نەيزە
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نەيزە ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن قورال بولۇپ ، يىراقتا تۇرۇپ دۈشمەننى سانجىپ ئۆلتۈرگىلى بولىدىغان بىر خىل تىپىك ئۇزۇن قورالدۇر . نەيزىنىڭ « بېشى » ئۇچلۇق بولىدۇ ، ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ ، ناھايىتى ئۆتكۈر بولىدۇ ، دۈشمەننى سانجىپ ئۆلتۈرۈشكە ناھايىتى ئەسقاتىدۇ ؛ سېپى ياغاچ ، بامبۇك قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ ، مېتالدىن ياسىلىدىغانلىرىمۇ بار ، نەيزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1.8 مېتىردىن 2.7 مېتىرغىچە بولىدۇ .
نەيزىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى مىللەتلەر ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ۋە ئۇرۇشتا نەيزىدىن پايدىلىنىپ ئوۋ ئوۋلىغان ياكى دۈشمەبلەرنى ئۆلتۈرگەن . لېكىن ئۇ چاغلاردا نەيزە ناھايىتى ئاددىي بولۇپ ، ياغاچتىن ياسىلاتتى . كېيىن كىشىلەر بامبۇك ، كالتەكلەرنىڭ بىر ئۇچىغا تاش ياكى سۆڭەكلەرنى ئورنىتىپ نەيزە ياسىغان . شۇنىڭ بىلەن نەيزىنىڭ ئاساسىي شەكلى شەكىللەنگەن . نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق نەيزىنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى بارلىققا كەلدى . نەيزە ياسالغان ماتېرىيالنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاش نەيزە ، سۆڭەك نەيزە ، مىس نەيزە قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ ؛ ئۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۇنى يەنە ئۈجمە يۇپۇرمىقى شەكىللىك نەيزە ، سۆگەت يۇپۇرمىقى شەكىللىك نەيزە ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق شەكىللىك نەيزە قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.