كەندىر ئۇرۇقى

كەندىر ئۇرۇقى

كەندىر ئۇرۇقى كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، خۇشال قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كەندىر ئۇرۇقى
پارسچە نامى سوپۇپى بەزورۇلبەنجى(پ)
ئوردۇچە نامى شاھدانە ، بەڭگى كىبىج (ئو)
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
ئەرەبچە نامى بەزورۇل قنەب (ئە)
ئىنگلىزچە Hemp Fruit
تەمى تەمى سۇس
ۋاقتى 10-11-ئايلاردا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەندىر ئۇرۇقىبۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 1~3 مېتىر ئۆسىدىغان، 

بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەندىرنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇرۇق پوستى توق يېشىل رەڭلىك، تەمى سۇس، پۇرىقى ئاز، چاينىسا تىلىنى قورۇيدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى « بەڭ » ياكى بەزۇرۇلقەنەب نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆستۈرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۇنى قىنەب.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى « بەڭ » ياكى بەزۇرۇلقەنەب نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

بۇنىڭ تەركبىدە %30 مايلىق ياغ بولۇپ، بۇ ياغنىڭ يېڭىسى سارغۇچ يېشىل، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قوڭۇرسىمان سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ماينىڭ تەركىبىدە%10تويۇنغان ماي كىسلاتاسى،%12ياغ كىسلاتاسى، %53 زىغىر كىسلاتاسى،كەندىرماددىسى (..A,B,C,D)،ئاقسىل،ۋىتامىن B2 بار.

بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەندىرنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇرۇق پوستى توق يېشىل رەڭلىك، تەمى سۇس، پۇرىقى ئاز، چاينىسا تىلىنى قورۇيدۇ.

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، باھ ئاجىزلىقى، ھەيز كۆپ كېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، ھەر خىل ئاغرىشلىق كېسەللىكلەر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مەست قىلىش، تىنچلاندۇرۇش، تۇتۇش (قابىزلىق)، ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، خۇشال قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

مەسىت قىلغۇچى دورا

ئورۇنباسارى

كۈنجۈت، پىستە.

ئەكىس تەسىرى

مېڭە خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، مالىخولىيا ۋە ساراڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قايماق، سۈت، سىركەنجىۋىل، ھەسەل.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

سۈرۈش،قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان بىسىمىنى چۈشۈرىش،ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش

1. كەندىر ئۇرۇقىدىن 1.5 گرام، تاباشىردىن 3 گرام ئېلىپ سوقۇپ ،كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىدۇ.

 2. كەندىر ئۇرۇقىدىن1 گرام، ئۈستقۇددۇسدىن 5 گرام، گاۋزىباندىن 7 گرام، سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ئۇيقۇسىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 3. كەندىر ئۇرۇقىدىن 2 گرام، سۆئلەپتىن 3 گرام، شاقاقۇلدىن 5 گرام، بۇغا مۈڭگۈزىدىن 1.5 گرام ئېلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، باھ ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، باھ ئاجىزلىقى، ھەيز كۆپ كېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، ھەر خىل ئاغرىشلىق كېسەللىكلەر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆپ ئىشلەتسە باشنى ئىغىرلاشتۇرىدۇ، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرىش پەيدا قىلىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=409

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#