جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش قانۇنى (1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 23-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国城市规划法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1990-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن شەھەرنىڭ كۆلىمى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش، شەھەر پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا، شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا قۇرۇلۇش قىلىشتا بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شەھەر دۆلەت مەمۇرىي شتات بويىچە تەسىس قىلغان بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شەھەر ۋە بازارلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شەھەر پىلانلىنىدىغان رايون شەھەردىكى شەھەر رايونى، يېقىن شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە شەھەردىكى مەمۇرىي رايوندا شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن پىلانلىنىپ تىزگىنلىنىدىغان رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوننىڭ كونكرېت دائىرىسىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىدۇ.

4-ماددا دۆلەت چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەش، ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەرلەرنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئاھالىنىڭ مۇۋاپى جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

چوڭ شەھەر شەھەر رايونى ۋە يېقىن ئەتراپى رايونىدىكى شەھەر نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئوتتۇرا شەھەر شەھەر رايونى ۋە يېقىن شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى شەھەر نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان، 500 مىڭغا يەتمەيدىغان شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.

كىچىك شەھەر شەھەر رايونى ۋە يېقىن شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى شەھەر نوپۇسى 200 مىڭغا يەتمەيدىغان شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا شەھەر يىرىك پىلانى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇشى، ئۇنىڭدا يېقىن مەزگىللىك قۇرۇلۇش بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشى شەرت.

شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا قۇرۇلۇش قىلىشتا، مۇۋاپىق، تېجەشلىك بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى تىرىشچان، ئىقتىسادچىللىق بىلەن گۈللەندۈرۈش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. 

6-ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتى، بايلىق شارائىتى، تارىخىي ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

شەھەر يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن شەھەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپىگە ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق يولغا قويۇش كېرەك.

7-ماددا شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى دۆلەت زېمىنى يىرىك پىلانى، رايون يىرىك پىلانى، دەريا ۋادىسى يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

8-ماددا دۆلەت شەھەر پىلانلاش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىپ، ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىپ، شەھەر پىلانلاش پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

9-ماددا گوۋۇيۈەن نىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر پىلانلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ شەھەر پىلانلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

10-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شەھەر يىرىك پىلانىغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەمدە شەھەر پىلانىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.

2–باب شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈش

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شەھەر-بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ، شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە يېتەكچى قىلىشى لازىم. 

12-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر يىرىك پىلانى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان بازارنىڭ شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولىدۇ.

13-ماددا شەھەر يىرىك پىلانى تۈزۈشتە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، شەھەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئىلمىي مۆلچەرلەش شەرت؛ شەھەرنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى نورما كۆرسەتكۈچى، ئېچىش تەرتىپىنى دۆلەت ۋە جايلارنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

14-ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەھەرنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، شەھەر مۇھىت تازىلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئاسراش كېرەك.

مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مىللىي ئەنئەنە ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

15-ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق، تۇرمۇشقا قۇلايلىق بولۇش، ئوبوروتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

شەھەر يىرىك پىلانىنى شەھەردە ئوتتىن، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، لاي-تاش ئېقىندىن مۇداپىئەلىنىش، ئامانلىق، قاتناش باشقۇرۇش، خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تۈزۈش، قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جايلار يىرىك پىلانىدا مۇناسىپ ھالدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى شەرت.

16-ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، يەردىن مۇۋاپىق، تېجەشلىك پايدىلىنىش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

17-ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، چارلاش، ئۆلچەش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا زۆرۈر ئاساسىي ماتېرىياللار بولۇش كېرەك.

18-ماددا شەھەر يىرىك پىلانى ئادەتتە، ئومۇمىي پىلان ۋە تەپسىلىي يىرىك پىلاندىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بويىچە تۈزۈلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئوخشىمىغان جايدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىشى، دائىرىسى ۋە سىغىمچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلەش ۋە بېكىتىش ئۈچۈن، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي پىلان ئاساسىدا رايون يىرىك پىلانى تۈزسە بولىدۇ.

19-ماددا شەھەر ئومۇمىي پىلانى شەھەرنىڭ خاراكتېرى، تەرەققىيات نىشانى، تەرەققىيات كۆلىمى، شەھەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، نورما كۆرسەتكۈچى، شەھەر قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەرنىڭ جايلىشىشى، فۇنكسىيىلىك رايون ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، شەھەرنىڭ ئومۇمىي قاتناش سىستېمىسى ۋە دەريا، كۆل، يېشىلزارلىق سىستېمىسى، كەسپىي يىرىك پىلان، يېقىنقى قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

شەھەر بار شەھەرلەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى شەھەر ياكى ناھىيىنىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

20-ماددا شەھەرنىڭ تەپسىلىي يىرىك پىلانىدا شەھەر ئومۇمىي پىلانى ياكى رايون يىرىك پىلانى ئاساسىدا، شەھەرنىڭ يېقىن مەزگىللىك قۇرۇلۇش رايونىدىكى قۇرۇلۇشلارنى كونكرېت پىلانلاش كېرەك.

شەھەرنىڭ تەپسىلىي يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشلارغا كونكرېت ئىشلىتىدىغان يەر دائىرىسى، ئىمارەتلەرنىڭ زىچلىقى، ئېگىزلىكىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى، ئومۇمىي تەكشىلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، قۇرۇلۇشنىڭ تۇرۇبا-لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە تىك لىنىيىلىك يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

21-ماددا شەھەر يىرىك پىلانى دەرىجە بويىچە تەستىقلىنىدۇ. 

بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان، شەھەر نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتكەن باشقا شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ماقۇللىغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىلىدۇ.

بۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 3-تارمىقىدا بەلگىلەنمىگەن شەھەر بار شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ، شەھەرگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جايلاشقان بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ.

شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

شەھەرنىڭ رايون يىرىك پىلانىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ.

شەھەرنىڭ تەپسىلىي يىرىك پىلانىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ، شەھەرنىڭ رايون بويىچە پىلانلانغان تەپسىلىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇھىم تەپسىلىي يىرىك پىلانىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن سىرت، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.

22-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى قىسمەن تەڭشەشنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئەسلىدە تەستىقلىغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ؛ لېكىن شەھەرنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشتا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىرىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

3–باب يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇش ۋە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش

23-ماددا يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇش ۋە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ھەر تەرەپلىمە ئېچىش، يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت. قۇرۇلۇشقا ئورۇن تاللاپ بېكىتىشتە شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى يەتكۈزۈشكە، شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە، شەھەر مۇھىتىنى بۇلغاشقا ۋە بۇزۇشقا، شەھەرنىڭ ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

24-ماددا تۆمۈريول گۇرۇپپىلاشتۇرۇش پونكىتى، تۆمۈريول يۈك ترانسپورت غول لىنىيىسى، ئۆتمە تاشيول، ئايرودروم ۋە مۇھىم ھەربىي ئەسلىھەلەرنى شەھەر رايونىنىڭ سىرتىغا ياساش كېرەك.

پورت قۇرۇلۇشىدا شەھەر ياقىسىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، شەھەر تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ياقا يەرگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

25-ماددا يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇشتا، سۇ مەنبەسى، ئېنېرگىيە، قاتناش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشلىرىغا شارائىت ھازىرلاش ھەمدە قېزىلمىلار، يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئاسار ئەتىقىلەردىن داجىش كېرەك. 

26-ماددا يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇشتا، شەھەرنىڭ ھازىرقى ئەسلىھەلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك.

27-ماددا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، قوغداش، كۈچەيتىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، جايلىشىشنى تەڭشەش، پەيدىنپەي ياخشىلاش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇددەتكە بۆلۈپ يولغا قويۇپ ھەمدە تۇرالغۇ ۋە قاتناش-ترانسپورت شارائىتىنى پەيدىنپەي ياخشىلاپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

4–باب شەھەر يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش

28-ماددا شەھەر يىرىك پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىشى كېرەك.

29-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا يەردىن پايدىلىنىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى شەھەر يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يىرىك پىلان بويىچە باشقۇرۇشقا بويسۇندۇرۇش كېرەك.

30-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئورنىنى تاللاش ۋە جايلاشتۇرۇشنى شەھەر يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش شەرت. لايىھە ۋەزىپىنامىسىنى تەستىقلاشتا، شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئورۇن تاللاش پىكرىنى قوشۇپ يوللاش شەرت. لايىھە ۋەزىپىنامىسىنى تەستىقلاشتا، شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئورۇن تاللاش پىكرىنى قوشۇپ يوللاش شەرت.

31-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندىكى قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار دۆلەت تەستىقلىغان قۇرۇلۇش تۈرىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئورۇن بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇلار ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ ئورنى ۋە پاسىلىنى بېكىتىپ، پىلانلاش، لايىھىلەش شەرتىنى ھازىرلاپ، قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا يەر ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، يەر باشقۇرۇش تارمىقى يەر ئاجرىتىپ بېرىدۇ. 

32-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا ئىمارەت، قۇرۇلما، يول، تۇرۇبا-لىنىيە ۋە باشقا قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساش، كېڭەيتىش ۋە ئۆزگەرتىشتە، مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىپ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش شەرت. شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھەر يىرىك پىلانىدىكى لايىھىلەش تەلىپىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججەتلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىش باشلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

33-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارنى تەستىقلىغان ئىشلىتىش مۆھلىتى ئىچىدە چېقىۋېتىش شەرت، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش ۋە ۋاقىتلىق ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ كونكرېت يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ۋاقىتلىق ئىشلىتىش تەستىقلىغان يەردە مەڭگۈلۈك ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ.

34-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانىغا ئاساسەن چىقارغان يەر تەڭشەش قارارىغا بويسۇنۇشى شەرت.

35-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يول، مەيدان، يېشىلزارلىق، يۇقىرى بېسىملىق توك بىلەن تەمىنلەش كارىدورىنى ۋە يەر ئاستى تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئىگىلىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

36-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا شېغىل ۋە توپا قېزىشتا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارغا تەستىقلىتىش شەرت. شەھەر مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، شەھەر يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

37-ماددا شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندىكى قۇرۇلۇشنىڭ يىرىك پىلان تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى ۋە زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى لازىم. تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار.

38-ماددا شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندىكى پۈتكەن مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتناشقان بولىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندىكى قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئالتە ئاي ئىچىدە شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوللىشى كېرەك.

5–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

39-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇش يېرى تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىۋالغان، يەر ئىگىلىۋالغانلارنىڭ تەستىق ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ئىگىلىۋالغان يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. 

40-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا قۇرۇلۇش گۇۋاھنامىسى ئالماي ياكى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت گۇۋاھنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ، شەھەر يىرىك پىلانىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا، سۈرۈك ئىچىدە چېقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ شەھەر يىرىك پىلانىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، تۈزىتىش تەدبىرى قوللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

41-ماددا قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت گۇۋاھنامىسى ئالماي ياكى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت گۇۋاھنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ.

42-ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار سۈرۈك ئۆتسىمۇ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

43-ماددا شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ھوقۇقىدىن كەلسەم-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

44-ماددا بازار شتاتى بولمىغان زاۋۇت، كان رايونىدىكى مەھەللىلەردە بۇ قانۇن پايدىلىنىدۇ.

45-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزسە بولىدۇ.

46-ماددا بۇ قانۇن 1990-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «شەھەر قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#