كامپانېللا

«قۇياش شەھىرى» نىڭ ئاپتورى كامپانېللا قەيسەر جەڭچى بولۇپ، پۈتكۈل ھاياتىدا

30 يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان، 50 نەچچە تۈرمىگە ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈرەش قىلىشنى ھېچقاچان توختىتىپ باقمىغان. ئۇ: «مەن ھىيلە-نەيرەڭ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە شەپقەتسىزلىككە ئوخشاش ئىللەتلەرنى قامچىلاش ئۈچۈن تۇغۇلغان» دېگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كامپانېللا
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1639-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى
چەتئەلچە نامى Tommas Campanella
خەنزۇچە ئىسمى 托马斯·康帕内拉
تۇغۇلغان ۋاقتى 1568-يىل
كەسپى پەيلاسوپ، ئىلاھىيەتشۇناس، شائىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كامپانېللا (1568-1639-يىللار) 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 17-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئىتالىيە مۇتەپەككۇرى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى خىيالىي سوتسىيالىزمچى، ئىتالىيە نىڭ جەنۇبىدىكى كالابرىيە ئۆلكىسىدىكى نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە موناستىردا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان. ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مېنىڭ پۈتۈن بەدىنىم بىر كىچىك مېڭىدە، − لېكىن مېنىڭ ئاچ كۆزلەرچە ئوقۇپ چىققان كىتابلىرىم كۆپلۈكىدىن پۈتۈن دۇنياغىمۇ پاتمايدۇ». 1591-يىلى، ئۇ تۇنجى ئەسىرى- «سەزگۈ ئەزا پەلسەپىسى» نى ئېلان قىلىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ تەلىماتىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. كېيىن، ئۆزىنىڭ قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرغانلىقتىن، دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرىدا دىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

كامپانېللا ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ناپلېس خەلقىنىڭ ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1599-يىلى 9-ئايدا، ئۇ ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن، تۈرمىگە تاشلىنىپ 27 يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدە قەلەمنى قورال قىلىپ، مەشھۇر ئەسىرى − «قۇياش شەھىرى» نى يېزىپ چىققان، بۇ كىتابى 1623-يىلى نەشر قىلىنغان.

«قۇياش شەھىرى» كامپانېللا توقۇپ چىققان غايىۋى شەھەر، بۇ شەھەردە خۇسۇسىي مال-مۈلۈك يوق، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلىدۇ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر كۈنىگە تۆت سائەت ئىشلەپ، قالغان ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇيدۇ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بالىلار ئىككى-ئۈچ يېشىدىن باشلاپ تەربىيىلىنىدۇ، ئون ياشتىن بۇرۇن ھەر خىل پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئىتالىيىدىكى تۆۋەن قاتلام ئاممىسىنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇش، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، سوتسىيالىزم تارىخىدا قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرغان.

 1626-يىلى، كامپانېللا تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رىمغا كەلگەن. ئۇنىڭ تەسىرىدە، ئىتالىيە دە ئىسپانىيە گە قارشى يەنە بىر قېتىملىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈلگەن، نەتىجىدە، ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى يەنە قولغا ئالغان. 1634-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ  فرانسىيە گە قېچىپ كەتكەن. 1639-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن فرانسىيە دە ۋاپات بولغان.[0]

[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/116156.htm

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/116156.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#