ئالپ تاغ تىزمىسى

ئالپ تاغ تىزمىسى

ئالپ تاغ تىزمىسى ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز ھەم ئەڭ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى. ئۇ غەربتە فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نىتسدىن باشلىنىپ، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتە ۋېنا ئويمانلىقىغىچە بارىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى 120 كىلومېتىردىن 200 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ .

نامى ئالپ تاغ تىزمىسى
خەنزۇچە نامى 阿尔卑斯山脉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالپ تاغ تىزمىسىئالپ تاغ تىزمىسى ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز ھەم ئەڭ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى. ئۇ غەربتە فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نىتسدىن باشلىنىپ، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتە ۋېنا ئويمانلىقىغىچە بارىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى 120 كىلومېتىردىن 200 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ كەڭ جايى 300 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تاغ تۈزۈلۈشى ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3000 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. 

ئالپ تاغ تىزمىسىغا ئۆسۈملۈكلەر بەلۋاغسىمان ھالەتتە تارقالغان، تاغ ئېتىكىدىن يۇقىرىسىغا قاراپ رەت بويىچە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى، سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى ۋە ئېگىز تاغ ئوتلىقى قاتارلىق تەبىئىي بەلۋاغلار تارقالغان. ياز پەسلى بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى سالقىن بولۇپ، ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ؛ قىش پەسلى كۆڭۈلدىكىدەك قار تېيىلىش ۋە قار مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىش ئورنىدۇر. 

فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاساسلىق چوققىسى— بلان چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4810 مېتىر كېلىدۇ، بۇ چوققا يىل بويى قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغانلىقتىن، شۇنداق ئاتالغان، ئۇ ياۋروپادىكى مەشھۇر ئېگىز تاغ چوققىسىدۇر. نۇرغۇن تاغ چوققىلىرىدا تاغ جىنسلىرى چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. تاغلىق رايوندا يەنە نۇرغۇن چوڭقۇر مۇز ئوقۇرى ۋە مۇز كۆلى بار. ھازىرغا قەدەر ئالپ تاغ تىزمىسىدا يەنە 1000 دىن ئارتۇق ھازىرقى زامان مۇزلۇقى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 3600 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ياۋروپادىكى لۇكسېمبۇرگ دۆلىتىنىڭ زېمىنىدىنمۇ چوڭ. 

ئالپ تاغ تىزمىسىئالپ تاغلىق رايونى ئەسلىدە قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى، ئېگىز پۈرمىلىك تاغ تىزمىسى ھىمالايا تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتىدە شەكىللەنگەن، مۇز چوققىلىرى، مۇز ئوقۇرلىرى بولسا مۇزلۇقنىڭ قالدۇق ئىزلىرىدۇر. ئېگىز ئالپ تېغى شەكىللەنگەن2 مىليون يىلدىن بۇيان، ياۋروپا بىرقانچە قېتىملىق مۇز دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈردى، ئالپ تاغلىق رايونى 2000 مېتىر كېلىدىغان قېلىنلىقتىكى مۇز قاتلىمى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. مۇزلۇقلارنىڭ تاغ جىنسلىرىنى ئۇپرىتىش ۋە يەر يۈزىنى يىمىرىشتىن نۇرغۇن تىك قىيالار، ئۇچلۇق مۇز چوققىلار ۋە مۇز ئوقۇرلىرى ھاسىل بولۇپ، بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. 

ئالپ تېغىئالپ تېغى بىر غايەت زور سۇ بۆلگۈچ. ئۇ ياۋروپادىكى رېين دەرياسى، دۇناي دەرياسى قاتارلىق نۇرغۇن دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر، سۇ كۈچى بايلىقى ئىنتايىن مول، بىرېنېر، سىمپلون، سانت گوتتاردو قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ياۋروپانىڭ تاغ ئېغىزى ئۆتكەللىرىگە تۆمۈريول تونېللىرى قېزىلدى. فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە بىرلىشىپ ياسىغان بلان چوققىسى تاشيول تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11600 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ پارىژ بىلەن رىم ئارىسىدىكى ئارىلىقنى 220 كىلومېتىر ئەتراپىدا قىسقارتتى.

جۇغراپىيىلىك ئورنى 

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ تاغ. ئۇ غەربتە فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ئارقىلىق ئاۋىسترىيىنىڭ پايتەختى— ۋېنا شەھىرىگە قەدەر 1200 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. تاغنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتردىن 200 كىلومېترغىچە، بەزى جايلىرى 300 كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتردىن ئاشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر 

ئالپ تېغى مون بالان چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4810 مېتر بولۇپ، ئۇ ئالىپ تېغى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. تاغلىقنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن، تاغلىقتىكى ھازىرقى دەۋر تاغ مۇزلۇقلىرىنىڭ مەيدانى 4000 كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. كىلىتچە ئالپ، نېمىسچە ئالپىن، فرانسوزچە ئالپېس، ئىتالىيانچە ئالپى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نۇ نام تاغنىڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىگە قاراپ قويۇلغان. ئالىپ تېغى گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتتىن ئېيتقاندا ئەڭ يېڭى ئالىپ ھىمالا:يا تاغ ياساش ھەرىكىتى مەزگىلىدە كونا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ئورنى ئاساسىدا كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن شەرق، جەنۇب، غەربكە قاراپ بىر قانچە تارماق تاغ تىزمىسى بۆلۈنۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ شەرققە سوزۇلغان قىسمى كاراپات تېغى، شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان قىسمى ئاپىنېن تېغى، غەربكە سوزۇلغان قىسمى پىرىنى تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاغلارنىڭ ھەممىسى زەنجىرىسىمان ھالەتتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى ئارقىلىق تاكى دېڭىز قىرغاقلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.








ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#