تەبىئىي مىس

تەبىئىي مىس

بۇ تەبىئىي مەۋجۇت بولغان فېررۇم سۇلفورىك رودىسى يەنى، ئەسلى كان ماددىسى بولغان سېرىق تۆمۈر رودىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، جاراھەت پۈتتۈرۈش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، قاتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش، ئارتۇق گۆشلەرنى يوقىتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، نەپەس ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش رولى بار.

دورا نامى تەبىئىي مىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 自然铜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ تەبىئىي مەۋجۇت بولغان فېررۇم سۇلفورىك رودىسى يەنى، ئەسلى كان ماددىسى بولغان سېرىق تۆمۈر رودىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ «تەبىئىي مىس» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپۈنچە ئۆلچەملىك چاسا شەكىلدە بولىدۇ، چوڭ-كىچىكلىكى بىر خىل بولمايدۇ، سىرتقى يۈزى تەكشى، سېرىق رەڭلىك بولۇپ، مېتالدەك پارقىرايدۇ، بەزىلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، ئۆزى قاتتىق لېكىن ئاسان ئۇۋىلىدۇ، كەسمە يۈزى ئاقۇش سېرىق رەڭلىك، تەمسىز، پۇراقسىز كېلىدۇ.

بۇ ئاساسلىق ئىككى خىل سۇلفىدلىق تۆمۈر (Fes2) بولۇپ، بۇنىڭدا %46 تۆمۈر، %53 سۇلفات بار، يەنە مەلۇم مىقداردا مىس تەركىبى بار.

بۇنىڭ سۇنغان سۆڭەكنى تۇتاشتۇرۇش تەسىرى بار.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

جاراھەت پۈتتۈرۈش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، قاتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش، ئارتۇق گۆشلەرنى يوقىتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، نەپەس ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش.

ھەر خىل جاراھەت، يۆتەل، نەزلە، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى، كۆزدىكى جاراھەت، ئىستىسقا ۋە سۆڭەكلەرنىڭ سۇنۇپ كېتىشى قاتارلىقلارغا .ئىشلىتىلىدۇ.

1. كۈشتە قىلىنغان مىسنى سىركىگە چىلاپ بىر قانچە كۈن تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ، ئاندىن شۇ سىركە بىلەن خېمىر قىلىپ كۆكرەككە چاپسا، نەزلە ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. مىس كۈشتىسىنى بېدە سۈيى ياكى بېدە ئەرقىگە بىر قانچە كۈن چىلاپ سۈزۈپ ئېلىپ كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتسا، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچىنى ياخشىلايدۇ، كۆزدىكى جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. نەپەس ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشتا كۈشتە قىلىنغان مىستىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ھەسەل بىلەن تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە نەپەس ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. قورساققا سۇ چۈشۈش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. كۇشتە قىلىنغان مىس تالقىنىنى قازان قارىسى بىلەن قوشۇپ، لىمون سۈيىدە يۇغۇرۇپ ھەمەل قىلسا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.

5. كۈشتە قىلىنغان مىس تالقىنىنى كالا يېغى ياكى يېڭى سېغىلغان سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈپ، قايتا - قايتا قۇستۇرسا، ئەپيۈننىڭ زەھەرىنى تۈگىتىدۇ.

6. يۇيۇلمىغان مىسنى ئېزىپ تالقانلاپ، سىرتتىن چاپسا، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ، ئارتۇق گۆشنى يوقىتىدۇ.

ئىچىدىن كۈشتە قىلىنغان مىس مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. سىرتىدىن كۆپرەك تالقان قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

زەھەرلىك بولۇپ كۈشتە قىلىنماي ئىشلىتىلسە، رەئىس ئەزالارنى زەھەرلەيدۇ.

سۈت، قايماق، شورپىلىق گۆش.

سالاجىت.

ئېلىمىزنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#