ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى
ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى يوپۇرغا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 67 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 281 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11 مىڭ مو. پۈتۈن يېزا قارىمىقىدا تۆت كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، ئاھالىسى 2500 ئادەم.
ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى يىراق، شارائىتى مۈشكۈل، نوپۇس بىر قەدەر ئاز، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ناھايىتى زور. 2011-يىلى پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تەبىئەت بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇشتا يەنە بىر شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات قىممىتى 22 مىليون 780 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5600 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇلۇشى 890 يۈەنگە يەتكەن. پۈتۈن يېزىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتمائىي مۇقىملىق، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا بولغان خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
2012-يىلى ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى داۋاملىق ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنى، مەركىزىي *** خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلوق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيەلىك پارتكوم 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، ناھىيەلىك پارتكومى بېكىتكەن «بىر مەركەز، ئىككى سۇپىسى، ئۈچ چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تۆت قەدەملىك خىزمەت ئۇسۇلى، بەش چوڭ ستراتېگىيە» خىزمەت تەپەككۇرى، خەلق تۇرمۇشى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈلگەن ۋە ياخشىلانغان. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، تىرىشىپ گۈللەنگەن باي، مەدەنىيەتلىك، ئىناق ئاخۇنلۇقۇم يېزىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 مىليون 370 مىڭ يۈەن، 2011-يىلدىكىدىن %15.8 ئاشقان. دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6615 يۈەن بولۇپ، 2011-يىلدىكىدىن 1015 يۈەن ئاشقان.
ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653128207، يېزا قارىمىقىدا 4 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: يىپتۈردىقۇم كەنتى، ئاخۇنلۇقۇم كەنتى، بەختىيار كەنتى، قارلىغاچ كەنتى قاتارلىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.