دەننىس خەيس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇنيا يەرشارى كۈنى ئاتىسى دەننىس خەيس، ئامېرىكا ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل كۇلۇمبىيە دېڭىز بوغۇزىدا تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا تەبىئەتنى سۆيۈشتەك خاسلىقنى يېتىلدۈرگەن. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدا ئوقۇغان كەسپىي قانۇن بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل ھالدا مۇھىت مەسىللىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن قول ئۈزمىگەن. بىرىنجى قېتىملىق «دۇنيا يەرشارى كۈنى» پائالىيتىدىن كېيىن، «يەر شارى كۈنى ئاتىسى» دەپ نام بېرىلگەن خەيس ئىلگىرى كېيىن سىمىسنىېن تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىلىنو شىتاتى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ئېنىرگىيە مەسلىسى جەھەتلەردىكى ھۆكۈمەت چارىلىرىنى تەتقىق قىلغان. كېيىن يەنە ئامېرىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئېنىرگىيە بۆلۈم باشلىقى شىلەيشىنگېنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، ئېنىرگىيە بۆلۈمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان قۇياش ئېنىرگىيسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. خەيس ئىزچىل مۇھىت ئاسراش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، 1955-يىلى ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا يەرشارى كۈنىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى پائالىيتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. ئۇنىڭ تەشەببۇسى ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
دەننىس خەيس 1978-يىلى 35 يېشىدا جېفىرسون ئەڭ ئالىي جەمئىيەت مۇلازىمىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، يەنە قىياپەت ژورنىلى (Look Magazine) تەرىپىدىن 20-ئەسىردىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور 100 ئامېرىكىلىقنىڭ بىرى دەپ باھالانغان، شۇنداقلا دۆلەتلىك ئادۇبون جەمئىيتى تەرىپىدىن مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە تۆھپىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك 100 شەخىسنىڭ بىرى دەپ باھالانغان. 2000-يىلى ئۇ يەنە داڭلىق دەۋىر ھەپتىلىك ژۇرنىلى (Time Magazine) تەرىپىدىن 100 نەپەر «يەر شارى قەھرىمانى» نىڭ بىرى دەپ نام بېرىلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.