جەڭ مەيدانىدىكى نىقابلىنىش تېخنىكىسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇ گې لياڭنىڭ «پاخال باسقان كېمىلەر بىلەن ئوق يا ئوقلىرىنى يىغىپ ئالغانلىقى» − قەدىمكى زامان ئۇرۇشىدىكى نىقابلىنىش تېخنىكىسىدىن پايدىلانغانلىقىغا ئائىت نەمۇنىلەردىن بىرى. ئەينى چاغدا، جۇ گې لياڭ تېڭىپ تەييارلانغان پاخال ئادەملەردىن يالغان نىشان ياساپ، قويۇق تۇماننى مۇداپىئە، دۇمباق ئاۋازى ۋە چۇقان-سۈرەننى نىقاب قىلىپ، ساۋ ساۋدىن« 100 مىڭ تالدىن ئارتۇق ئوق» ئارىيەت ئېلىپ، ساۋ ساۋنى چىچاڭشىتىۋەتكەن. ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدىمۇ نىقابلىنىش تېخنىكىسى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىقابلىنىش ئۇسۇللىرى ئەپچىل ھەم جىق بولۇپ كەتتى. بۇ تەبىئىي نىقابلىنىش، پەردازلاپ نىقابلىنىش، ئىس-تۈتۈن قويۇپ بېرىش، سۈنئىي توسۇق، يالغان نىشان قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پەردازلاشقا ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەردىن، ئاساسەن، قوغداش رېڭى، شەكىل ئۆزگەرتىش رېڭى، رادارغا قارشى رەڭ قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، يېشىل سىرلانغان تانكا ئورماندا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاق نىقابلانغان تانكا قارلىق دالىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، قۇم-تۇپراق رەڭگىدە نىقابلانغان تانكا بىپايان قۇملۇقتا بىمالال يۈرىدۇ، بۇ قوغداش رەڭلىرى تۈپەيلىدىن دۈشمەننىڭ راست-يالغانغا ھۆكۈم قىلىشى تەسكە توختايدۇ.
يالغان نىشان قۇرۇش نىقابلىنىشنىڭ مۇھىم تەرىپى. جۇ گې لياڭ ئەينى يىللىرى» پاخال باسقان كېمىلەر بىلەن ئوقيا ئوقلىرىنى ئالغان «دا ياسىغان پاخال ئادەملەر قوپال يالغان نىشانلار ئىدى، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان يالغان نىشانلار، مەسىلەن، يالغان ئادەم، يالغان ئات، يالغان زەمبىرەك، يالغان ئايروپىلان، يالغان تانكا، يالغان كۆۋرۈك، يالغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بازىسى، ھەتتا يالغان زاۋۇت، يالغان شەھەر-بازار قاتارلىقلار ئەينەن ھاسىل قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئادەمنىڭ ئۇنى پەرقلەندۈرۈشى قىيىنغا توختايدۇ، ھەتتا بۇلار ئارقىلىق يۇقىرى بوشلۇقتىكى رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئالدىغىلى بولىدۇ.
ئىس-تۈتەك ئارقىلىق نىقابلاشتا، ئىس چىقىرىدىغان گرانات، ئىس دورىسى قاچىلانغان قۇتا، ئىس قويۇپ بېرىدىغان راكېتا، ئىس پەيدا قىلىدىغان زەمبىرەك ۋە ئىس پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىسى، ئاۋىئاتسىيە ئىس پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە يېڭى تىپتىكى نىقابلىنىش ئىس-تۈتۈنى − لەيلىمە مېتال زەررىچىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.
يېڭى تىپتىكى نىقابلىنىش ئىس-تۈتۈنى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق رازۋېدكا ۋە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ھەربىي ياراغلارغا مەخسۇس تاقابىل تۇرىدۇ. تانكا، پاراخوتلاردا بۇ خىل ئىس-تۈتۈن ئىشلىتىلسە، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ۋە لازېرلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ئىز قوغلىشىدىن ساقلىنىپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ نىشانغا تېگىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك نىقابلانغىلى بولۇش-بولماسلىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش، مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدىغان بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى، يەر يۈزىدىن بوشلۇققىچە، ھەتتا ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەر خىل يېڭى تىپتىكى رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرى بار، بۇ «كۆزلەر نى قانداق ئالداش» ھازىرقى زامان جەڭ مەيدانى سېھىرگەرلىرى − نىقابلاش قىسىملىرىنىڭ مۈشكۈل ۋەزىپىسى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.