ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى كېكىردەك قىسمىنىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر يامراشلىق ياللۇغى، دائىم بوۋاق بالىلاردا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 急性感染性喉炎
ئالاھىدىلىكى كېسەللىنىشى تېز، ئالامىتى ئېغىر
ئاساسلىق ئالامىتى ھاۋىشىغاندەك يۆتەل،ئاۋازى پۈتۈش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بوۋاق بالىلار
ئېغىر ئاقىۋەتى نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىشتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغىئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى كېكىردەك قىسمىنىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر يامراشلىق ياللۇغى، دائىم بوۋاق بالىلاردا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، كېسەللىنىشى تېز، ئالامىتى ئېغىر (كېچىدە كېكىردەك مۇسكۇل بوشىتىشتىن ئاجرالمىلار توسۇلۇپ قېلىپ كېسەللىك ئالامىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ) ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئېغىر بولغاندا كېكىردەك توسۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىشتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى

بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، كېسەللەنگۈچىنىڭ يۆتەل ئاۋازى ئالاھىدە بولۇپ، تاڭ-تاڭ ئاۋازى ياكى كۈچۈكنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. تېبابەتتە ھاۋىشىغاندەك يۆتەل دېيىلىدۇ؛ ئاۋازى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پۈتۈپ قالىدۇ؛ نەپەس سۈمۈرگەندە خىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى نەپەس سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. مەسىلەن: نەپەسلىنىش تېزلىشىش، نەپەس سۈمۈرگەندە كۈچەش قاتارلىقلار، شۇنداقلا قىزىش بىللە كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللەنگۈچىدە يەنە بىئاراملىق، چىرايى تاتىرىش، ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا تۇيۇقسىز يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش، ئالامەتلىرىگە قاراپ داۋالاش , كاناينى يېرىش ئوپېراتسىيەسى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش .

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى ۋە داۋالاش1-ئادەتتە سىرتلاردا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، قۇياش نۇرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش، تەن ساغلاملىقنى كۈچەيتىش , كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك .

2-كىلىمات ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا كىيىمنى ھاۋا كىلىماتىغا ئاساسەن قېلىن نېپىزلىكىنى تەڭشەش، ئىسسىق، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش.

3-زۇكام تارقالغان مەزگىلدە، ئامالنىڭ بارىچە سىرتقا چىقماسلىق، يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش .

4-تۇرمۇشتا قائىدە نىزام بولۇش كېرەك، يېمەك ئىچمەكتە دىققەت قىلىش، يېتىپ قوپۇشتا كەچتە بالدۇر يېتىش ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇش، شامال ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش. ئۇخلىغان ۋاقىتتا شامالدىن ساقلىنىش .

5-ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ؛ ئەتىگەندە، تاماقتىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاش . 

6-مۇۋاپىق مىقداردا نەشپۈت، تۇرۇپ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ يۇتقۇنچاقنى ئاسراش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى 

http://baike.baidu.com/view/1175129.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#