاقتى يىلىغا جەمئىي 12 كۈن (72 سائەت)دىن كەم بولسا بولمايدۇ. داۋاملىق تەربىيە ئېلىش دەۋرىيلىكى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپلىك تەيىنلىنىش دەۋرىيلىكى بىلەن بىردەك بولىدۇ، بىر قېتىملىق تەربىيىنىڭ ئوقۇش ۋاقتىنى بىراقلا ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ، بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. دۆلەت داۋاملىق تەربىيىدە ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن ساھەلەردە شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

13-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تۆۋەندىكى شەكىل ئارقىلىق داۋاملىق تەربىيە ئالسا بولىدۇ: 

(1) بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى، تەربىيىلەش كۇرسى ۋە تەتقىقات كۇرسىغا قاتنىشىش؛ 

(2) ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئاشۇرۇش؛ 

(3) دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلىم يىغىنى ۋە ئىلىم لېكسىيىسىگە قاتنىشىش؛ 

(4) چەت ئەلگە (چېگرىدىن) چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش، تەربىيىلىنىش؛ 

(5) ئۆز ئورنى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسى تەشكىللىگەن تەربىيىلەشكە ۋە سىناق ئېلىنىدىغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە قاتنىشىش؛ 

(6) يىراقتىن ئوقۇتۇشقا قاتنىشىش؛ 

(7) سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا تەربىيىلىنىش؛ 

(8)باشقا شەكىلدىكى داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىش.

14-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن داۋاملىق تەربىيە دەۋرىيلىكىدە ئوقۇش تارىخى تەربىيىسىگە قاتناشقان ياكى ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىرى داۋاملىق تەربىيىگە قاتناشقان ھېسابلىنىدۇ.

15-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى داۋاملىق تەربىيىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئوقۇش گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇش ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئىشلەيدىغان ئورنىغا ياكى ئۆزىنىڭ كادىرلىق ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋاملىق تەربىيە گۇۋاھنامىسىنى تىزىملىتىدۇ. كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىش مەزگىلىدىكى ئوقۇش ۋاقتى، ئوقۇش نومۇرى، ئوقۇش مەزمۇنى، سىناق نەتىجىسى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالى ئۇلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش (تەكلىپ قىلىش) شەرتلىرىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ. داۋاملىق تەربىيە گۇۋاھنامىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

16-ماددا داۋاملىق تەربىيە خىراجىتىنى ھۆكۈمەت، ئورۇن ۋە شەخسلەر ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. 

(1) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋاملىق تەربىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ (2) كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى داۋاملىق تەربىيە خىراجىتىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئاجرىتىشى كېرەك؛ (3) شەخسلەردىن بەلگىلەنگەن ئوقۇش سائىتى ۋە ئوقۇش نومۇرىدىن ئاشۇرۇپ داۋاملىق تەربىيە ئالىدىغانلىرى خىراجىتىنى ئىشلەيدىغان ئورنى بىلەن تۈزۈشكەن داۋاملىق تەربىيىگە ئالاقىدار يازما كېلىشىم بويىچە چىقىرىدۇ. 

(4) يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىش، يارىتىش ياكى پەن تەتقىقات تېمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان داۋاملىق تەربىيە خىراجىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش خىراجىتى ياكى تۈر مەبلىغىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ داۋاملىق تەربىيە ئىشلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

17-ماددا ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كەسپىي (ئىلمىي) جەمئىيەتلەر، چوڭ-ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ۋە باشقا تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جەمئىيەتتە داۋاملىق تەربىيىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

18-ماددا داۋاملىق تەربىيە ئاپپاراتلىرى داۋاملىق تەربىيە بازىسى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: 

(1) مۇكەممەل داۋاملىق تەربىيە تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛ 

(2) مۇناسىپ ئوقۇتۇش سورۇنى ۋە ئەسلىھەسى بولۇش؛ 

(3) زۆرۈر خىراجىتى بولۇش؛ 

(4) داۋاملىق تەربىيىگە لايىق ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛ 

(5) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. داۋاملىق تەربىيە بازىسى قۇرۇشتا، ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە باھالايدۇ، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى ئەنگە ئالىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

19-ماددا داۋاملىق تەربىيە بازىسى تەربىيىلەش دائىرىسى، ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە ئەينەن ئېلان قىلىشى، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىش ئەھۋالىغا دائىر ئەينەن ئىسپات بېرىشى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىدە بولۇشى كېرەك. 

20-ماددا داۋاملىق تەربىيە بازىسى داۋاملىق تەربىيىدە پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلسا بولمايدۇ. تەربىيىلەش ھەققىنى مالىيە، باھا مەسئۇل تارماقلىرى بېكىتكەن ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئېلىش كېرەك.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ داۋاملىق تەربىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت نىشانى، ئوقۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى قەرەللىك باھالىشى كېرەك.

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋاملىق تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى داۋاملىق تەربىيىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

23-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورۇنلىرىدىن داۋاملىق تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى كادىرلار ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىش ئەھۋالىنى تىزىملىمىغان، ئەينەن تىزىملىمىغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ.

24-ماددا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن داۋاملىق تەربىيە گۇۋاھنامىسىنى ناتوغرا يول بىلەن ئېلىۋالغان، داۋاملىق تەربىيە گۇۋاھنامىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئويدۇرۇپ چىققان ياكى ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار تارماق ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسىنى، داۋاملىق تەربىيە گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، داۋاملىق تەربىيە خىراجىتىنى تۆلىتىدۇ، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ ياكى ئۇنى بىكار قىلىدۇ.

25-ماددا داۋاملىق تەربىيە بازىلىرىدىن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمىگەن ياكى داۋاملىق تەربىيىنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى ئەينەن چىقىرىپ بەرمىگەنلىرىنى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغان داۋاملىق تەربىيە بازىلىرىنى ئالاقىدار تارماق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارمىقى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

27-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇچتۇرپان ھۆكۈمەت تورى 

http://wsx.aks.gov.cn/article/2014-11/27/content_22755.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#